جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى رەئىسىنىڭ قوماندانلىقىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىق كۈچى، ئۇ، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خەلق ئارمىيەسى. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى
چەتئەلچە نامى Peoples Liberation Army,قىسقارتىلىپ:PLA
قۇرۇلغان ۋاقتى 1927-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى
ھەربىي مارشى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مارشى
خەنزۇچە نامى 中国人民解放军
ئالىي رەھبىرىي ئورگىنى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى
قۇرۇلغان بەلگىسى نەنچاڭ قوزغىلىڭى قوزغىغان
ئارمىيە بايرىقى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە بايرىقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى رەئىسىنىڭ قوماندانلىقىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ قوراللىق كۈچى، ئۇ، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خەلق ئارمىيەسى. ئۇ 1927-يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنى نەنچاڭ قوزغىلىڭىدا مەيدانغا كەلگەن. 

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى1927-يىلى 9-ئايدا ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق يولداشلار خۇنەن، جياڭشى چېگرا رايونىدىكى دېھقانلار ۋە ئىشچىلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، كۈزلۈك ھوسۇل قوزغىلىڭىنى قوزغاپ، تۇنجى ئىشچى-دېھقان ئىنقىلابىي ئارمىيەسىنى قۇرۇپ، يېزا ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. باشقا جايلاردىكى قوزغىلاڭلاردىمۇ ئىشچى-دېھقان قوراللىق كۈچلىرى تەشكىللەندى. 1928-يىلى 4-ئايدا نەنچاڭ قوزغىلىڭىدا ساقلاپ قېلىنغان قوشۇنلار بىلەن شياڭنەن قوزغىلىڭىغا قاتناشقان دېھقانلار قوشۇنى جۇ دې، چېن يى قاتارلىق يولداشلارنىڭ باشچىلىقىدا جىڭگاڭشەنگە كەلدى، مانا بۇ مەشھۇر «جىڭگاڭشەندىكى ئۇچرىشىش» تۇر. قوزغىلاڭچى قوشۇن بىرلىككە كېلىپ، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار ئىنقىلابىي ئارمىيەسىنىڭ 4-ئارمىيەسى بولۇپ تەشكىللەندى. جايلاردىكى قوزغىلاڭچى قوشۇنلارنىڭ نامى 1928-يىلى 5-ئايدىن كېيىن جۇڭگو ئىشچى-دېھقان قىزىل ئارمىيەسىگە، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن 8-ئارمىيە ۋە يېڭى 4-ئارمىيەگە، ئازادلىق ئۇرۇشىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە ئۆزگەرتىلگەن.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىجۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى جەڭ قىلغۇچى ئەترەت، ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى ۋە خىزمەت ئەترىتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي دېموكراتىيىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دېموكراتىيىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوفىتسېرلار بىلەن ئەسكەرلەر بىردەك بولۇش، ھەربىيلەر بىلەن خەلق بىردەك بولۇش ۋە دۈشمەننى يىمىرىپ تاشلاشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ پرىنسىپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئىنتىزام، سەككىز دىققەتكە بويسۇنۇپ، جانلىق، ھەرىكەتچان بولۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە تاكتىكىسىدىن پايدىلىنىپ باتۇرلۇق بىلەن قەھرىمانلىق كۆرسىتىش، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئاددىي-ساددا ياشاشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى.

 جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، تاشقى كۈچلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىخەتەرلىكىنى، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ۋەزىپىلىرىنى زىممىسىگە ئالماقتا.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ھازىر، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچ ئارمىيەدىن تەشكىللەنگەن، كۆپ قىسىم تۈردىن تەركىب تاپقان.

قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىقۇرۇقلۇق ئارمىيە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان ئارمىيە تۈرى. قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مۇستەقىل جەڭ قىلىپلا قالماي، بەلكى دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن بىرلىشىپ جەڭ قىلالايدۇ، ئۇ ھەرقانداق ئەھۋالدا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. 

دېڭىز ئارمىيىسى

دېڭىز ئارمىيەسى ئېلىمىزنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى سۇ ئاستى كېمىلىرى قىسمى، سۇ ئۈستى كېمە-قېيىق قىسمى، دېڭىز ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە قىسمى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قىرغاق مۇداپىئە قىسمى قاتارلىق قىسىم تۈرلىرىدىن تەركىب تاپقان. سۇ ئۈستى، سۇ ئاستى ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان دېڭىز ئارمىيەسى دېڭىزدا مۇستەقىل جەڭ قىلىپلا قالماي، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن بىرلىشىپ جەڭ قىلالايدۇ. 

ھاۋا ئارمىيىسى 

ھاۋا ئارمىيەسىھاۋا ئارمىيىسى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىدىكى دۆلەت زېمىنىنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسىگە كاپالەتلىك قىلىش، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ جەڭ ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئارمىيە تۈرى. 1949-يىل11-ئاينىڭ11-كۈنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ئارمىيە رەھبەرلىك ئورگىنى قۇرۇلدى. ئۇ ئاۋىئاتسىيە قىسىملىرى، زېنىت توپچىلار، يەر-ئاسمان باشقۇرۇلغۇچى سىنارەد قىسىملىرى، رادار قىسىم، ئالاقىچى قاتارلىق قىسىم تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مارشى ئەسلىدىكى «8-ئارمىيە مارشى» ئىدى. ئۇ1939-يىلى ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، مۇزىكىسى جېڭ لۈچېڭنىڭ، تېكىستى گۇڭ مۇنىڭ. 1953-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتى باش شتابى تارقاتقان سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان « جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىچكى ئىشلار ئۇستاپى (دەسلەپكى لايىھەسى)»، «خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى مارشى» غا «خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي مارشى» غا ئۆزگەرتىلدى. 1965-يىلدىكى نامى «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى مارشى». ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە «خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى مارشى» غا ئۆزگەرتىلگەن، 1988-يىلى7-ئايدا «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مارشى» دەپ بېكىتىلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#