رازۋېدكا پاراخوتى

رازۋېدكا پاراخوتى

رازۋېدكا دېڭىز ئارمىيە پاراخوت. قورال - جابدۇق ھەر خىل چاستوتا بۆلىكىگە  رادىئو قوبۇللىغۇچ، رادارلىق قوبۇللىغۇچ، تېرمىنال يېشىش ۋە خاتىرىلەش ئۈسكۈنىسى، سىگنال ئانالىز ئەسۋابى ۋە قوبۇل قىلىش ئانتېننىسى قاتارلىقلار، بەزىلىرىگە يەنە كاشىلا قىلىش ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن.

ئۇيغۇرچە نامى رازۋېدكا پاراخوتى
ئىشلىتىلىشى دېڭىز تەۋەلىكىنى رازۋېدكا قىلىش
ئالاقىدار ساھە ھەربىي ئىشلار
خەنزۇچە نامى 侦察船
تۈرى دېڭىز ئارمىيە پاراخوت

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رازۋېدكا پاراخوتىلەيلىمە ئاخبارات پونكىتى دەپ ئاتالغان رازۋېدكا پاراخوتىغا ئىلغار رازۋېدكا ئۈسكۈنىلىرى ۋە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇقلۇق ياكى پاراخوتتىن تارقىتىلغان ئېلېكترو ماگنىت ئۇچۇرلىرىنى ناھايىتى كەڭ دائىرىدە توپلاپ، قارشى تەرەپنىڭ خەۋەرلىشىش مەزمۇنىنى ئېنىقلاپ، قىسىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە جەڭ مۇددىئاسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قارشى تەرەپنىڭ رادار ۋە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئورنى، ئىقتىدارىنى رازۋېدكا قىلىپ، ئېلېكترون ئۇرۇشىنى توغرا ئاخبارات بىلەن تەمىنلەيدۇ.

رازۋېدكا پاراخوتىرازۋېدكا پاراخوتى يۈك پاراخوتى، ماي پاراخوتى ۋە باشقا پاراخوتلار شەكلىدە نىقابلىنىپ، دۈشمەن دېڭىز تېررىتورىيىسىنىڭ ئەتراپىدا ۋە ئوچۇق دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرىدۇ؛ بەزىدە مۇھىم ئاخباراتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، دۈشمەن پاراخوتىغا ئۇزۇنغىچە ئەگىشىپ ماڭىدۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇن جاسۇسلۇق پاراخوتلىرى دېڭىز-ئوكيانلاردا ئۈزۈپ يۈرىدۇ، ئۇلار يۈك پاراخوتى ياكى بېلىقچىلىق پاراخوتىغا ئوخشاش نىقابلىنىدۇ ياكى ئىلمىي تەكشۈرۈش نامى بىلەن ھەربىي ئاخبارات ئوغرىلايدۇ. 

رازۋېدكا پاراخوتىبرونېلەنگەن رازۋېدكا ئاپتوموبىلى تۇراقسىز ئاخبارات پونكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل رازۋېدكا ئاپتوموبىلى كىچىك ۋە يېنىك بولۇپ، سۇ ھەم قۇرۇقلۇقتا يۈرەلەيدۇ، مۇرەككەپ يەر شەكىللىرىدە ئۇچقاندەك ماڭىدۇ، ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى سائىتىگە 80 −100 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇ خىل رازۋېدكا ئاپتوموبىللىرىغا ئىلغار رازۋېدكا ئۈسكۈنىلىرى، مەسىلەن، لازېرلىق نىشان كۆرسەتكۈچ، تېرمال تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئاپپاراتى، ئاجىز نۇر تېلېۋىزورى، رادار قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كېچە-كۈندۈز رازۋېدكا قىلالايدۇ، رازۋېدكا دائىرىسى كەڭ، سۈپىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىمۇ خېلى كۈچلۈك. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#