ئوسۇڭ ئۇرۇقى

ئوسۇڭ ئۇرۇقى

ئوسۇڭ ئۇرۇقى بولسا ئۇرۇق، ئەسلى ئۆسۈملۈكى ئوسۇڭ (Lacttuca satiual) دىن ئىبارەت بۇلۇپ،ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، سىپازما بوشۇتۇش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى ئوسۇڭ ئۇرۇقى
ئەرەبچە نامى بەزۇرول خەس
ئىنگلىزچە Thickstem Garden Lettuse
تونۇش ئۇرۇق، ئەسلى ئۆسۈملۈكى ئوسۇڭ (Lacttuca satiual) دىن ئىبارەت
تەمى سەل ئاچچىق،
خەنزۇچە ئاتىلىشى 莴苣子
پارسچە نامى تۇخۇمى كاھو
ئوردۇچە نامى كاھوكى بيىج
جىسمى پۇرىقى ئاجىز كېلىدۇ
ۋاقتى كۈز

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوسۇڭ ئۇرۇقىئوسۇڭ ئۇرۇقى بولسا  مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق ئۇرۇق، ئەسلى ئۆسۈملۈكى ئوسۇڭ (Lacttuca satiual) دىن ئىبارەت. ئۇرۇقى ئىللپىس شەكىللىك بولۇپ سەل ياپىلاق، سىرتقى يۈزى كۈلرەڭگە مايىل ئاق ياكى ساغۇچ ئاق رەڭدە ،پۇرىقى ئاجىز كېلىدۇ. تەمى سەل ئاچچىق،كۈزدە ئۇرۇقى پىشقاندىن كېيىن يەر ئۈستىدىكى قىسمىنى پۈتۈن يۇلۇپ ئېلىپ ئۇرۇقى ئايرىپ ئېلىنىپ يىغىلىدۇ . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئاغرىق توختىتىش، مەست قىلىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، سىپازما بوشۇتۇش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

غەيرى تەبىئى قان خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورا

ئەكىس تەسىرى

باھقا زىيان قىلىدۇ.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى

1. سۈيدۈك ھەيدەش تەسىرى: كىچىك چاشقانغا سۈيدۈك ماڭدۇرۇش تەجرىبىسى ئىشلەپ ئوسۇڭ ئۇرۇقىنىڭ ئۇچۇچان مېيىنى ئۇرغاندا سۈيدۈك ھەيدەش تەسىرى بەرگەن. ئوسۇڭ يوپۇرمىقىنى ئۆي توشقىنىغا بەرگەندە سۈيدۈك ھەيدەش تەسىرىنى بەرگەن.

2. زەھەرلەش تەسىرى: ئوسۇڭ ئۇرۇقىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا زەھەرلەش تەسىرىنى بېرىدۇ

ئوسۇڭ ئۇرۇقى تەركىبىدە ئاتىدروم لوڭتونىكوم (Lactunie acid) ئوسۇڭ ئىلمىنتى (Laxtucarin)، ئالما كىسلاتاسى، كەھرىۋىيا كىسلاتاسى، ئاسپاراگىن، ياغ، ۋىتامىن E,C,B,A كۈل ماددىسى، ئاقسىل قاتارلىقلار بار.

1. ئوسۇڭ ئۇرۇقىنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا ناۋات قوشۇپ ئىچسە باش ئاغرىقى، قىزىتما، ئۇيقۇسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئوسۇڭ ئۇرۇقىنى ئېزىپ پىشانىسىگە چاپسا ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ.

3. مۇۋاپىق مىقداردا ئوسۇڭ ئۇرۇقىنى ئېلىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ چاچقا چاپسا چاچ چۈشۈشنى توختىتىدۇ.

4. ئوسۇڭ ئۇرۇقىدىن ياغ تەييارلاپ بۇرۇنغا تىمىتسا ياكى باشقا سۈركۈسە ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ. چاچنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

مىقدارى

3 -5 گرامغىچە.

ساقلاش

قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

مەستىكى ۋە ھەسەل

ئورۇنباسارى

خەشغاش

 قورسى موسەللەس، قورسى تاباشىر كافورى، شەربىتى كاھۇ.

ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىقى، ساراڭلىق، چاچ چۈشۈش، غەيرى تەبىئىي سەپرا ۋە قان خىلتىدىن بولغان قىزىتما، مالىخۇلىيا، كۆپ ئېھتىلام بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=130

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#