پاتېنت قانۇنى

پاتېنت قانۇنى

1984-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 2199-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27-يىغىنىنىڭ« « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنت قانۇنى »غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن بىرىنچى قېتىم تۈزىتىلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى پاتېنت قانۇنى
خەنزۇچە نامى 专利法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

(1984-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 2199-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27-يىغىنىنىڭ« « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنت قانۇنى »غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن بىرىنچى قېتىم تۈزىتىلگەن. 2000-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 17-يىغىنىنىڭ «» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنت قانۇنى «غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن ئىككىنچى قېتىم تۈزىتىلدى) 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1-ماددا بۇ قانۇن كەشپىيات، ئىجادىيەت پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداش، كەشپىيات، ئىجادىيەتكە ئىلھام بېرىش، كەشپىيات، ئىجادىيەتنى ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىشقا پايدىلىق بولۇش، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى ۋە بۇ جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا لايىقلىشىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان كەشپىيات، ئىجادىيەت كەشپىياتنى، ئەمەلىي يېڭى تىپنى ۋە تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسىنى كۆرسىتىدۇ. 

3-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پاتېنت خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ؛ پاتېنت ئىلتىماسىنى بىر تۇتاش قوبۇل قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ، قانۇن بويىچە پاتېنت ھوقۇقى بېرىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پاتېنت خىزمىتىنى باشقۇرۇش تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ پاتېنت باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 

4-ماددا پاتېنت ئىلتىماس قلىنغان كەشپىيات، ئىجادىيەت دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ياكى زور مەنپەئىتىگە چېتىلىپ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا توغرا كەلسە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بېجىرىلىدۇ. 

5-ماددا دۆلەت قانۇنىغا، ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ كېلىدىغان ياكى جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان كەشپىيات، ئىجادىيەتكە پاتېنت ھوقۇقى بېرىلمەيدۇ.

6-ماددا ئۆز ئورنىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋېتىپ ياكى ئاساسلىقى ئۆز ئورنىنىڭ ماددىي، تېخنىكا شارائىتىدىن پايدىلىنىپ ئورۇندىغان كەشپىيات، ئىجادىيەت خىزمەتتىكى كەشپىيات ياكى ئىجادىيەت ھېسابلىنىدۇ. خىزمەتتىكى كەشپىيات، ئىجادىيەتكە پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى شۇ ئورۇنغا مەنسۇپ بولىدۇ؛ ئىلتىماس تەستىقلانغاندىن كېيىن، شۇ ئورۇن پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسى بولىدۇ. 

خىزمەت سىرتىدىكى كەشپىيات، ئىجادىيەتكە پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى كەشپىياتچىغا ياكى لايىھىلىگۈچىگە مەنسۇپ بولىدۇ؛ ئىلتىماس تەستىقلانغاندىن كېيىن شۇ كەشپىياتچى ياكى لايىھىلىگۈچى پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسى بولىدۇ. 

ئۆز ئورنىنىڭ ماددىي، تېخنىكا شارائىتىدىن پايدىلىنىپ ئورۇندالغان كەشپىيات، ئىجادىيەت ئۈستىدە ئىدارە كەشپىياتچى ياكى لايىھىلىگۈچى بىلەن توختام تۈزۈپ، پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى ۋە پاتېنت ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكىنى پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ. sf 

7-ماددا كەشپىياتچى ياكى لايىھىلىگۈچىنىڭ خىزمەت سىرتىدىكى كەشپىياتى ۋە ئىجادىيىتى ئۈچۈن پاتېنت ئىلتىماس قىلىشنى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ بېسىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

8-ماددا ئىككىدىن ئارتۇق ئورۇن ياكى شەخس ھەمكارلىشىپ ئورۇندىغان، بىر ئورۇن ياكى شەخس باشقا ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئورۇندىغان كەشپىيات، ئىجادىيەت ئۈچۈن پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى ئايرىم كېلىشىم بارلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۆز ئالدىغا ئورۇندىغان ياكى بىرلىكتە ئورۇندىغان ئورۇنغا ياكى شەخسكە مەنسۇپ بولىدۇ؛ ئىلتىماس تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغان ئورۇن ياكى شەخس پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسى بولىدۇ. 

9-ماددا ئىككىدىن ئارتۇق ئىلتىماس قىلغۇچى كىشى ئوخشاش كەشپىيات ۋە ئىجادىيەت ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم پاتېنت ئىلتىماس قىلغان بولسا، پاتېنت ھوقۇقى ئەڭ ئاۋۋال ئىلتىماس قىلغان كىشىگە بېرىلىدۇ. 

10-ماددا پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىنى ۋە پاتېنت ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ. 

جۇڭگوغا تەۋە ئورۇنلار ياكى جۇڭگولۇق شەخسلەر پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىنى ياكى پاتېنت ھوقۇقىنى چەت ئەللىكلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك.

پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى ياكى پاتېنت ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئالاقىدار كىشىلەر يازما توختام تۈزۈشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقىغا تىزىملىتىشى لازىم، ئۇنى گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى ئېلان قىلىدۇ. پاتېنت ئىلتىماس تىرىمغا ئېلىنغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 

11-ماددا كەشپىيات ۋە ئەمەلىي يېڭى تىپقا پاتېنت ھوقۇقى بېرىلگەندىن كېيىن، مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، شۇ پاتېنتنى يولغا قويۇشىغا بولمايدۇ، يەنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارە قىلىش مەقسىتىدە پاتېنت بېرىلگەن مەھسۇلاتنى ياسىشىغا، ئىشلىتىشىگە، سېتىپ بېرىشىگە ۋەدە قىلىشىغا، سېتىشىغا ۋە ئىمپورت قىلىشىغا ياكى شۇ پاتېنت ئۇسۇلىنى قوللىنىشىغا ھەمدە شۇ پاتېنت ئۇسۇلىغا ئاساسەن بىۋاستە ئېرىشكەن مەھسۇلاتنى ئىشلىتىشىگە، سېتىپ بېرىشكە ۋەدە قىلىشىغا، سېتىشىغا ۋە ئىمپورت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسىگە پاتېنت ھوقۇقى بېرىلگەندىن كېيىن، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، شۇ پاتېنتنى يولغا قويۇشىغا بولمايدۇ، يەنى تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى بويىچە پاتېنت بېرىلگەن مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش مەقسىتىدە ياسىشىغا، سېتىشىغا، ئىمپورت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

12-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخس باشقىلارنىڭ پاتېنتنى يولغا قويۇشتا، شۇ پاتېنتنى يولغا قويۇشقا ئىجازەت بېرىش توغرىسىدا پاتېنت ئىگىسى بىلەن يازما توختام تۈزۈپ، پاتېنت ئىگىسىگە پاتېنت ئىشلىتىش ھەققى تۆلىشى لازىم. ئىجازەت ئالغۇچىنىڭ توختامدا بەلگىلەنگەندىن باشقا ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ شۇ پاتېنتنى يولغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلىش ھوقۇقى يوق. 

13-ماددا كەشپىيات پاتېنت ئىلتىماسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچى شۇ كەشپىياتنى يولغا قويغۇچى ئورۇندىن ياكى شەخستىن لايىقىدا خىراجەت تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

14-ماددا دۆلەت كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كەشپىيات دۆلەت ياكى جامائەت مەنپەئىتى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ، تەستىقلانغان دائىرىدە ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىشنى قارار قىلسا، كۆرسىتىلگەن ئورۇننىڭ يولغا قويۇشىغا ئىجازەت بەرسە بولىدۇ، يولغا قويغۇچى ئورۇن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسىگە ئىشلىتىش ھەققى تۆلىشى كېرەك. 

جۇڭگو كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ كەشپىيات پاتېنتى دۆلەت ياكى جامائەت مەنپەئىتى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىش زۆرۈر بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىدۇ. 

15-ماددا پاتېنت ئىگسىى ئۆزىنىڭ پاتېنت بېرىلگەن مەھسۇلاتىغا ياكى شۇ مەھسۇلات ئورالغان-قاچىلانغان نەرسىنىڭ ئۈستىگە پاتېنت بەلگىسى ۋە پاتېنت نومۇرى سېلىپ قويۇشقا ھوقۇقلۇق. 

16-ماددا پاتېنت ھوقۇقى بېرىلگەن ئورۇن خىزمەت ئۈستىدە كەشپىيات، ئىجادىيەت ياراتقانلارنى ياكى لايىھىلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلىشى كېرەك؛ كەشپىيات، ئىجادىيەت پاتېنتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىش دائىرىسى ۋە ئېرىشكەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئاساسەن، كەشپىياتچى ياكى لايىھىلىگۈچىگە مۇۋاپىق ھەق بېرىلىدۇ. 

17-ماددا كەشپىياتچى ياكى لايىھىلىگۈچى پاتېنت ھۆججىتىگە ئۆزىنىڭ كەشپىياتچى ياكى لايىھىلىگۈچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق يېزىپ قويۇشقا ھوقۇقلۇق. 

18-ماددا جۇڭگودا دائىم تۇرۇشلۇق ئورنى ياكى تىجارەت قىلىش سورۇنى بولمىغان چەت ئەللىكلەر، چەت ئەل كارخانىلىرى ياكى چەت ئەلنىڭ باشقا تەشكىلاتلىرىدىن جۇڭگودا پاتېنت ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار بولسا، ئۆزلىرى تەۋە بولغان دۆلەت بىلەن جۇڭگو ئىمزالىغان كېلىشىم ياكى بىرلىكتە قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامە بويىچە، ياكى ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپى بويىچە مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن بېجىرىلىدۇ.

19-ماددا جۇڭگودا دائىم تۇرۇشلۇق ئورنى ياكى تىجارەت قىلىش سورۇنى بولمىغان چەت ئەللىكلەر، چەت ئەل كارخانىلىرى ياكى چەت ئەلنىڭ باشقا تەشكىلاتلىرىدىن جۇڭگودا پاتېنت ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ۋە پاتېنىتقا دائىر باشقا ئىشلارنى بېجىرىشكە توغرا كەلگەنلىرىدە، گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەپ بەرگەن پاتېنت ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ بېجىرىپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

جۇڭگوغا تەۋە ئورۇنلاردىن ياكى جۇڭگولۇق شەخسلەردىن دۆلەت ئىچىدە پاتېنت ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ۋە پاتېنىتقا دائىر باشقا ئىشلارنى بېجىرىشكە توغرا كەلگەنلىرىدە، پاتېنت ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ بېجىرىپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. پاتېنت ۋاكالەت ئاپپاراتى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، پاتېنت ئىلتىماسى ياكى پاتېنتقا دائىر باشقا ئىشلارنى ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بېجىرىشى لازىم؛ ئۇلار ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ پاتېنت ئىلتىماسىدىكى ئاشكارىلانغان ياكى ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلاردىن باشقىلىرىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ. پاتېنت ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

20-ماددا جۇڭگوغا تەۋە ئورۇنلاردىن ياكى جۇڭگولۇق شەخسلەردىن ئۆزىنىڭ مەملىكەت ئىچىدە ئورۇندىغان كەشپىيات، ئىجادىيىتى ئۈچۈن چەت ئەلگە پاتنېت ئىلتىماس قىلىشقا توغرا كەلگەنلىرىدە، ئالدى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقىغا ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ بېجىرىپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلىشى ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ تۆتىنچى ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

جۇڭگوغا تەۋە ئورۇنلار ياكى جۇڭگولۇق شەخسلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قاتناشقان ئالاقىدار خەلقئارا شەرتنامىگە ئاساسەن، خەلقئارا پاتېنت ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى خەلقئارا پاتېنت ئىلتىماسى سۇنۇشتا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى خەلقئارا پاتېنت ئىلتىماسىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قاتناشقان ئالاقىدار خەلقئارا شەرتنامىگە، مۇشۇ قانۇنغا ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىدۇ. 

21-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئۇنىڭ پاتېنتنى قايتا تەكشۈرۈش ھەيئىتى پاتېنتقا دائىر ئىلتىماس ۋە تەلەپنى ئوبيېكتىپ، ئادىل، توغرا بولۇش ۋە ۋاقتىدا بېجىرىش تەلىپىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 

پاتېنت ئىلتىماسى ئاشكارىلىنىش ياكى ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى، گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقىدىكى خادىملار ۋە ئالاقىدار خادىملار ئىلتىماس مەزمۇنىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ. 

2-باب پاتېنت ھوقۇقى بېرىش شەرتلىرى 

22-ماددا پاتېنت ھوقۇقى بېرىلىدىغان كەشپىيات ۋە ئەمەلىي يېڭى تىپ يېڭىلىققا، ئىجادچانلىققا ۋە ئەمەلىيلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك.

يېڭىلىققا ئىگە بولۇش دېگەندە، ئىلتىماس سۇنۇلغان كۈندىن بۇرۇن شۇنىڭغا ئوخشاش كەشپىيات ياكى ئەمەلىي يېڭى تىپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەتبۇئاتلاردا ئاشكارا ئېلان قىلىنىپ باقمىغان بولۇش، دۆلەت ئىچىدە ئاشكارا ئىشلىتىپ باقمىغان بولۇش ياكى باشقا يوللار بىلەن جامائەتكە مەلۇم قىلىنىپ باقمىغان بولۇش، شۇنىڭغا ئوخشاش كەشپىيات ياكى ئەمەلىي يېڭى تىپ ھەققىدە باشقىلار گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس سۇنۇپ باقمىغان ھەمدە ئىلتىماس قىلىنغان كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان پاتېنت ئىلتىماسىغا دائىر ھۆججەتلەرگە يېزىلمىغان بولۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 

ئىجادچانلىققا ئىگە بولۇش دېگەندە، ئىلتىماس قىلىنغان كۈندىن بۇرۇن بارلىققا كەلگەن تېخنىكىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ كەشپىيات گەۋدىلىك ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىككە ۋە روشەن ئىلغارلىققا ئىگە بولغان بولۇش، بۇ ئەمەلىي يېڭى تىپ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىككە ۋە ئىلغارلىققا ئىگە بولغان بولۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئەمەلىيلىككە ئىگە بولۇش دېگەندە، شۇ كەشپىيات ياكى ئەمەلىي يېڭى تىپ ياساشقا ۋە ئىشلىتىشكە بولىدىغان ھەمدە ئىجابىي ئۈنۈم بېرەلەيدىغان بولۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 

23-ماددا پاتېنت ھوقۇقى بېرىلىدىغان تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى ئىلتىماس قىلىنغان كۈندىن ئىلگىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەتبۇئاتلاردا ئاشكارا ئېلان قىلىنغان ياكى دۆلەت ئىچىدە ئاشكارا ئىشلىتىگەن تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىلىرىگە ئوخشىمايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كەتمەيدىغان بولۇشى ھەمدە باشقىلار ئاۋۋال ئېرىشكەن قانۇنىي ھوقۇق بىلەن توقۇنۇشۇپ قالمايدىغان بولۇشى كېرەك. 

24-ماددا پاتېنت ئىلتىماس قىلىنغان كەشپىيات ۋە ئىجادىيەتچىلەر ئىلتىماس قىلىنغان كۈندىن ئىلگىرىكى ئالتە ئاي ئىچىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلگەن بولسا، ئۆز يېڭىلىقنى يوقاتمايدۇ:

1. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىگە بولۇپ ئاچقان ياكى ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا كۆرگەزمىلەرگە تۇنجى قېتىم قويۇلغان بولسا؛

2. بەلگىلەنگەن ئىلمىي يىغىنلاردا ياكى تېخنىكا يىغىنلىرىدا تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان بولسا؛ 

3. باشقىلار ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ مەزمۇنىنى ئاشكارىلىۋەتكەن بولسا. 

25-ماددا تۆۋەندىكى تۈردىكىلەرگە پاتېنت ھوقۇقى بېرىلمەيدۇ:

1. ئىلمىي ئىختىرالار؛ 

2. ئەقلىي پائالىيەتلەرگە دائىر قائىدە ۋە ئۇسۇللار؛ 

3. كېسەللىكلەر ئۈستىدىكى دىئاگنوز ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى؛ 

4. ھايۋانات نەسلى ۋە ئۆسۈملۈك سورتلىرى؛ 

5. ئاتوم يادروسىنى ئالماشتۇرۇش يولى بىلەن ئېرىشكەن ماددىلار. 

يۇقىرىقى تارماقنىڭ تۆتىنچى تۈرىدە كۆرسىتىلگەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ئۈچۈن، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە پاتېنت ھوقۇقى بېرىلسە بولىدۇ. 

3-باب پاتېنت ئىلتىماسى

26-ماددا كەشپىيات ياكى ئەمەلىي يېڭى تىپ ئۈچۈن پاتېنت ئىلتىماس قىلىشتا، ئىتىماسنامە، چۈشەندۈرۈشنامە، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قىسقچە مەزمۇنى ۋە ھوقۇق تەلەپنامىسى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇش كېرەك. 

ئىلتىماسنامىدە كەشپىياتنىڭ ياكى ئەمەلىي يېڭى تىپنىڭ نامى، كەشپىياتچى ياكى لايىھىلىگۈچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى نامى، ئادرېسى، شۇنىڭدەك باشقا ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك. 

چۈشەندۈرۈشنامىدە كەشپىيات ياكى ئەمەلىي يېڭى تىپ ئېنىق ۋە مۇكەممەل چۈشەندۈرۈلۈشى كېرەك، بۇنىڭدا شۇ تېخنىكا ساھەسىدىكى تېخنىكىلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرالىشىنى ئۆلچەم قىلىش لازىم؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، چېرتيوژلىرى قوشۇمچە قىلىنىشى كېرەك. قىسقىچە مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈشتە كەشپىيات ياكى ئەمەلىي يېڭى تىپنىڭ تېخنىكىلىق مۇھىم نۇقتىلىرى قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى كېرەك.

ھوقۇق تەلەپنامىسىدە چۈشەندۈرۈشنامە ئاساس قىلىنىپ، پاتېنتنى قوغداش ھەققىدىكى تەلەپنىڭ دائىرىسى ئەسكەرتىلىشى كېرەك. 

27-ماددا تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى ئۈچۈن پاتېنت ئىلتىماس قىلىشتا، ئىلتىماسنامە ۋە شۇ تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسىگە دائىر سۈرەت ياكى فوتو سۈرەت قاتارلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش ھەمدە شۇ تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتنى ۋە شۇ مەھسۇلاتنىڭ قايسى تۈرگە كىرىدىغانلىقىنى ئېنىق يېزىش كېرەك. 

28-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھۆججىتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈن ئىلتىماس قىلىنغان كۈن بولىدۇ. ئەگەر ئىلتىماس ھۆججەتلىرى پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن بولسا، پوچتا تامغىسى ئۇرۇلغان كۈن ئىلتىماس قىلىنغان كۈن بولىدۇ. 

29-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى كەشپىيات ياكى ئەمەلىي يېڭى تىپ ئۈچۈن چەت ئەلدە تۇنجى قېتىم پاتېنت ئىلتىماس قىلغان كۈندىن باشلاپ 12 ئاي ئىچىدە، ياكى تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى ئۈچۈن چەت ئەلدە تۇنجى قېتىم پاتېنت ئىلتىماس قىلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە، جۇڭگودىمۇ ئوخشاش بىر تېما ئۈستىدە پاتېنت ئىلتىماس قىلىنغان بولسا، شۇ چەت ئەل بىلەن جۇڭگو ئىمزالىغان كېلىشىمگە ياكى بىرلىكتە قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىگە ئاساسەن، ياكى ئالدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئالدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

ئىلتىماس قىلغۇچى كەشپىيات ياكى ئەمەلىي يېڭى تىپ ئۈچۈن جۇڭگودا تۇنجى قېتىم پاتېنت ئىلتىماس قىلغان كۈندىن باشلاپ 12 ئاي ئىچىدە، گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقىغا ئوخشاش بېر تېما ئۈستىدە يەنە پاتېنت ئىلتىماس قىلغان بولسا، ئالدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. 

30-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئالدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغانلىرى ئىلتىماس قىلغاندا، يازما بايانات ئېلان قىلىشى ھەمدە تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان پاتېنت ئىلتىماسىغا دائىر ھۆججەتنىڭ كۆچۈرمىسىنى ئۈچ ئاي ئىچىدە تاپشۇرۇشى كېرەك؛ يازما بايانات ئېلان قىلمىغانلار ياك سۈرۈك توشۇپ كەتكۈچە پاتېنت ئىلتىماسىغا دائىر ھۆججەتنىڭ كۆچۈرمىسىنى تاپشۇرمىغانلار ئالدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى تەلەپ قىلمىغان، دەپ قارىلىدۇ. 

31-ماددا بىر پارچە كەشپىيات ياكى ئەمەلىي يېڭى تىپ پاتېنت ئىلتىماسى بىر تۈرلۈك كەشپىيات ياكى بىر تۈرلۈك ئەمەلىي يېڭى تىپ بىلەنلا چەكلىنىشى كېرەك. بىر ئومۇمىي كەشپىيات تەسەۋۋۇرىغا مەنسۇپ بولغان ئىككىدىن ئارتۇق كەشپىيات ياكى ئەمەلىي يېڭى تىپ بىر پارچە ئىلتىماس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلسا بولىدۇ. 

بىر پارچە تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى پاتېنت ئىلتىماسى بىرلا خىل مەھسۇلاتقا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى بىلەنلا چەكلىنىشى كېرەك. ئوخشاش بىر تىپقا كىرىدىغان ھەمدە يۈرۈشى بىلەن سېتىلىدىغان ياكى ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتق كېرەكلىك ئىككىدىن ئارتۇق تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى بىر ئىلتىماس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلسا بولىدۇ.

32-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى پاتېنت ئىلتىماسىنى پاتېنت ھوقۇقى بېرىلىشتىن بۇرۇن خالىغان چاغدا قايتۇرۇلسا بولىدۇ. 

33-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزىنىڭ پاتېنت ئىلتىماسىغا دائىر ھۆججىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزسە بولىدۇ، لېكىن كەشپىيات ۋە ئەمەلىي يېڭى تىپ ئۈچۈن پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھۆججىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، ئەسلىدىكى چۈشەندۈرۈشنامىگە ۋە ھوقۇق تەلەپنامىسىگە يېزىلغان دائىرىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى كېرەك. تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى ئۈچۈن پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھۆججىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، ئەسلىدىكى رەسىم ياكى فوتو سۈرەتتە كۆرسىتىلگەن دائىرىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 

4-باب پاتېنت ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش

34-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى كەشپىيات پاتېنتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ كۆرۈپ مۇشۇ قانۇندىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن دەپ قارىسا، ئىلتىماس قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 18 ئاي توشقاندىلا ئېلان قىلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى بۇرۇنراق ئېلان قىلسىمۇ بولىدۇ. 

35-ماددا كەشپىيات پاتېنت ئىلتىماسى سۇنۇلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىلغىچە، گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇري تارمىقى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ خالىغان چاغدا ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ ئىلتىماسى ئۈستىدە ماھىيەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ؛ ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن سۈرۈك ئۆتۈپ كەتكۈچە ماھىيەتلىك تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلمىسا، ئۇنىڭ ئىلتىماسى قايتۇرۇۋېلىنغان ئىلتىماس، دەپ قارىلىدۇ. 

گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى زۆرۈر تاپقاندا، كەشپىيات پاتېنتى ئىلتىماسى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ماھىيەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. 

36-ماددا كەشپىيات پاتېنتى ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماسنى ماھىيەتلىك تەكشۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئىلتىماس قىلىش كۈندىن ئىلگىرى كەشپىياتىغا دائىر پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. 

كەشپىياتقا چەت ئەلدە پاتېنت ئلىتىماس قىلىنغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى ئىلتىماس قىلغۇچىدىن شۇ دۆلەتنىڭ ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈشتە، ئىزدەپ تېپىش ماتېرىيالىنى ياكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە دائىر ماتېرىيالنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن مۆھلەت توشقۇچە تاپشۇرمىغانلارنىڭ ئىلتىماسى قايتۇرۇۋېلىنغان ئىلتىماس، دەپ قارىلىدۇ.

37-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى كەشپىيات پاتېنتى ئىلتىماسى ئۈستىدە ماھىيەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارسىا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئۇنىڭدىن بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئۆز پىكرىنى بايان قىلىشنى ياكى ئۆز ئىلتىماسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلشى كېرەك؛ ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن سۈرۈك ئۆتۈپ كەتكۈچە جاۋاب قايتۇرمىسا، ئۇنىڭ ئىلتىماسى قايتۇرۇۋېلىنغان ئىلتىماس، دەپ قارىلىدۇ.

38-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى كەشپىيات پاتېنتى ئىلتىماسى ئۈستىدە ئۆز پىكرىنى بايان قىلغان ياكى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى ئۇنى يەنىلا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىسا، ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلىش كېرەك. 

39-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى كەشپىيات پاتېنتى ئىلتىماسى ئۈستىدە ماھىيەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، رەت قىلىشقا ئاساس تاپالمىسا، كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، كەشپىيات پاتېنت گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ، شۇنىڭ بىللە تىزىمغا ئالىدۇ ۋە ئېلان چىقىرىدۇ. كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقى ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 

40-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى ئەمەلىي يېڭى تىپ ۋە تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى پاتېنت ئىلتىماسىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ، رەت قىلىشقا ئاساس تاپالمىسا، ئەمەلىي يېڭى تىپ پاتېنت ھوقۇقى ياكى تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى پاتېتن ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، مۇناسىپ پاتېنت گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە تىزىمغا ئالىدۇ ۋە ئېلان چىقىرىدۇ. ئەمەلىي يېڭى تىپ پاتېنت ھوقۇقى ۋە تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى پاتېنت ھوقۇقى ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. sfs 

41-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى پاتېنتنى قايتا تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەسىس قىلىدۇ. پاتېنت ئىلتىماس قىلغۇچى گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلىش قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە پاتېنتنى قايتا تەكشۈرۈش ھەيئىتىگە قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. پاتېنتنى قايتا تەكشۈرۈش ھەيئىتى قايتا تەكشۈرگەندىن كېيىن قارار چىقىرىدۇ ھەم پاتېنت ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرىدۇ. پاتېنت ئىلتىماس قىلغۇچى پاتېنتنى قايتا تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈش قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

5-باب پاتېنت ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى، ئاخىرلىشىشى ۋە كۈچتىن قېلىشى

42-ماددا كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى 20 يىل بولىدۇ، ئەمەلىي يېڭى تىپ پاتېنت ھوقۇقى ۋە تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى پاتېنت ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى 10 يىل بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئىلتىماس قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. 

43-ماددا پاتېنت ئىگىسى پاتېنت ھوقۇقى بېرىلگەن يىلدىن باشلاپ يىللىق بەدەل تاپشۇرۇشى كېرەك.

44-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلسە، پاتېنت ھوقۇقى مۇددەت توشۇشتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ: 

1. يىللىق بەدەل بەلگىلىمە بويىچە تۆلەنمىگەن بولسا؛ 

2. پاتېنت ئىگىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن بولسا؛ 

پاتېنت ھوقۇقى مۇددەت توشۇشتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇلغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى تىزىمغا ئالىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ. 

45-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى پاتېنت ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان كۈندىن باشلاپ، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخس بۇ پاتېنت ھوقۇقىنىڭ بېرىلىشى مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىسا، پاتېنتنى قايتا تەكشۈرۈش ھەيئىتىگە شۇ پاتېنت ھوقۇقىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس، دەپ جاكارلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

46-ماددا پاتېنتنى قايتا تەكشۈرۈش ھەيئىتى پاتېنت ھوقۇقىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس، دەپ جاكارلاش تەلەپ قىلىنغان ئىلتىماسنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى ۋە ئۇ ھەقتە قارار چىقىرىشى ھەم ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى پاتېنت ھوقۇقى كۈچكە ئىگە ئەمەس، دەپ جاكارلانغان قارارنى تىزىمغا ئالىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ. 

پاتېنتنى قايتا تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس، دەپ جاكارلاش ياكى پاتېنىت ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش قارارىغا قايىل بولمىغانلار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى كۈچكە ئىگە ئەمەس، دەپ جاكارلاشنى تەلەپ قىلىش تەرتىپى بويىچە قارشى تەرەپكە دەۋاغا ئۈچىنچى كىشى سۈپىتىدە قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

47-ماددا كۈچكە ئىگە ئەمەس، دەپ جاكارلانغان پاتېنت ھوقۇقى باشتىنلا مەۋجۇت ئەمەس، دەپ قارىلىدۇ. 

پاتېنت ھوقۇقى كۈچكە ئىگە ئەمەس، دەپ جاكارلانغان قارارنىڭ پاتېنت ھوقۇقى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلىنىشتىن ئىلگىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ھەققىدە چىقارغان ھەم ئىجرا قىلغان ھۆكۈم ۋە كېسىم، ئىجرا قىلىنغان ياكى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇلغان پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ماجىراسىنى بىر تەرەپ قىلىش قارارى، پاتېنتنى يولغا قويۇش ئىجازىتى بويىچە ئىجرا قىلىنغان توختام ۋە پاتېنت ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى ئالدىدا سۈرۈشتۈرۈش كۈچى بولمايدۇ. لېكىن، پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسى يامان نىيەت بىلەن باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك. 

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسى ياكى پاتېنت ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى پاتېنتنى يولغا قويۇش ئىجازىتى ئالغۇچىغا ياكى پاتېنت ھوقۇقىنى قوبۇل قىلغۇچىغا پاتېنت ئىشلىتىش ھەققى ياكى پاتېنت ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرش ھەققى قايتۇرماي، ئادىل بولۇش پرىنسىپىغا روشەن ھالدا خىلاپلىق قىلغان بولسا، پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسى ياكى پاتېنت ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى پاتېنتنى يولغا قويۇش ئىجازىتى ئالغۇچىغا ياكى پاتېنت ھوقۇقىغا قوبۇل قىلغۇچىغا پاتېنت ئىشلىتىش ھەققى ياكى پاتېنت ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى قايتۇرۇشى كېرەك. 

6-باب پاتېنتنى يولغا قويۇشقا مەجبۇرىي ئىجازەت بەرگۈزۈش 

48-ماددا يولغا قويۇلۇش شەرت-شارائىتنى ھازىرلىغان ئورۇن كەشپىيات ياكى ئەمەلىي يېڭى تىپ پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسىدىن شۇ پاتېنتنى يولغا قويۇشقا مۇۋاپىق شەرت بىلەن ئىجازەت سوراپ، مۇۋاپىق ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدە ئىجازەت ئالالمىسا، گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى شۇ ئورۇننىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، شۇ كەشپىيات پاتېنتنى ياكى ئەمەلىي يېڭى تىپ پاتېنتنى يولغا قويۇشقا مەجبۇرىي ئىجازەت بەرگۈزسە بولىدۇ.

49-ماددا دۆلەتتە جىددىي ياكى پەۋقۇلئاددە ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ياكى جامائەت مەنپەئىتى مەقسەت قىلىنغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى كەشپىيات پاتېنتنى ياكى ئەمەلىي يېڭى تىپ پاتېنتنى يولغا قويۇشقا مەجبۇرىي ئىجازەت بەرگۈزسە بولىدۇ. 

50-ماددا پاتېنت ھوقۇقى بېرىلگەن بىرەر كەشپىيات ياكى ئەمەلىي يېڭى تىپ ئىلگىرى پاتېنت ھوقۇقى بېرىلگەن كەشپىيات ياكى ئەمەلىي يېڭى تىپقا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ئەھمىيەتكە ۋە زور تېخنىكا تەرەققىياتىغا ئىگە بولسا، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئىلگىرىكى كەشپىيات ياكى ئەمەلىي يېڭى تىپنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا باغلىق بولۇپ قالغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى كېيىنكى پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئىلگىرىكى كەشپىيات ياكى ئەمەلىي يېڭى تىپنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا مەجبۇرىي ئىجازەت بەرگۈزسە بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە يولغا قويۇشقا مەجبۇرىي ئىجازەت بېرىلگەن ئەھۋالدا، گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى ئىلگىرىكى پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، كېيىنكى كەشپىيات ياكى ئەمەلىي يېڭى تىپنى يولغا قويۇشقا مەجبۇرىي ئىجازەت بەرگۈزسىمۇ بولىدۇ.

51-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە يولغا قويۇشقا مەجبۇرىي ئىجازەت بەرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان ئورۇن ياكى شەخس پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسى بىلەن يولغا قويۇش ئىجازىتى توختامنى مۇۋاپىق شەرت قويۇپمۇ ئىمزالىيالمىغانلىقىغا دائىر ئىسپاتنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. 

52-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى مەجبۇرىي ئىجازەت بەرگۈزۈش يولىنى تۇتۇش توغرىسىدا چىقارغان قارارنى پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى ھەم تىزىمغا ئېلىشى ۋە ئېلان قىلىشى كېرەك.

مەجبۇرىي ئىجازەت بەرگۈزۈش يولىنى تۇتۇش توغرىسىدىكى قاراردا مەجبۇرىي ئىجازەت بەرگۈزۈش يولىنى تۇتۇشتىكى سەۋەبكە ئاساسەن، يولغا قويۇش دائىرىسى ۋە ۋاقتى بەلگىلىنىشى كېرەك. مەجبۇرىي ئىجازەت بەرگۈزۈش يولىنى تۇتۇشتىكى سەۋەب تۈگىگەن ھەم قايتا كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا، گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن يولغا قويۇشقا مەجبۇرىي ئىجازەت بەرگۈزۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇش قارارى چىقىرىشى لازىم. 

53-ماددا يولغا قويۇشقا مەجبۇرىي ئىجازەت ئالغان ئورۇن ياكى شەخس ئۆز ئالدىغا يولغا قويۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ ھەمدە باشقىلارنىڭ يولغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلىشىغىمۇ بولمايدۇ. 

54-ماددا يولغا قويۇشقا مەجبۇرىي ئىجازەت ئالغان ئورۇن ياكى شەخس پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسىگە مۇۋاپىق دەرىجىدە ئىشلىتىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك، پۇل سانى ھەققىدە ئىككى تەرەپ كېڭىشىدۇ، ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى كېسىم قىلىدۇ.

55-ماددا پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسى گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ مەجبۇرىي ئىجازەت بەرگۈزۈش يولىنى تۇتۇش توغرىسىدىكى قارارىغا قايىل بولمىسا، پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسى ۋە مەجبۇرىي بېرىلگەن ئىجازەت ئالغان ئورۇن ياكى شەخس گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ مەجبۇرىي يولغا قويدۇرۇش ئىجازىتىنىڭ ئىشلىتىش ھەققى توغرىسىدىكى كېسىمىگە قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. 

7-باب پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداش 

56-ماددا كەشپىيات ياكى ئەمەلىي يېڭى تىپقا بېرىلگەن پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداش دائىرىسى جەھەتتە ھوقۇق تەلىپىنىڭ مەزمۇنى ئۆلچەم قىلىنىدۇ، چۈشەندۈرۈشنامىسى ۋە قوشۇمچە سۈرەتلەر ھوقۇق تەلىپىنى ئىزاھلاشقا ئىشلىتىلسە بولىدۇ. 

تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداش دائىرىسى جەھەتتە، رەسىم ياكى فوتو سۈرەتتە كۆرسىتىلگەن شۇ تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى پاتېنتلىق مەھسۇلاتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. 

57-ماددا پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسىدىن ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ پاتېنتنى يولغا قويۇش، يەنى ئۇنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش تۈپەيلىدىن ماجىرا تۇغۇلسا، دەۋاگەرلەر كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ؛ كېڭىشىشنى خالىمىسا ياكى كېڭىشىشتىن نەتىجە چىقمىسا، پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسى ياكى مەنپەئەتدارلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ، پاتېنت خىزمىتىنى باشقۇرۇش تارمىقىدىن بىر تەرەپ قىلىپ قويۇشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. پاتېنت خىزمىتىنى باشقۇرۇش تارمىقى بىر تەرەپ قىلغاندا، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان ھەرىكەت دەپ مۇئەييەنلەشتۈرسە، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىنى دەخلى-تەرۇزنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ، دەۋاگەرلەر بولمىسا، بىر تەرەپ قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي دەۋا قانۇنى» غا ئاساسەن، خەلق سوت مەھكىمىسىگە داۋا قىلسا بولىدۇ؛ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچى دەخلى-تەرۇز قىلىش ھەرىكىتىنىمۇ توختاتمىغان بولسا، پاتېنت خىزمىتىنى باشقۇرۇش تارمىقى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئۇنى بىر تەرەپ قىلغان پاتېنت خىزمىتىنى باشقۇرۇش تارمىقى داۋاگەرلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلارنىڭ تۆلەم سوممىسى ئۈستىدە مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ؛ مۇرەسسە قىلىشتىن نەتىجە چىقمىسا، دەۋاگەرلەر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» غا ئاساسەن خەلق سوت مەھكىمىسىگە داۋا قىلسا بولىدۇ.

پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ماجىراسى يېڭى مەھسۇلات ئىشلەش ئۇسۇلىنىڭ كەشپىيات پاتېنتىغا چېتىلسا، شۇنداق مەھسۇلات ئىشلەيدىغان ئورۇن ياكى شەخس ئۆزىنىڭ مەھسۇلات ئىشلەش ئۇسۇلىنىڭ پاتېنت ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدىغانلىقىغا دائىر ئىسپاتنى كۆرسىتىشى كېرەك؛ ماجىرا ئەمەلىي يېڭى تىپ پاتېنتغا چېتىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى پاتېنت خىزمىتىنى باشقۇرۇش تارمىقى پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسىدىن گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى چىقارغان ئىزدەپ تېپىش دوكلاتىنى چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

58-ماددا باشقىلارنىڭ پاتېنتنى ئۆزىنىڭ قىلىپ كۆرسەتكەنلەر قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت، پاتېنت خىزمىتىنى باشقۇرۇش تارمىقى تەرىپىدىن تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ ۋە ئېلان قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىسا، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

59-ماددا پاتنېتسىز مەھسۇلاتنى پاتنېتلىق قىلىپ كۆرسەتكەن، پاتنېتسىز ئۇسۇلنى پاتنېتلىق قىلىپ كۆرسەتكەنلەر پاتنېت خىزمىتىنى باشقۇرۇش تارمىقى تەرىپىدىن تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ ۋە ئېلان قىلىنىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ. 

60-ماددا پاتنېت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلارنىڭ تۆلەم سوممىسى، ھوقۇق ئىگىسى ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزگە ئۇچراش سەۋەبىدىن تارتقان زىيانغا ياكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىپ ئېرىشكەن پايدىغان قاراپ بېكىتىلىدۇ؛ ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغۇچىنىڭ زىيىنى ياكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىنىڭ ئېرىشكەن پايدىسىنى بېكىتىش تەس بولسا، شۇ پاتېنتنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھەققىنىڭ ھەسسىلىك سانى بويىچە مۇۋاپىق بېكىتىلىدۇ. 

61-ماددا پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسى ياكى مەنپەئەتدارى ئۆزىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا باشقىلارنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلۋاتقانلىقىنى ياكى دەخلى-تەرۇز قىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات تاپقان، ئۇنى ۋاقتىدا توسمىسا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى تولدۇرۇۋالغۇسىز زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى سەزگەندە، دەۋا قىلىشتىن بۇرۇن خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئالاقىدار قىلمىشنى توختىتىش ۋە مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى تارماقتا دېيىلگەن ئىلتىماسنى بىر تەرەپ قىلغاندا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 93-ماددىسىدىن 96-ماددىسىغىچە بولغان بەلگىلىمە ۋە 99-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. 

62-ماددا دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغان پاتېنت ھوقۇقىنىڭ دەۋا سۈرۈكى ئىككى يىل بولىدۇ، ئۇ پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسى ياكى مەنپەئەتدارى ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. 

كەشپىيات پاتېنت ئىلتىماسى ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ پاتېنت ھوقۇقى بېرىلگەنگە قەدەر، شۇ كەشپىيات ئىشلىتىلىپ مۇۋاپىق ھەق تۆلەنمىگەن بولسا، پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىشلىتىش ھەققى تەلەپ قىلىش دەۋا سۈرۈكى ئىككى يىل بولىدۇ، بۇ پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسى كەشپىياتىنى باشقىلارنىڭ ئىشلەتكەنلىكىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، ئەمما پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسى بۇنى پاتېنت ھوقۇقى بېرىلگەن كۈندىن بۇرۇن بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان بولسا، پاتېنت ھوقۇقى بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. 

63-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلسە، پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق ھېسابلانمايدۇ: 

(1) پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسى ياسىغان، ئىمپورت قىلغان ياكى ئۇنىڭ ئىجازىتى بىلەن ياسالغان، ئىمپورت قىلىنغان پاتېنتلىق مەھسۇلات ياكى پاتېنت ئۇسۇلى بويىچە بىۋاستە ئېرىشكەن مەھسۇلات سېتىلغاندىن كېيىن، شۇ مەھسۇلات ئىشلىتىلگەن، سېتىپ بېرىشكە ۋەدە قىلىنغان ياكى سېتىلغان بولسا؛

(2) پاتېنت ئىلتىماس قىلىنغان كۈندىن ئىلگىرى شۇنداق مەھسۇلات ياسالغان، شۇنداق ئۇسۇل قوللىنىلغان ياكى ياساش، ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈر تەييارلىقى قىلىپ بولۇنغان ھەم ئەسلىدىكى دائىرىدىلا ياساۋاتقان، ئىشلىتىۋاتقان بولسا؛ 

(3) جۇڭگونىڭ قۇرۇقلۇق، سۇ ۋە ھاۋا تەۋەلىكىدىكى ۋاقىتلىق ئۆتىدىغان چەت ئەل ترانسىپورت قوراللىرىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، ئۆز دۆلىتى جۇڭگو بىلەن تۈزگەن كېلىشىم ياكى ئورتاق قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىگە ياكى ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ قۇرۇلمىلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىگە ئالاقىدار پاتېنتنى ئىشلەتكەن بولسا؛

(4) مەخسۇس ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەجرىبە ئۈچۈن ئالاقىدار پاتېنت ئىشلىتىلگەن بولسا.

پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازەتسىز ياسالغان ھەم سېتىلغان پاتنېتلىق مەھسۇلات ياكى پاتېنت ئۇسۇلى بويىچە بىۋاستە ئېرىشكەن مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش مەقسىتىدە ئىشلەتكەن ياكى ساتقانلار مەھسۇلاتنىڭ قانۇنلۇق كېلىش مەنبەسىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. 

64-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 20 ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چەت ئەلگە پاتېنت ئىلتىماس قىلىپ، دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلارغا ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان تەرىپىدىن مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

65-ماددا كەشپىياتچى ياكى لايىھىلىگۈچىنى خىزمەت سىرتىدىكى كەشپىياتى، ئىجادىيىتىگە پاتېنت تەلەپ قىلىش ھوقۇقىدىن ۋە بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇق-مەنپەئىتىدىن مەھرۇم قىلغانلارغا، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان تەرىپىدىن مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

66-ماددا پاتېنت خىزمىتىنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ جەمئىيەتكە پاتېنتلىق مەھسۇلات تونۇشتۇرۇشتەك تىجارەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

پاتېنت خىزمىتىنى باشقۇرۇش تارمىقى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تەرىپىدىن تۈزىتىشكە، تەسىرىنى تۈگىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولسا مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، بىۋاستە جاۋابكار بولغان مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 

67-ماددا پاتېنت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۆلەت ئورگىنىدىكى خادىملار ۋە دۆلەتنىڭ باشقا ئالاقىدار ئورگىنىدىكى خادىملاردىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

8-باب قوشۇمچە قائىدە 

68-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقىدىن پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ۋە باشقا رەسمىيەت ئۆتەشتە بەلگىلىمە بويىچە ھەق تاپشۇرۇش كېرەك. 

69-ماددا بۇ قانۇن 1985-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#