ئاۋسترالىيە

ئاۋسترالىيە

ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيەسى (Commonwealth of Australia) قىسقارتىلىپ ئاۋسترالىيە دىيىلىدۇ. ئاۋسترالىيە جەنۇبىي تىنچ ئوكيان بىلەن ھىندى ئوكياننىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، ئاۋسترالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تاسمانىيە ئارىلى قاتارلىق ئاراللار ۋە چەت ئەلدىكى زېمىندىن تەركىب تاپقان.

ئۇيغۇرچە نامى ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيەسى
قىسقارتىلغان نامى ئاۋسترالىيە 澳大利亚,澳洲
پايتەختى كانبېررا
سىياسى تۈزۈلمىسى پارلامېنت تۈزۈمىدىكى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمى
نوپۇس زىچلىقى 2.91/ كىۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 澳大利亚联邦
قىتئە تەۋەلىكى ئوكيانىيە
دۆلەت شېئىرى " ئىلگىرلە، ئاۋىسترالىيە "
نوپۇسى 23 مىليون 800 مىڭ (2015-يىلى)
يەر مەيدانى 7 مىليۇن 617 مىڭ 930 كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاۋسترالىيەئاۋسترالىيە فېدېراتسىيەسى (Commonwealth of Australia) قىسقارتىلىپ ئاۋسترالىيە دىيىلىدۇ. ئاۋسترالىيە جەنۇبىي تىنچ ئوكيان بىلەن ھىندى ئوكياننىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، ئاۋسترالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تاسمانىيە ئارىلى قاتارلىق ئاراللار ۋە چەت ئەلدىكى زېمىندىن تەركىب تاپقان. ئاۋسترالىيە شەرقتە تىنچ ئوكياندىكى مارجان ئارىلى بىلەن تاسمان دېڭىزىغا، غەرب، شىمال، جەنۇبتا ھىندى ئوكيان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزلارغا تۇتىشىدۇ، دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسى 36 مىڭ 700 كىلومېتىر كېلىدۇ. 

يەر مەيدانى: 7 مىليون 617  مىڭ 930 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادا 6-ئورۇندا تۇرىدۇ.

نوپۇسى: ئاۋسترالىيەنىڭ 2015-يىلى بىرىنچى ئايدىكى نوپۇسى 23 مىليون 800 مىڭ بولۇپ ئاۋسترالىيە  ئاھالىسىنىڭ %48 ى ئەنگلىيىلىكلەر ۋە %18 نى شوتلاندىيىلىكلەر، %12 نى ئېرلاندىيىلىكلەرنىڭ پۇشتى، %5 ىنىى گىرىتسىيە، %5 نى گېرمانىيە، %5 نى ئىتالىيە، %3 نى شوتلاندىيىلىكلەرنىڭ پۇشتى تەشكىل قىلىدۇ، جۇڭگۇ مۇھاجىرلىرى ئاۋىستىرالىيەدىكى ئەڭ مۇھىم ئىرقى تۈركۈم بولۇپ ئاھالىنىڭ %7 نى، يەرلىك مىللەتلەر تەخمىنەن %2.3 نى ئىگىلەيدۇ.

ئاۋسترالىيەئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىسى يەرلىكلەر ئىدى. ئەنگلىيىلىك دېڭىزچى جېمس كوك 1770-يىلى ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا كېلىپ، ئەنگلىيىنىڭ بۇ زېمىننى ئىشغال قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەنگلىيىلىك كۆچمەنلەر 1788-يىلى 26-يانۋار ئاۋسترالىيىگە كېلىپ، مۇستەملىكە بەرپا قىلىشقا باشلىغان. بۇ كۈن كېيىن ئاۋسترالىيىنىڭ دۆلەت بايرىمى قىلىنغان. ئەنگلىيە پارلامېنتى 1900-يىلى 7 - ئايدا «ئاۋسترالىيە قوشما شتاتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە «بېرىتانىيە دومىنىئون نىزامى» نى ماقۇللىغان. ئاۋسترالىيىدىكى مۇستەملىكىلەر 1901-يىلى 1 - يانۋار شتاتقا ئۆزگەرتىلىپ، ئاۋسترالىيە قوشما شتاتى قۇرۇلغان.

1901 -يىلى ئەنگىلىيىنىڭ «ئاپتونومىيىلىك تېررىتورىيىسى »بولغان . 1913-يىلى ئىتىپاقداش بولغان ھەم مۇستەقىللىقنى ئېلان قىلىپ ، ئەنگىلىيە فېدىراتسىيىسىگە  ئەزا دۆلەت بولغان . 

ئاۋسترالىيە 1931-يىلى ئەنگلىيە قوشما شتاتىنىڭ ئىچىدىكى مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلانغان. ئەنگلىيە پارلامېنتى 1986-يىلى «ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەت قانۇنى» نى ماقۇللىغان، ئاۋسترالىيە مۇستەقىل قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى ۋە ئەدلىيىلىك ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

ئاۋسترالىيەدىنى : ئاۋسترالىيىلىكلەرنىڭ %26.4 كاتولىك دىنىغا، %20.5 ئەنگىلىكان دىنىغا، %20.5 پىروتىستانت دىنىغا، %11 ى پىراۋىسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇددىستلار %2 ، مۇسۇلمانلار %2، يەرلىك دىنلار %1 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلى ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت تىلى بولسىمۇ ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز ئانا تىلىنىمۇ قوللىنىدۇ، چوڭراق تىللاردىن %2 ئاھالە ئىتالىيان تىلىدا، %2 ئاھالە گىرىك تىلىدا، %3 ئاھالە خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىدۇ. 

ئاۋسترالىيەنىڭ پۇلى ئاۋسترالىيە دوللىرى بولۇپ 2002-يىلى ئاۋسترالىيە دوللىرى 1.84 = بىر دوللار، 2004-يىلى 1.36 ئاۋسترالىيە دوللىرى = بىر دوللار، 2006-يىلى 1.33 دوللاربولۇۋاتىدۇ.

بايرىقى 

ئاۋسترالىيەئاۋىسترالىيە دۆلەت بايرىغىدىكى يۇلتۇزنىڭ ئەڭ چوڭى ئىتىپاقداش بولغان ئالتە شىتات بىلەن بىر ئاپتۇنۇم رايۇننى ، قالغان بەش يۇلتۇز  تىنچ ئوكيان ئاسمىنىدىكى جەنۇبىي كىرېستيۇلتۇز تۈركىمىنى بىلدۈرگەن ؛ بايراقنىڭ كۆك رەڭلىك بولىشى ئاۋىسترالىيە زىمىنىنىڭ  تۆت ئەتراپى دېڭىز ئىكەنلىگىنى بىلدۇرگەن ؛ دۆلەت بايرىقىنىڭ ئۈستى سول بۇرجىگىدىكى ئەنگىلىيىنىڭ قوش كىرېستلىك بايرىقى بولۇپ ، ئۆزىنىڭ ئەنگىلىيە بىلەن بولغان زىچ ئەنئەنىۋى مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگەن . 1954-يىلى ئەنگىلىيىنىڭ ئايال پادىشاھى ئېلزابېت 2 ئاۋىسترالىيىنى  زىيارەت قىلغاندا بۇ بايراقنى  ئاۋىسترالىيە ئىتىپاقىنىڭ دۆلەت بايرىقى قىلىشنى بېكىتكەن .

گېربى 

ئاۋسترالىيەئاۋىسترالىيە دۆلەت گېربىدا ئاق جايدىكى قىزىل رەڭلىك ساينت گېئورگ كىرىستى بىلەن ئالتۇن شىر  يېڭى جەنۇبىي ئۇئېلىس شىتاتىنى ، كۆك جايدىكى ئاق يۇلتۇز بىلەن ئالتۇن تاج ۋىكتۇرىيە شىتاتىنى ، ئاق جايدىكى مالتا كېرىستى بىلەن  پادىشاھ تاجىسى كۋنسلېند شىتاتىنى، سېرىق جايدىكى ئاققۇ غەربىي ئاۋسترالىيە شىتاتىنى ، ئاق جايدىكى قىزىل شىر تاسمانىيە شىتاتىنى بىلدۈرگەن . 

گېرىبنىڭ ئىككى يېنىدىكى بىر كىنگۇرۇ بىلەن بىر ئاۋسترالىيە تۆگىقۇشى ئېۋكالىپت دەرىخىگە قونغان بولۇپ  ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئالاھىدە ئەتىۋالىق ھايۋانلىرىنى بىلدۈرگەن . پورەكلەپ ئېچڭلغان سېرىق ئاكاتسىيەلەر  جەنۇبىي يرىم شاردىكى ھەر ۋاقىت كۆكىرىپ تۇرىدىغان گۈزەل مەنزىرىنى نامايەن قىلغان ھمدە ئۇنى ئوكيانىينىڭ سىمۋولى دەپ قارىغان .

ئاۋسترالىيەئاۋسترالىيە ئەنگىلىيەنىڭ دومىنىئونى بولۇپ ئەنگىلىيە پادىشاھى تەيىنلىگەن ئاۋىستىرالىيە ۋالىسى ئاۋسترالىيەنىڭ سىمىۋوللۇق دۆلەت رەھبىرى ھىساپلىنىدۇ، پارلامېنت ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن باش مىنىستىر دۆلەتنىڭ مۇداپىئە، ئىقتىساد ۋە مەمۇرى ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. 

ئاۋسترالىيەئاۋسترالىيەنىڭ ئىقتىساد ۋە سانائىتى تەرەققى قىلغان بولۇپ، ئىقتىسادىدا ئاشلىق تېرىش ۋە چارۋىچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېزا ئىگىلىك كىرىمى %3.7، سانائەت ۋە كانچىلىق كىرىمى %26 ، مۇلازىمەت كىرىمى %70 نى ئىگەللەيدۇ. 2006-يىلى مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتى 644 مىلىيارد دوللاربولۇپ كىشى بېشىغا 33 مىڭ 300 دوللاردىن توغرا كەلگەن. نېفىت قاتارلىق ئىمپورت خام ئەشيالىرىنىڭ باھاسى ئۆرلەپكەتكەنلىكتىن ئاۋسترالىيەنىڭ 2004-يىلىدىن بۇيان يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش نىسبىتى %2 دىن %3 گىچە بولۇۋاتىدۇ.

2007-يىلى 1-ئايدا ئاۋسترالىيەنىڭ مۇقىم تېلفون ئابونتى 10 مىليون 10 مىڭ، يانفون ئابونتى 19مىليون 760 مىڭ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلىرى 15 مىليون 701 مىڭ بولغان.

قېزىلما بايلىقى

ئاۋسترالىيەئاۋسترالىيىنىڭ قېزىلما بايلىقى مول، دۇنيادىكى مۇھىم قېزىلما بايلىق ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت. ئاۋسترالىيىدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان قېزىلمىنىڭ تۈرى 70دىن كۆپ بولۇپ، قوغۇشۇن، نىكېل، كۆمۈش، تانتال، ئۇران، سىنك قاتارلىقلارنىڭ زاپىسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاۋسترالىيە دۇنيا بويىچە ئاليۇمىن، ئاليۇمىن ئوكسىد، ئالماس، قوغۇشۇن، تانتال ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت، كۆمۈر، ئاليۇمىن، قوغۇشۇن، ئالماس، سىنك ۋە نەپىس قېزىلمىلارنى ئېكسپورت قىلىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت، ئاليۇمىن ئوكسىد، تۆمۈر رۇدىسى، ئۇران ئېكسپورت قىلىدىغان 2 - چوڭ دۆلەت ھەم ئاليۇمىن، سېرىق ئالتۇن ئېكسپورت قىلىدىغان 3 - چوڭ دۆلەت. 

ئىشلەپچىقىرىش بايلىقى 

ئاۋسترالىيەئاۋسترالىيىنىڭ چارۋىچىلىقى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، «قوي ئۈستىدىكى دۆلەت» دېگەن نامى بار، ئاۋسترالىيە دۇنيادىكى قوي سانى ئەڭ كۆپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قوي سانىيېڭى زىلاندىيەدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان، دۇنيادىكى قوي يۇڭى ۋە كالا گۆشىنى ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت. ئاۋسترالىيىنىڭ بېلىق بايلىقىمۇ ئىنتايىن مول بولۇپ، دۇنيا بويىچە 3 - چوڭ بېلىقچىلىق رايونى، ئاساسلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن پراۋن(راكنىڭ بىر تۈرى)، چوڭ راك، سەدەپ، تۇننۇس بېلىقى، يەلپۈگۈچسىمان قۇلۇلە، ئويستېر قۇلۇلىسى قاتارلىقلار بار.

ساياھەتچىلىك بايلىقى 

ئاۋسترالىيەساياھەتچىلىك ئاۋسترالىيىدىكى ئەڭ گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ بىرى. داڭلىق ساياھەت شەھەرلىرى ۋە سەيلىگاھلار ئاۋسترالىيىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان. خوبارتنىڭ ئىپتىدائىي ئورمان باغچىسى، مىلبورن مەدەنىيەت سارىيى، سېدنېي تىياتىرخانىسى، چوڭ توسما خادا تاشلار مەنزىرىسى، يەرلىكلەرنىڭ ماكانى بولغان كاكادۇ دۆلەت باغچىسى، يەرلىك مەدەنىيەت رايونى بولغان ۋېللانج كۆلى رايونى ۋە ئۆزگىچە مەنزىرىگە ئىگە شەرقىي دېڭىز قىرغىقى سۇپتروپىك بەلباغ ۋە تروپىك بەلباغ ئورمىنى باغچىسى قاتارلىق سەيلىگاھلار ھەر يىلى نۇرغۇن چەت ئەللىك ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ.[0][1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#