كالىفورنىيە

كالفورنىيە

ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان بويىغا جايلاشقان بىر شتات، ئۇنىڭ جەنۇب تەرىپى مېكسىكا بىلەن چېگرىلىنىدۇ. يەر مەيدانى 411 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 23 مىليون 668 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980) . مەكرىزى ساكرامېنتو شەھىرى.

ئۇيغۇرچە نامى كالىفورنىيە
چەتئەلچە نامى State of California
تەۋە دۆلەت ئامېرىكا
مەمۇرىي رايون تۈرى شىتات، ئوبلاست دەرىجىلىك
خەنزۇچە نامى 加利福尼亚州
باشقا نامى 黄金之州、金州
جۇغراپىىيەلىك ئورنى ئامېرىكا غەربىي جەنۇبى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كالفورنىيەئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان بويىغا جايلاشقان بىر شتات، ئۇنىڭ جەنۇب تەرىپى مېكسىكا بىلەن چېگرىلىنىدۇ. يەر مەيدانى 411 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 23 مىليون 668 مىڭدىن ئاشىدۇ(1980) . مەكرىزى ساكرامېنتو شەھىرى. كالىفورنىيىنىڭ تەبىئىي شارائىتى مۇرەككەپ، شەرقىگە ئېگىز نىۋادا تېغى جايلاشقان، ئاساسلىق چوققىسى بولغان ئوتىنى چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 4418 مېتىر بولۇپ، ئامېرىكا  چوڭ قورۇقلۇقى بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. غەربىگە دېڭىز قىرغاق تاغلىرى جايلاشقان، ئۇنىڭ ئارىلىقىدا كالىفورنىيە ۋادىسى بار. نىۋادا تاغلىرىنىڭ شەرقىدە شىمالىي ئامېرىكا بويىچە ئەڭ پەس ئۆلىم ۋادىسى جايلاشقان. بۇ ۋادا دېڭىز يۈزىدىن 85 مېتىر پەس تۇرىدۇ.

كالفورنىيە شتاتنىڭ جەنۇبىدىكى نېپلېر ۋادىسى دېڭىز يۈزىدىن 73 مېتىر پەس تۇرىدۇ، كالىفورنىيىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ ئىقلىمى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، شىمالىي مۆتىدىل بەلباغ دېڭىز-ئوكيان ئىقلىم تىپىغا، جەنۇبىي قۇملۇق ئىقلىم تىپىغا، نىۋادا تاغلىرى تاغلىق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرى مۇرەككەپ، ھەرخىل كېلىدۇ. غەربىي شىمال دېڭىز قىرغاقلىرى بىلەن نىۋادا تېغىنىڭ غەربىي يانباغىرلىرىدا بۇ رايوننىڭ تىپىك ئۆسۈملۈكى قىزىل قارىغاي ئۆسىدۇ. ئېگىزلىكى 100 مېتىردىن ئاشىدۇ.

كالفورنىيە 1848-يىلى بۇ جايدا ئالتۇن كېنى تېپىلغاندىن كېيىن ئاھالىسى تېز كۆپىيىشكە باشلىغان. 1850-يىلى شتات بولۇپ قۇرۇلغان. قۇرۇقلۇقنى شەرقتىن غەربكە كېسىپ ئۆتىدىغان تۆمۈر يولنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ سان-فرانسىسكو شەھىرى چوڭ سودا مەركىزىگە ئايلانغان. 20-ئەسىردە لوس-ئانژېلس ئەتراپىدا نېفىت تېپىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدە سانائەت تېز تەرەققىي قىلدى. يېمەك-ئىچمەك سانائىتى، كىنوچىلىق كەسپى دۆلەت بويىچە ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇشتىن سىرت، نېفىت مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان بۇمما، ئېلېكترون قاتارلىق سانائەتلەرمۇ تېز تەرەققىي قىلدى. يېزا ئىگىلىكىدە سۇبتروپىك مېۋىلىرىنى ئۆستۈرۈش(ئاپېلسىن، ئۈزۈم قاتارلىقلار) ، كېۋەز، كۆكتات ئۆستۈرۈش مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شتاتنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى دۆلەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. قىش پەسلى ساياھەتچىلىك ئالاھىدە جانلىنىدۇ، مۇھىم شەھەرلەردىن لوس ئانژېلىس، سان-فرانسىسكولار ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. 

كالىفورنىيە 16-ئەسىردىن بۇيان ئالدى بىلەن ئىسپانىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان، 1846-، 1848-يىلىدىكى ئامېرىكا  مېكسىكا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا  ئىگىلىگەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#