چېن باۋگو

چېن باۋگو

چېن باۋگو 1956-يىلى بېيجىڭ دا تۇغۇلغان، 1977-يىلى مەركىزى تىياتىر ئىنستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس. جۇڭگو تېلېۋىزىيە سەنئەتكارلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئارتىسلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ پەخرىي باشلىقى، جۇڭگو رادىئو تېلېۋىزىيە جەمئىيىتى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارتىس كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى چېن باۋگو
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى بېيجىڭ
يۇلتۇز تۈركۈمى ھوت يۇلتۇز تۈركۈمى
قان تىپى A تىپلىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 陈宝国
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1956-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 178 سانتىمېتىر
كەسپى ئاتىس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چېن باۋگو1977-يىلى، چېن باۋگو مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1979-يىلى تۇنجى دراما «گېزىت ساتقۇچى بالا دا رول ئالغان. 1981-يىلى ئۇ تۇنجى كىنو «دادۇخې دەرياسىدىن ئۆتۈش»تە باش رول ئالغان. 

1981-يىلى، تۇنجى تېلۋىزىيە تىياتىرى، ۋاڭ فۇلىن رېژىسسورلۇق قىلغان، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۆرسەتكەن تىياتىرلىرىدا باش رول ئالغان، شۇ رولنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەمدە يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى ئەۋلاد ياش مەبۇدقا ئايلانغان. 

1990-يىلى، ۋەقەلىك فىلىمى «كونا دۇكان» ناملىق فىلىمدە چۈەنجۈدې، ياڭ مىڭلار ئۇ فىلىمدە بىر تۈرلۈك ئازاب-ئوقۇبەت فېئودال سودىگەرنىڭ ئوبرازىنى سۈرەتلەپ بەرگەن، بۇ فىلىمدە 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئاكتيورلۇق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالتۇن سۇمرۇغ مۇكاپاتى ئويۇن ئىلمىي جەمئىيىتى مۇكاپاتى، 11-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

1992–يىلى، تېلېۋىزىيە تىياتىرى «شىمالىي دېڭىز ئارمىيەسى» دېگەن فىلىمدە مىللىي قەھرىمانى دېڭ شىچاڭنىڭ رولىنى ئالغان.

1995-يىلى، ليۇ شياۋچىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ۋۇ زېتيەن»دا ئىقتىدارسىز تاڭ گاۋزۇڭنىڭ رولىنى ئالغان؛ شۇ يىلى ئايالى جاۋ كۈيئې بىلەن بىللە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «دادام ئاپام»دا رول ئالغان، 16-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى فېيتيەن مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

1996-يىلى شۇ ناملىق درامما ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى، « شاۋجىڭ كوچىسى» فلىمىدە رول ئالغان.

1999-يىلى، تېلېۋىزىيە تىياتىرى «پاكىت»تا باش رول ئالغان ھەمدە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «قىزىل قىيا» تىياتىرلىرىدا شۈ پېڭفېينىڭ سەلبىي رولىنى ئالغان.

چېن باۋگو2000-يىلى گو باۋچاڭ رېژىسسورلۇق قىلغان «چوڭ قورو دەرۋازىسى»دا خاسلىق تەلەپ قىلىدىغان رولنى ئالغان، مۇھەببەتمۇ نەپرەتمۇ بار، كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىش روھىغا ئىگە بولغان بەي جىڭچىنىڭ رولىنى ئېلىپ، 2001-يىلىدىكى يىللىق مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قانىلىدا ئالتۇن ۋاقىتتا تاماشىبىنلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان مۇنەۋۋەر تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2001-يىلى، بوران-چاپقۇن قەدىمكى دېلو جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تىياتىرى «مەرۋايىت»داباش رول ئالغان. 

2002-يىلى، تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ج خ ئىدارە باشلىقى»دا باش رول ئالغان، 21-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنىڭ تاماشىبىنلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2003-يىلى، گو باۋچاڭ رېژىسسورلۇق قىلغان ئىككىنچى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «چوڭ قورو دەرۋازىسى» فىلىمىدە ياشانغانلار دەۋرىدىكى بەي جىڭچىنىڭ رولىنى ئالغان. 

چېن باۋگو1974-يىلى چېن باۋگو مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىغا جاۋ كۈيئې بىلەن بىللە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، بىر سىنىپتا ئوقۇغان ساۋاقدىشى، ئۇلار 8 يىل مۇھەببەتلەشكەن. 1981-يىلى، چېن باۋگو بىلەن جاۋ كۈيئې توي قىلغان. تويدىن كېيىن ئىككىيلەننىڭ چېن يۆمو ئىسىملىك ئوغلى بار.

چېن باۋگو«ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە ۋىزا» 

«بېيپىڭ سەپتە ئۇرۇشى»  

«دېھقانلار» 

«مىكون دەرياسى چوڭ دېلوسى»  

«چوڭ دەريا ئوغۇل-قىزلىرى»

«قۇربان بولغۇچىنىڭ تەڭدىشى يوق»  

«قورۇ ئىشىكى 1912-يىلى» 

2008-يىلى سىچۈەن ئۆلكىسى ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەشتە، چېن باۋگو يۈز مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان. 2012-يىلى چىڭخەي يۈشۇدىكى يەر تەۋرەشتە چېن باۋگو يۈز مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان. 20-ئاپرېل «يۈشۇغا مۇھەببەت، مۇھەببەتنىڭ چىگرىسى يوق» تېمىسىدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چوڭ تىپتىكى ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. 

چېن باۋگوجۇڭگو كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى 

1991-يىلى 11-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

ئاممىۋى بارچە گۈللەر كىنو مۇكاپاتى 

2008-يىلى 29-نۆۋەتلىك ئاممىۋى فىلىم بەيخۇا مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى فېيتيەن مۇكاپاتى

2015-يىلى 12-ئايدا، 30-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى فېيتيەن مۇكاپاتىنى تارقىتىشتا مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2011-يىلى 8-ئايدا، 28-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى فېيتيەن مۇكاپاتىنى تارقىتىشتا مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

27-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى فېيتيەن مۇكاپاتىنى تارقىتىشتا 2009-يىلى 9-ئايدا، كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار سەنئەتكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2005-يىلى 8-ئايدا، 25-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى فېيتيەن مۇكاپاتىنى تارقىتىشتا مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

1996-يىلى 2-ئايدا، 16-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى فېيتيەن مۇكاپاتىنى تارقىتىشتا ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#