مۇلاۋ مىللىتى

مۇلاۋ مىللىتى

مۇلاۋلارنىڭ تەخمىنەن %90 ى گۇاڭشىنىڭ لوجىڭ مۇلاۋ ئاپتونوم ناھىيىسىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز ساندىكىلىرى يىشەن، ليۇچىڭ قاتارلىق 20 نەچچە ناھىيە، شەھەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. مۇلاۋ مىللىتىنىڭ ئۆز تىلى بار، كۆپ ساندىكىلىرى خەنزۇ تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى مۇلاۋ مىللىتى
نوپۇسى 207352
خەنزۇچە نامى 仫佬族
چەتئەلچە نامى the Mulao ethnicity

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مۇلاۋ مىللىتىمۇلاۋ مىللىتى ھەر ئايدا دېگۈدەك بايرام ئۆتكۈزىدۇ. 3-ئاينىڭ 3-كۈنى «پوۋاڭجې» بايرىمى(شاۋئېر بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولۇپ، ھەرقايسى كەنتلەر نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزىدۇ، 4-ئاينىڭ 8-كۈنى كالا بايرىمى، بۇ كۈنى بىر يىل جاپا چەككەن كالىلار ئارام ئالدۇرۇلىدۇ، 5-ئاينىڭ5-كۈنى «دۇەنۋۇ بايرىمى» كۆپچىلىك قەغەز كېمىلەرنى كۆتۈرۈپ ئېتىزلارنى ئارىلاپ ھاشارات قوغلاپ، مول ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، 8-ئاينىڭ 15-كۈنى يىگىتلەر بايرىمى، ياش ئوغۇل-قىزلار ئىجتىمائىي پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. بولۇپمۇ ھەر يىلى بىر قېتىم ئاددىي تەبرىكلىنىدىغان، ھەر ئۈچ يىلدا بىر چوڭ تەبرىكلىنىدىغان «يىفەن بايرىمى» تېخىمۇ قىزىق بولىدۇ. يىفەن بايرىمى ھەر يىلى باش قىشتىن كېيىنكى قۇتلۇق كۈندە ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇلاۋ تاغلىق كەنتلىرىدە تاڭ سەھەردىن باشلاپلا دۇمباق ئاۋازلىرى ياڭراپ، ناخشا ئاۋازى ئۈزۈلمەيدۇ. كىشىلەر چوشقا، قويلارنى ئىبادەتخانىلارغا ئەكېلىپ قۇربانلىق قىلىپ، ئادەملەر ۋە چارۋا ماللارنىڭ ئامانلىقىنى تىلەيدۇ. كۈندۈزى شىر-ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئويناپ، ئاخشىمى مەشئەل يېقىپ ئويۇن كۆرىدۇ. 

مۇلاۋلارنىڭ تەخمىنەن %90 ى گۇاڭشىنىڭ لوجىڭ مۇلاۋ ئاپتونوم ناھىيىسىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز ساندىكىلىرى يىشەن، ليۇچىڭ قاتارلىق 20 نەچچە ناھىيە، شەھەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. مۇلاۋ مىللىتىنىڭ ئۆز تىلى بار، كۆپ ساندىكىلىرى خەنزۇ تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ. 

مۇلاۋ مىللىتىمۇلاۋ مىللىتى يېشىل رەڭلىك كىيىم-كېچەكنى ياقتۇرىدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئاياللار كاناي يوپكا كىيگەن، ھازىر پېشى چوڭ چاپان، ئۇزۇن ئىشتان كىيىدۇ، چېچىنى ئۆرۈپ تۈگۈۋالىدۇ، ھالقا، بىلەزۈك، ئۈزۈك تاقايدۇ. ئەرلەر ئۇدۇل پەشلىك كىيىم كىيىدۇ. يېمەكلىكتە گۈرۈچ، كۆممىقوناق، ياڭيۇ تۈرىدىكىلەرنى ئاساس قىلىدۇ، لازا ۋە يېپىشقاق گۈرۈچ تامىقى يېيىشنى ياقتۇرىدۇ، مۈشۈك، يىلان گۆشىدىن پەرھىز تۇتىدۇ. تۇرالغۇ ئۆيلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تېمى لاي بىلەن قوپۇرۇلغان، ئۆگزىسىگە كاھىش قويۇلغان بىر قەۋەتلىك ئۆي. ئۆي ئىچىدە كۆمۈر قالايدىغان يەر ئوچىقى بار.

 مۇلاۋلار خەلق ناخشىسى ئېيتىشقا ماھىر. «زۇپو» ياش ئوغۇل-قىزلارنىڭ بىر خىل ئىجتىمائىي پائالىيىتى بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە مۇھەببەتلىشىش ئۇسسۇلى، ئۆتمۈشتە، قىز تەرەپ «ئەر ئۆيىدە تۇرماي» ، تۇغۇتلۇق بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئەرنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ تۇرىدىغان ئادەتلىرى بولغان .[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#