نافولا تىللوۋا

نافولا تىللوۋا ئىسىملىك بۇ قىز دۇنيا تېننىس ساھەسىدىكى چولپانغا ئايلىنىدۇ. 1976 -يىلى ۋاشىنگتون قىش پەسىللىك تېننىس مۇسابىقىسىدە، 19 ياشلىق نافولا تىللوۋا دەرىجىدىن تاشقىرى ماھىر كرېس ئېۋرتنى مەغلۇپ قىلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى نافولا تىللوۋا
تەنھەرىكەت تۈرى تېننىس
كەسپى تېننىس تەنھەركەتچىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

60-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سابىق چىخوسلوۋاكىيەنىڭ پايتەختى پراگاغا يېقىن بىر كىچىك بازاردا، ھەر كۈنى ئەتىگەنلىك قۇياش كۆتۈرۈلۈشى بىلەن بەردەم كەلگەن بىر قىز ھەمىشە كوچىدا پراگاغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئاپتوموبىلنى كۈچىنىڭ بارىچە قوغلايتتى. يېتىشىۋالغاندىن كېيىن، تېننىس مەشقىگە كىرىشەتتى. بىرنەچچە يىلدىن كېيىن نافولا تىللوۋا ئىسىملىك بۇ قىز دۇنيا تېننىس ساھەسىدىكى چولپانغا ئايلىنىدۇ. 1976 -يىلى ۋاشىنگتون قىش پەسىللىك تېننىس مۇسابىقىسىدە، 19 ياشلىق نافولا تىللوۋا دەرىجىدىن تاشقىرى ماھىر كرېس ئېۋرتنى مەغلۇپ قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە 30-يىللىرىدىكى خېلىن جاكوبۇس ياراتقان ئارقىمۇئارقا تۆت قېتىم ئامېرىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولۇش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالتە قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشىدۇ. 

نافولا تىللوۋا ھازىرقى زامان تېننىس تارىخىدا يېڭى سەھىپە ياراتقان. 1982-يىلى 93 مەيدان مۇسابىقىدە 90 مەيدان غەلىبە قىلىپ، خەلقئارا تېننىس كېڭەشمىسى تەرىپىدىن دۇنيادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئايال تېننىس تەنھەرىكەتچىسى دەپ باھالانغان. 1983-يىلى 66 مەيدان مۇسابىقىنىڭ بىرلا مەيدانىدا ئۇتتۇرۇپ، ئۇدا تۆت قېتىم ۋېنبلېدون چېمپىيونى بولغان. 38 دۆلەتنىڭ گېزىتلىرى بىرلىكتە ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنتەربىيە چولپىنى دەپ باھالىغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#