ئەتلەس

ئەتلەس – ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي يەرلىك قول ھۈنەر مەھسۇلاتى، ئۇ رەڭ، نۇسخا تەلىپى بويىچە توقۇلۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يىپەك رەختلىرىنىڭ بىرى.بۇياش جەريانىدا گۈل نۇسخىلىرىنىڭ رەڭگى ئاساسەن خىلمۇ-خىل رەڭدە بويىلىدۇ. ئۇ خۇددىي قەلەم بىلەن سىزىپ چىققاندەك گىرەلىشىپ، ئارىلىشىپ كەتكەن تەرتىپ ھالىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، نۇسخىلىرىمۇ ئۆزگىرىشچان ئىستېتىك ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئەتلەس
خەنزۇچە ئىسمى 艾提莱斯绸

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەتلەس-ئۇيغۇر يىپەكچىلىكىدىكى داڭدار مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يىپەك رەختلىرىدىن بىرى، شۇڭا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىدە بىر يۈرۈشتىن ئەتلەس كۆڭلەك بولىدۇ. مەلۇم نۇقتىدا ئەتلەس كۆڭلەكنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مىللىي بەلگىسى دېيىش مۇمكىن.

ئەتلەس-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېستېتىك تەپەككۇرىدا ئۆز يېرىنىڭ يەر تۈزۈلۈشىنى، گۈزەل باغۇ بوستانلىرىنى، يېشىل لېنتىدەك سوزۇلۇپ ئاققان دەريالىرىنى نەپىس ۋە رەڭدار يىپەك بىلەن تەقلىدىي ئىپادە قىلغان سەنئەت خەرىتىسىدۇر.

ئەتلەس – ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي يەرلىك قول ھۈنەر مەھسۇلاتى، ئۇ رەڭ، نۇسخا تەلىپى بويىچە توقۇلۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يىپەك رەختلىرىنىڭ بىرى. ئۇ تەبىئىي ئالاھىدىلىك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن، جۇشقۇن ھالىتىنى ئىپادىلەيدۇ.

 ئۇيغۇر ئەتلەسلىرىنىڭ رەڭگى جۇلالىق بولۇپ، كۆپ ھاللاردا قىزىل، كۆك (ھاۋارەڭ) سېرىق، ماش رەڭ، قارا، زەيتۇن رەڭلىرىدە بولۇپ، بىر خىل ئەتلەس ئادەتتە ئۈچ-تۆت خىل رەڭنىڭ مۇۋاپىق بىرىكىشىدىن تەركىب تاپىدۇ.

ئەتلەس ئاساسەن قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا پىششىقلىنىدۇ ئۇسلۇبى ئوخشىمايدۇ. ئەتلەسنىڭ كۆپ ھاللاردىكى نۇسخىسى بادام گۈلى، تاختاي گۈل نۇسخىسى ۋە تاغاق گۈلى قاتارلىق نۇسخىلاردا بولىدۇ. بۇ يىپەك رەخت ساپ پىلە غوزىسىدىن توقىلىدۇ. نۇسخىسى رەڭدار، جۇشقۇن، يارقىن، گۈل شەكلى ئۆزگىچە، ئىخچام، جانلىق، رەڭگى كۈچلۈك، راۋان، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر –سەنئەت ئۇسلۇبى ۋە قايناق زىننەت گۈزەللىكىنى ئىپادىلەپ، كىشىگە ئېستېتىك ھوزۇر بېغىشلايدۇ. 

    ئەتلەس- پىلىدىن يىپ ئىگىرىپ ، ئۇنى بۇياپ، قول ئارقىلىق توقۇپ چىقىلىدۇ. شىنجاڭدىكى خەنزۇلار ئەتلەسنى، ‹‹يەرلىك يىپەك›› دەيدۇ. ئۇنىڭ رەڭگى ئاق-قارا كىرىشتۈرۈلگەن ياكى قىزىل–يىشىل رەڭ بىرىكتۈرۈلگەن، رەڭدار گۈللىرى كۆزنى قاماشتۇرۇپ، رومانتىك تۈس پەيدا قىلىدۇ ، كەيسىڭىز سىزنى ئۇچىڭىزدا رەڭگارەڭ بۇلۇتلار لەيلەۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھالقا، ئۈزۈك، بىلەيزۈك، مارجانلارنىڭ كىرىشمە نۇرلىرى كىشىلىك ھاياتنىڭ جەزبىدار، يارقىن ساپ گۈزەللىكنى ئەكىس ئەتتۈرۈدۇ.

   ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۆپىنچىسى كۆينەك ئۈستىگە تاش كىيىم ياكى كەنجازا، كۆينەك ئىچىگە ئۇزۇن، رەڭدار گۈللۈك ئىشتان كىيىدۇ. ئىشتان رەڭدار رەختتىن ياكى يىپەكتىن تىكىلىدۇ. خاس رەڭ رەختتە ئىشتان تىكىپ، ئاندىن ئىشتاننىڭ پۇشقىغا كەشتە قىلىۋالىدۇ. ئاياللارنىڭ ئۇزۇن تاش كىيىمى ئاساسەن قوش ياقا، تىك ياقا ئىككى خىل بولىدۇ. ياشىراق ئاياللار قىزىل، يېشىل، سۆسۈن قاتارلىق ئوچۇق رەڭلەرگە ئامراق، ياشانغان ئاياللار قارا، كۆك، قارامتۇل يېشىل قاتارلىق بىرىكمە گۈللۈك، چاچم گۈللۈك تاۋار-دۇردۇن ياكى رەختلەردىن كىيىشكە ئامىراق، كىيىمگە مىس، كۈمۈش، ئالتۇن يالىتىلغان يۇمۇلاق، ياپىلاق يۇمۇلاق، زەيتۇن دەرىخىنىڭ ياپرىقى شەكلىدىكى توپچىلارنى قادىۋالىدۇ. ياقا، يەڭ قاتارلىق جايلارغا كەشتە قىلىۋېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئايالچە سىرتقى قىسقا كىيىملەر چىداملىقىغا قاراپ قىسقا تاشقى كىيىم، ئوڭ ئۆتۈشمە كىيىم، يېرىم ئۆتۈشمە قىسقا كىيىم دەپ ئۈچ خىل بولىدۇ.

بۇياش جەريانىدا گۈل نۇسخىلىرىنىڭ رەڭگى ئاساسەن خىلمۇ-خىل رەڭدە بويىلىدۇ. ئۇ خۇددىي قەلەم بىلەن سىزىپ چىققاندەك گىرەلىشىپ، ئارىلىشىپ كەتكەن تەرتىپ ھالىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، نۇسخىلىرىمۇ ئۆزگىرىشچان ئىستېتىك ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرىدۇ.  يىپ بۇياشتا ئاساسەن يەرلىك تەبىئىي رەڭ ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، بۇنداق رەڭلەر ئاسان ئۆڭمەيدۇ. ئەتلەس ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېستېتىك تەپەككورىدا ئۆز يېرىنىڭ يەر تۈزۈلۈشىنى، گۈزەل باغۇ باستانلىرىنى، يېشىل لىنتىدەك سوزۇلۇپ ئاققان دەريالىرىنى، نەپىس ۋە رەڭدار يىپەك بىلەن تەقلىدىي ئىپادە قىلغان سەنئەت خەرىتىسىدۇر. 

ئەتلەس-ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك قول ھۈنەر مەھسۇلاتى. خوتەن شەھىرى، لوپ، گۇما، يەكەن، يېڭسار ۋە قەشقەر ئەتراپىدا ئەتلەس توقۇشنى ھۈنەر-كەسىپ قىلغان نۇرغۇن كاسىپلار بولۇپ، يىپەك سانائىتى زامانىۋىلاشقان بۈگۈنكى زاماندىمۇ ئۇلار قولغا تايىنىپ ئەتلەس توقۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىۋى مىللىي ئادىتىنى يوقاتقىنى يوق.

ئەتلەس توقۇمچىلىقى مۇنداق بىر قانچە باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ:

بىرىنچى باسقۇچ-پىلدىن يىپ ئېگىرىش: يەرلىك ئۇسۇلدا پىلە غوزىسى قازانغا سېلىپ قاينىتىلىدۇ. غوزا يۇمشىغاندىن كېيىن يىپەك تالاسىنى ئايرىپ، داۋۇزچاپ دەپ ئاتىلىدىغان يىپ تۈرۈش ئەسۋابىغا ئىلىندۇرۇپ، تۈرۈم چاق ئارقىلىق يىككە تۈرۈلىدۇ. سەيناق دەپ ئاتىلىدىغان كېرەكسىز غوزەكلارنى تاللىۋېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئادەتتە بىر تال غوزەكتىن يىگىرمە بەش مېتر ئەتراپىدا يىپ ئالىدۇ. قول بىلەن بىر ئادەم ھەر كۈنلۈكى ئوتتۇرا ھېسابتا تۆت كىلوگرام پىلە غوزىسىدىن يىپ ئايرىپ چىقالايدۇ. 

ئىككىنچى باسقۇچ-يىپنى بوياش: يىپ توقۇماقچى بولغان ئەتلەسنىڭ رەڭگىگە ئاساسەن خىلمۇ خىل بويىلىدۇ. ئۇيغۇر ئەتلەسلىرىنىڭ رەڭگى كۆپرەك قىزىل، كۆك(ھاۋا رەڭ) ، سېرىق، ماش رەڭ، قارا، زەيتۇ رەڭلىرىدە بولۇپ، بىر خىل ئەتلەس ئادەتتە ئۈچ-تۆت خىل رەڭنىڭ مۇۋاپىق بىرىكىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. يىپ بوياشتا ئاساسەن يەرلىك تەبىئىي رەڭ ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، بۇنداق رەڭلەر مەڭگۈ ئۆڭمەيدۇ.

ئۈچىنچى باسقۇچ-توقۇش: بوياپ قۇرۇتۇلغان يىپ ئىنچىكە تالاسى بويىچە ئەتلەس توقۇش دەستىگاھىغا تارتىلدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن تاراق(يەرلىك مەلۇم بىر خىل چۆپنىڭ يىلتىزىدىن كىيىم چوتكىسىغا ئوخشاش ياسالغان) بىلەن يىپنى تەكشىلەپ يىپەك مويلىرىنى تازىلايدۇ. ئارقىدىن قوناق ئۇنىدىن سۇيۇق قىلىپ ياسالغان ئاھا بىلەن يىپنى پاتلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەشۈت يىپ تارالغان چاچتەك تالا-تالا ھالەتكە كېلىدۇ. ئاندىن ئۆرۈش يىپنى موكا بىلەن ئارقاش يىپ ئارىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئەتلەسنى توقۇشقا باشلايدۇ. توقۇماقچى بولغان ئەتلەسنىڭ رەڭ تۈرى ۋە نۇسخىسى ئۇستىكارنىڭ مېڭىسىگە «سىزىلغان» بولۇپ، ئۇلار ھېچقاچان سخېما تەلەپ قىلمايدۇ.

ئادەتتە قولدا توقۇلغان يەرلىك ئەتلەسنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئالتە مېتر قىرىق سانتىمېتر، ئېنى قىرىق بەش سانتىمېتر بولىدۇ.

ئادەتتە يىپەكتىن توقۇلغان رەختلەر بوياش، پىششىقلاش، توقۇشنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ شايى، ئەتلەس، بەقەسەم دېگەن ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئەتلەس رەڭگى، توقۇلۇشى ۋە خام ئەشيا ماتېرىيالىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تەبىئىي رەڭلىك ئەتلەس، ساپ ئەتلەس، ئارىلاشما ئەتلەس دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

1 .تەبىئىي رەڭلىك ئەتلەس: ساپ يىپەك رەخت ئوردان، زاك، ياڭاق قاسرىقى، نىل، يۇلغۇن چېچىكى قاتارلىق تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەردىن يىغىۋېلىنغان ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ يەرلىك ئۇسۇلدا بويىلىپ، ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىق سايمانلىرىدا توقۇلىدۇ.

ئالاھىدىلىكى: بۇنداق ئەتلەسنى ئۇزاق ساقلىسىمۇ رەڭگى ئۆڭمەيدۇ، تېرە ۋە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق. ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇشقا، قىممەتلىك سوۋغا سۈپىتىدە تەقدىم قىلىشقا ھەم تەۋەررۈك سوۋغات سۈپىتىدە ساقلاشقا باب كېلىدۇ.

2 . ساپ ئەتلەس: بۇ ساپ يىپەك يىپنى خىمىيەۋى بوياقلار بىلەن بوياش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىق سايمانلىرىدا توقۇلىدۇ.

ئالاھىدىلىكى: ساپ ئەتلەسنىڭ رەڭگى ناھايىتى يارقىن، گۈللىرى شوخ بولۇپ، قارىماققا نەپىس ھەم جۇلالىق كۆرۈنىدۇ. بەدەنگە ئەكس تەسىرى يوق. سۈپىتى ياخشى بولۇپ، خانىم – قىزلارنىڭ يارىشىملىق ئەنئەنىۋى كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ ئوبدان ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.

3 .ئارىلاشما ئەتلەس: بۇنداق ئەتلەسكە يىپەك يىپ ئىشلىتىلمەيدۇ. ئادەتتىكى پاختا يىپ ۋە سۈنئىي تالالىق بىرىكمە يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ تەييارلىنىدۇ. بوياشقا تامامەن خىمىيەۋى بوياقلار ئىشلىتىلىدۇ. ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ياكى زامانىۋى توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرىدا توقۇلىدۇ.

ئالاھىدىلىكى: بۇنداق ئەتلەسنى توقۇش ئۈنۈمى يۇقىرى، تەننەرخى تۆۋەن بولۇپ، ئۇ رەڭدارلىقى، جۇلالىقلىقى بىلەن بازارلىق مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ ياش قۇرامىغا قاراپ ئەتلەسنىڭ رەڭگىنى تاللاپ كىيىشكە ئادەتلەنگەن. قارا ئەتلەس(داراڭيى ئەتلەس دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى كۆپرەك يېشى چوڭراق ئاياللار، خان ئەتلەس(ئوچۇق رەڭلىك ئەتلەس) نى قىزلار ۋە چوكانلار، خوجەنە نۇسخا دەپ ئاتالغان كۆك ياكى زەيتۇن ئەتلەسنى ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ياخشى كۆرىدۇ.

دېمەك، ئەتلەس، شايى، بەقەسەملەر روشەن يەرلىك مەھسۇلاتلار بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان يىپەك رەختلىرىدۇر.

ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەتلەس كۆڭلەكنى نېمە ئۈچۈن ئالاھىدە ئەتىۋارلايدۇ«قۇرئان» دا «جەننەتكە كىرگەنلەر يىپەكتىن كىيىم كىيىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن. چۈنكى، ئۇ يىپەكتىن توقۇلغاچقا، سۈپىتى يۇقىرى، يۇمشاق ھەم نەپىس بولغاچقا، بەدەنگە ھۇزۇر-ھالاۋەت بېغىشلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئەتلەس ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى رەڭ چۈشەنچىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر ئەتلەسلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، رەڭگى خىلمۇ خىل.

شىنجاڭ قەدىمدىن باشلاپ يىپەكچىلىك بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولغان رايونلارنىڭ بىرى. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋە قەشقەر رايونلىرىدا يىپەكچىلىك بىر قەدەر بۇرۇن تەرەققىي قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ بۇرۇن «يىپەك يولى» دەپ نام قويغۇچى گېرمانىيىلىك مەشھۇر گېئوگراف ۋە ئارخېئولوگ رېچفوفېن(1833-1905) دۇر، ئۇ، قەدىمكى چاڭئەن ۋە ئۇدۇن(خوتەن) نىڭ نەپىس ئىشلەنگەن جۇلالىق يىپەك رەختلىرى «يىپەك يولى» سودىسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە زور داغدۇغا قوزغىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

 خوتەن – قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ بىر تۈگۈنى بولۇشتەك ئەۋزەللىكى، گىلەم، قاشتېشى، ئەتلەس قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن مەشھۇر. ئەتلەس قەدىمىي يىپەك يولى ئارقىلىق دۇنياغا تارقالغان. ئەتلەس خوتەننىڭ يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت دەپ نام چىقىرىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

ئەقىل – پاراسەتلىك، باتۇر، ئەمگەكچان خوتەن خەلقى بۇنىڭدىن 2000 – 3000 يىل ئىلگىرىلا ئۈجمە دەرىخى تىكىپ، پىلە بېقىپ يىپەكچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلار ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان يىپەك يىپنى تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەردە بوياپ، رەڭدار يىپەك رەختلەرنى توقۇش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلغان ھەم ئۇنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرغان.

سامپۇل قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان يىپەك رەخت ۋە ئەتلەس پارچىسى، نىيە قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىن تېپىلغان پىلە غوزىسى ۋە نىيە قەدىمىي شەھەر خارابىسىدە ھازىرغا قەدەر ساقلانغان ئۈجمە دەرىخى قالدۇقلىرى، ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىق سايمانلىرى خوتەن خەلقىنىڭ يىپەكچىلىك، ئەتلەسچىلىك تارىخىنىڭ نەقەدەر ئۇزاقلىقىنىڭ ماددىي ئىسپاتىدۇر.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#