شىنجاڭدىكى ياۋايى ھايۋانلار

شىنجاڭدىكى ياۋايى ھايۋانلار

ئاپتونوم رايونىمىز ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈرى كۆپ، ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسى خىلمۇخىل، تەبىئىي بايلىقى مول بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاپتونوم رايونىمىز ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈرى كۆپ، ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسى خىلمۇخىل، تەبىئىي بايلىقى مول بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

شىنجاڭ ياۋروپا–ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، دېڭىز-ئوكيانلاردىن ناھايىتى يىراق، ئەتراپى ئالتاي تېغى، تەڭرىتېغى، كوئىنلۇن تېغى (قۇرۇم تېغى) ۋە ئالتۇن تېغى بىلەن ئورىلىپ تۇرىدىغان قۇرغاق رايوندۇر.

بۇ تاغ تىزمىلىرى ئىچىدە تەڭرىتېغى شىنجاڭنى جەنۇب ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئىككى رايونغا ئايرىپ تۇرىدۇ، يەنى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي قىسمى جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي قىسمى شىمالىي شىنجاڭ دەپ ئاتىلىدۇ.

شىنجاڭدا دۇنياغا مەشھۇر تارىم ئويمانلىقى بىلەن جۇڭغار ئويمانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئويمانلىق بولۇپ، تارىم ئويمانلىقى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىغا، جۇڭغار ئويمانلىقى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، شۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئۈچ چوڭ تاغ تىزمىسى ئارىسىغا ئىككى چوڭ ئويمانلىق جايلاشقان رايون دېيىشكە بولىدۇ.

شىنجاڭدىكى بايقالغان ياۋايى ھايۋانلارجەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى روشەن پەرقلىنىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، شىنجاڭنىڭ يەر كۆلىمى كەڭ، يەر شەكلى مۇرەككەپ، تەبىئىي مۇھىتى كۆپ خىل، مانا بۇلار شىنجاڭدا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سەككىز چوڭ جۇغراپىيەلىك تارقىلىش رايونىنى شەكىللەندۈرگەن.

 يېقىنقى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ جۇغراپىيەلىك تارقىلىش رايونلىرىغا تارقالغان ئومۇرتقىلىق ياۋايى ھايۋانلار 690 تۈر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بېلىقلار 61 تۈر، قوش ماكانلىقلار 7 تۈر، ئۆمىلىگۈچىلەر (يەر بېغىرلىغۇچىلار) 43 تۈر، قۇشلار 442 تۈر، سۈت ئەمگۈچىلەر 137 تۈرنى ئىگىلەيدۇ. 

بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار تەخمىنەن 107 تۈر بولۇپ، دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار 27 تۈر، دۆلەت تەرىپىدىن ئىككىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار 80 تۈر. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلاردىن 44 تۈر، ئىقتىسادىي قىممىتى بار، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى تەڭشەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ياۋايى ھايۋانلاردىن 190 تۈر بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/20120427/c_131556593.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#