چىڭيۈەن تېغى مەنزىرە رايونى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چىڭيۈەن تېغى مەنزىرە رايونى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان فۇجۇ شەھىرى سەنمىئەن رايونى بىلەن چىگىرىداش ،فۇجۇ شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 196 كىلومېتىر ، شىيامىن شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 106 كىلومېتىر .جۇغراپىيەلىك ئورنى:شەرقىي مېرىدىئان118°30'~118°37شىمالىي كەڭلىك 24°54'~25°0.
تاغ ئۈستىدە بۇلاق كۆپ بولغانلىقتىن چۈەنشەن ( 泉山 ) (بۇلاقتاغ دىگەن مەنىدە ) ، ئورنى شەھەرنىڭ شىمالىي تەرىپىدە بولغانلىقى ئۈچۈن بېيشەن (北山) (شىمالىي تاغ دىگەن مەنىدە )،تاغ ئۈستىدە 3 دانە تاغ چوققىسى بولغاچقا سەنتەيشەن (三台山) دەپمۇ ئاتايدۇ.
چىڭيۈەن تېغى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق مەنزىرە رايونى يەر شەكلى تاغلىق ، ئېدىرلىق ، يەر تۈزۈلۈشى ئېگىز - پەس ، تاغ جىنسلىرى چوقچىيىپ تۇرىدۇ .ئاساسىي مەنزىرە رايونى دېڭىز يۈزىدىن 498 مېتىر ئېگىز . كىلىمات ئالاھىدىلىكى : كىلىماتى ئىسسىق ، نەمخۇش ، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە سەيلە - ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدۇ . يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃ 21.3 ~ 17 - ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 1202~1550 مىللىمېتىر، يىللىق قىروسىز مەزگىل 358 كۈن .
145 ياۋا ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسى 487 ئۇرۇقداشلىرى 750 خىل تۈرى بار.
قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردىن 25 تۈركۈمى 65 ئائىلىسى 179 تۈرى بار . ھاشاراتلەرنىڭ 21 تۈركۈمى 155 ئائىلىسى 592 تۈرى بار ياۋايى ھايۋانلار ئىچىدە دۆلەت بويىچە 1 - دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدايدىغان ، بوغما يىلان ، دۆلەتنىڭ 2 - دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدايدىغان تاغىل پاقا ، قارا سار ، قىزىل قورساق بۈركۈت قاتارلىقلارنىڭ 23 تۈرى ، ئۆلكىلىك نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار قارا داغلىق پاقا بار ، تاغ مۈشۈكى ، چوڭ كۆزەينەكلىك يىلان قاتارلىقلارنىڭ 19 تۈرى خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانات ، ئۆسۈملۈك تۈرى خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسىغا كىرگۈزۈلگەن .30 خىلدىن ئارتۇق ، پەسىل قۇشلىرىنىڭ34 تۈرى ئىككى تەرەپنىڭ خەلىقئارالىق قوغداش كىلىشىمىگە چېتىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.