تازىمچى قۇرت
تازىمچى قۇرت قالقان قاناتلىقلار ئەترىتىنىڭ تازىمچى سازلىق قوڭغۇزى ئائىلىسىگە تەۋە. ئۇلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا بايقالغانلىرى 8000 خىلدىن ئاشىدۇ، جۇڭگودا مەلۇم بولغىنى تەخمىنەن 600 خىل.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تازىمچى قۇرت قالقان قاناتلىقلار ئەترىتىنىڭ تازىمچى سازلىق قوڭغۇزى ئائىلىسىگە تەۋە. ئۇلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا بايقالغانلىرى 8000 خىلدىن ئاشىدۇ، جۇڭگودا مەلۇم بولغىنى تەخمىنەن 600 خىل. ئۇنىڭ بېشى ئۇچلۇق، گەۋدىسى تار، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 3 ~ 4 سانتىمېتىر قارىماققا ھېچقانداق ئالاھىدە ئەمەس، لېكىن ئۇنى ئۆز قولىمىزدا تۇتقاندىلا، غەلىتە ئىشلار يۈز بېرىدۇ، ئۇ ئالدى بىلەن ئالدى كۆكرىكىنى ئېگىپ، بېشىنى ساڭگىلىتىدۇ، ئاندىن يەنە تۇيۇقسىز قەددىنى تىكلەپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ، «كار-كار» قىلغان ئاۋاز چىقىرىدۇ، خۇددى توختىماي سەجدە قىلغاندەك ھەركىتىنى داۋام قىلىدۇ. ئۇنى قۇيۇپ بەرمىگىچە توختىماي تازىم قىلىش ھەركىتىنى توختاتمايدۇ، تۇرقى كۈلكىلىك، ئادەمنىڭ كۈلگىسىنى كەلتۈرىدۇ، شۇڭا بۇ جانىۋار «تازىمچى قۇرت» نامى بىلەن ئاتالغان.
تازىمچى قۇرتنىڭ تېنى ئىنچىكە، ئۇزۇن ھەم سەل ياپىلاق، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 18 مىللىمېتىر، قېنىق بېغىر رەڭ، پارقىراق، قويۇق ئالتۇن رەڭلىك قىسقا تۈكلۈك. بېشى ياپىلاق، بېشىدا ئۈچ بۇرجەك پېتىنقى شەكىللىك ئويمان بار، بىر جۈپ مۇرەككەپ كۆزى بار.
ئەركەك ھاشارات سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى 11 بوغۇملۇق، ھەرە چىشسىمان. چىشى قۇرتنىڭ 12 بوغۇملۇق يىپسىمان، ئۇزۇنلۇقى قاتتىق قانات ئۇچىغا يىتىدۇ.
كۆكرىكىنىڭ ئارقا سىپىدە مۈڭگۈزسىمان كۆتۈرلۈپ چىققان ئوتتۇرا كۆكرىكى بىلەن قاماللاشقان. قانىتى ئىككى جۈپ، قاسرىقىدا بۇيىغا كەتكەن ئۇيۇقچىسى بار، ئاخىرقى ئۇچى تەدرىجىي تارايغان. ئۈچ جۈپ پۇتى بولىدۇ، سارغۇچ پور رەڭ، تاپان بوغۇمى بەش بوغۇملۇق بولۇپ ئالدى ئىككى پۇتىنىڭ ئاساسىي بوغۇمى شارسىمان، كەينى پۇتىنىڭ ئاساسىي بوغۇمى ياپىلاق تاختىسىمان. قورسىقىدا بەش بوغۇمى بار، ھەر قايسىسىنىڭ ھەركىتى ئەركىن.
لىچىنكىسىنىڭ تېنى ئۇششاق يۇمىلاق ھەم ئۇزۇن، بىر ئاز ياپىلاق، پوستى مۈڭگۈزى ئالتۇن سېرىق ئىككى تەرىپى تۈكلۈك. لىچىنكىسىنىڭ كۆپ قىسمى يەر ئاستىدا ياشايدۇ، زىرائەتلەرنىڭ ئۇرۇقى، يىلتىزى ۋە غولى قاتارلىقلارنى غاجاپ يەيدۇ.
پۈتۈن دۇنيادىكى بايقالغان تۈرى 8 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ، جۇڭگودا مەلۇم بولغانلىرى 600 نەچچە خىل. يېتىلگەن لېچىنكىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆسۈملۈكخور بولۇپ، چىرىندى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، ياغاچ يەيدۇ، ئاز ساندىكى گۆشخور، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىمى دېھقانچىلىققا، كۆپ قىسىمى ئوت، كۆكتات، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ مۇھىم زىيانداش ھاشارىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز باش ھەرىكىتى قېچىشىنىڭ بىر خىل شەكلى. شۇڭلاشقا تازىمچى قۇرتنىڭ تازىم قىلىشى خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش ۋە قىيىنچىلىقلاردىن ھالقىشىدىكى قابىلىيىتى. تازىمچى قۇرت يەنە تازىم قىلىش ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ، يات جىنسلىقلىرىنى جەلپ قىلىدۇ. ئۇ بىر خىل ئىنتايىن ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان زىيانداش ھاشارات ھېسابلىنىدۇ.
تازىمچى قۇرتنىڭ خەتەردىن قوغدىنىش ئۇسۇلى ئىنتايىن غەلىتە. ئەگەر خەتەرگە ئۇچرىسا، ئۇلار ئوڭدىسىغا يىقىلىپ چۈشىدۇ، پۇتىنى تېنىنىڭ ئىككى يان تەرىپىگە مەھكەم چاپلاپ، ئاندىن تۇيۇقسىز «كار» قىلغان ئاۋاز بىلەن بەدىنىنى ئاسمانغا قارىتىپ ئاتىدۇ.
تازىم قىلىش پىرىنسىپى: ئۇنىڭ ئالدى كۆكسىنىڭ دۈمبىسى بىلەن قالقان قانىتى ئايرىلىپ تۇرىدىغان قىسمىدا توغرا چاك (ئويمان)، كۆكرەك قورساق تاختىسى ئارقىغا سوزۇلغان بىر شىناسىمان ئۆسۈكچىسى بار، دەل ئوتتۇرا كۆكرەك قورساق تاختىسى ئويمان، جىلغا ئىچىگە قىستۇرۇلغان، شۇنداق قىلىپ سەكرەش تۈزۈلۈشىنى شەكىللەندۈرگەن.
تازىمچى قۇرتنىڭ لىچىنكىسى سېرىق رەڭدە بولۇپ، خۇددى يىڭنىگە ئوخشاش، سېرىق سىم قۇرت ۋە تۆمۈر يىپچە قۇرت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ دائىم يەر ئاستىدا ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى، يىلتىزى ۋە غولىنى غاجاپ چىشلەپ يەيدۇ. تازىمچى قۇرت ناھايىتى كەڭ تارقالغان، بۇغداي ، قوناق، تېرىق، بىنەم شېلى، چۈجگۈن قوناق، ياڭيۇ، كېۋەز، كۆكتات قاتارلىق زىرائەتلەرگە بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىنچىكە كۆرەكلىك تازىمچى قۇرت ۋە قوڭۇر پۈرمە تازىمچى قۇرت قاتارلىقلار بار. سۇغىرىش تازىمچى قۇرتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتالايدۇ.
«يىغىش ۋە ساقلاش» ئەتىيازدىن كۈزگىچە تۇتىلغاندىن كېيىن، قايناق سۇدا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش، قاقلاپ قۇرۇتۇش.
«تەمى»: تەمى ئاچچىق، سەل ئىسسىق.
«دورلىق ئورنى»: جىگەر، بۆرەك.
«خۇسۇسىيىتى ۋە ئىشلىتىلىشى» پەيلەرنى چىڭىتىش، بەزگەكنى كېسىدۇ، ئاساسىي پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش ۋە كۈچسىزلىنىش، كىچىكىدە كېچىكىپ ئايىغى چىقىش، بەزگەك قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
«ئىشلىتىش مىقدارى»: ئىچىلىدۇ، 10 ~ 15 تالنى دۈملەپ پىشۇرۇش ياكى ئىزىپ تالقانلاش. سىرتقى ئىشلىتىشتە، مۇۋاپىق مىقداردا يەرلىك ئورۇنغا چاپلاش.
تازىمچى قۇرت ئىلگىرى جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە كەڭ تارقالغان، جەنۇبىي جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، جياڭشى قاتارلىق ئۆلكىلەرگە كۆپ مەركەزلىشىپ تارقالغان. تازىمچى قۇرتنىڭ لىچىنكىسى تۇپراقتا تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ يىلتىزسىمان غولى قاتارلىقلارنى ئوزۇق قىلىدۇ، شۇڭا تازىمچى قۇرت بىر خىل يېزا ئىگىلىك زىيانداش ھاشارىتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.