ئاۋا قەبىلىسى

ئاۋا قەبىلىسى

ئاۋا قەبىلىسى (Awa) بولسا بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مارانخاۋ شىتاتى (Maranhão) دا ياشايدىغان بولۇپ، بۇ قەبىلە دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئاۋا قەبىلىسى
نوپۇسى تەخمىنەن 350 دەك ئادەم
تۈرى دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە
خەنزۇچە باشقا نامى 巴西Awa部落
خەنزۇچە نامى 阿瓦部落
ياشاش ئورنى بىرازىلىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مارانخاۋ شىتاتى
ياشاش ئۇسۇلى ئوۋچىلىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاۋا قەبىلىسىئاۋا قەبىلىسى (Awa) بولسا بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مارانخاۋ شىتاتى (Maranhão) دا ياشايدىغان بولۇپ، بۇ قەبىلە دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قەبىلىدىكىلەر ئورمانلىققا تايىنىپ جان باقىدىغان بولۇپ، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىنسانلارنىڭ دەل-دەرەخلەرنى كۆپلەپ كېسىشى نەتىجىسىدە بۇ يەردىكى ئورمانلىقلارنىڭ كۆلىمى تېز سۈرئەتتە كىچىكلەشكە باشلىغان. بۇ ئىپتىدائىي قەبىلىدىكى كىشىلەر تاشقى دۇنيا بىلەن ئاساسەن دېگۈدەك ئايرىلغان ھالەتتە ياشايدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ ئۇلار بىر قېتىملىق ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى توقۇنۇشىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن قەستەن تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ ياشايدىغان بولۇپ قالغان.

ئاۋا قەبىلىسى بولسا ئاساسلىقى ئوۋ ئوۋلاشنى ئاساس قىلىپ ياشايدىغان قەبىلە بولۇپ، بۇ قەبىلە بىرازىلىيىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. ئاۋا قەبىلىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئاساسەن تاشقى دۇنيا بىلەن قەتئىي ئالاقە قىلمايدىغان بولۇپ، لېكىن ھازىر بۇ خىل ھالەت ئۆزلۈكسىز ھالدا ئۆزگەرمەكتە، چۈنكى بۇ قەبىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان دەرەخ كەسكۈچىلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، بۇ دەرەخ كەسكۈچىلەر نۆۋەتتە قانۇنسىز ھالدا ئاۋا قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ يەر-زېمىنىنى ئىگەللىۋىلىپ ئۇلارنىڭ جان بېقىشتىكى تايانچىسى بولغان ئورمانلىرىنى ۋەيران قىلماقتا.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر ئاۋا قەبىلىسىدە تەخمىنەن 350 دەك ئادەم بار بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ئوۋ ئوۋلاش ۋە بېلىق تۇتۇشقا تايىنىپ كۈن كەچۈرىدۇ. فوتوگرافلار فوتو ئاپپارات ئارقىلىق بۇ قەبىلىدىكىلەرنىڭ ئامېرىكا قىتئەسى شىرى ۋە مايمۇن قاتارلىق ھايۋانلارنى ئوۋلىغان جەريانىنى رەسىمگە تارتىپ خاتىرىلىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە بۇ قەبىلىدىكى كىچىك بالىلارنىڭ سۇدا ئوينىشىۋاتقان كۆرۈنۈشىنىمۇ رەسىمگە تارتىۋالغان.

ئاۋا قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ بىر قېتىملىق ئوۋ ئوۋلاش ھەركىتى ئادەتتە نەچچە ھەپتە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار ھەمىشە بۆكتۈرمە قويۇش تېخنىكسىى ئارقىلىق مايمۇنلارنى ئوۋلايدۇ. ناۋادا قەبىلە كىشىلىرى مايمۇنلارنى بايقاپ قالسىلا دەرھال دۈگىلەك بولۇپ شەكىللىنىپ بۇ مايمۇنلارنى ئوتتۇرىغا ئېلىۋالىدۇ.

ئاۋا قەبىلىسىدىكى كىشىلەر ئۆزلىرى باققان ئەرمەك مايمۇنلارغا ناھايىتى ئاسراپ مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ، قەبىلىدىكى بەزى ئاياللار ھەتتا بۇ كىچىك مايمۇنچاقلارنى تاكى چوڭ بولغانغا قەدەر ئۆز سۈتى بىلەن ئېمىتىپ باقىدۇ. ناۋادا ئاۋا قەبىلىسىدىكى كىشىلەر ئۆزلىرى باققان ئەرمەك مايمۇنلارنى تەبىئەتكە قويۇۋەتسە، كېيىن ھەرگىزمۇ ئۆز قورسىقىنى توقلاش ئۈچۈن بۇ ئەرمەك مايمۇنلارنى ئوۋلىمايدۇ. لېكىن ياۋايى مايمۇنلار بولسا ئاۋا قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق مەنبەسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

ئاۋا قەبىلىسىدىكىلەر ئوۋ ئوۋلاپ بولغاندىن كېيىن ھەمىشە دالىدا ئوۋلىغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ پىشۇرۇپ يەيدىغان بولۇپ، بۇ جەريان ئادەتتە خېلى ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ.

ئاۋا قەبىلىسىدىكىلەر گەرچە كۆچمەن ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولسىمۇ، لېكىن قەبىلىدىكىلەرنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش شەكلى ئۇلاردا ناھايىتى كۈچلۈك بولغان جەمئىيەت ئېڭىنى شەكىللەندۈرگەن، قەبىلىدىكى بالىلار كەلگۈسىدىكى قەبىلىنىڭ ئوۋچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوۋلىغان ھايۋانلارنى تەكشۈرۈش دەل ئۇلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشنى ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

ئاۋا قەبىلىسىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەتتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ ئوۋ ئوۋلاشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، يەنە كېلىپ ئۇلار توپلىشىپ ئوۋغا چىقىشنى ياخشى كۆرىدۇ، مانا بۇ دەل كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇش شەكلىنىڭ مۇھىم بىر خىل شەكلى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

ئوۋچىلىق قىلىش بولسا ئاۋا قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ياشاش ئۇسۇلى بولۇپ، لېكىن دەرەخ كەسكۈچىلەرنىڭ ئۆزلۈكسىز ھالدا دەل-دەرەخلەرنى كېسىپ ئورمانلارنى ۋەيران قىلىشى ئارقىسىدا ئورمانلىقتىكى ھايۋانلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىپ بارماقتا. مانا بۇ ئاۋا قەبىلىسىدەك ئوۋچىلىق بىلەن ياشايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن تۇنجى رىقابەت بولۇپ قالغان.

ياشانغانلار ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئادەتتە قەبىلىنىڭ ھەركەتلىرىگىمۇ قاتناشمايدۇ. ئاۋا قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ مەدەنىيىتىدە، ئادەتتە ياشانغان قەبىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى قەبىلىدىن ئايرىپ تاشلىنىپ ئۆزى يەككە-يىگانە ھالدا ئۆلۈمنى كۈتىدۇ. ئاۋا قەبىلىسىدىكى كىشىلەر ئادەتتە خېلى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئوۋ ئوۋلىغاندا ئىشلىتىدىغان يا ئوقى ياسايدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

سوخۇ خەۋەر تورى

http://mt.sohu.com/20150615/n415019103.shtml

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#