تۇركىس تاقىم ئارىلى

تۇركىس تاقىم ئارىلى

شىمالىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى باھاما تاقىم ئاراللىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، جەنۇبتىكى گايتى بىلەن بولغان ئارىلىقى 145 كىلومېتر كېلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى تۇركىس تاقىم ئارىلى
دۆلىتى ئەنگلىيە
خەنزۇچە ئاتىلىشى 特克斯群岛
جۇغراپىيەلىك ئورنى باھاما تاقىم ئاراللىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىمالىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى باھاما تاقىم ئاراللىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، جەنۇبتىكى گايتى بىلەن بولغان ئارىلىقى 145 كىلومېتر كېلىدۇ.تاقىم ئاراللار ئىچىدە سەككىز ئارالغا كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان. ئاراللارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃27، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 530-1000 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. يەر مەيدانى 430 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 7436(1980) كىشى بولۇپ، نېگىرلار %90 نى، قالغىنىنى نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر، ياۋروپالىقلار تەشكىل قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. مەركىزى كوبۇرىن شەھىرى.


بۇ ئاراللار 1766-يىلدىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 1799-يىلى باھاماغا تەۋە بولغان، 1873-يىلى يامايكانىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، 1959-يىلى ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، 1962-يىلى يامايكا مۇستەقىللىككە ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ ئاراللار يەنە ئەنگلىيىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇن بولغان، ھازىرمۇ ئەنگلىيە تەۋەسىدە بولۇپ، باش ۋالىينى ئەنگلىيىنىڭ ئايال پادىشاھى تەيىنلەيدۇ. بۇ ئاراللار ئىچىدىكى توركس ۋە كائىكوس ئاراللىرىدا ئا ق ش نىڭ ھەربىي بازىلىرى بار. بۇ ئاراللاردىكى خەلقلەر بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بېلىقچىلىق، ساياھەتچىلىك، پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىدىن كىرىدىغان كىرىم بۇ ئاراللارنىڭ ئۈچ چوڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ. 1983-يىلى بۇ ئاراللارغا كەلگەن ساياھەتچىلەر 14 مىڭدىن ئاشقان. ئاراللاردا ساياھەت ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان نۇرغۇن ئورۇنلار قۇرۇلغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#