لياڭ شياۋلۇڭ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لياڭ شياۋلۇڭ 1948-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇڭشەندە تۇغۇلغان، چامباشچى، ئارتىس. شياڭگاڭدىكى بىر نامرات ئائىلىدە چوڭ بولغان، 15 ياشقا كىرگەن چاغدا ياردەمچى چامباشچى رول ئېلىشقا باشلىغان. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا شياڭگاڭ كىنو ساھەسىدىكى لى شىياۋلوڭ، چېڭلوڭ، ديى لوڭ قاتارلىقلار بىلەن شياڭگاڭ كىنو ساھەسىدىكى «تۆت كىچىك ئەجدىھا» دەپ ئاتالغان. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن: «خو يۈەن جىيا»، «چېن جېن»، «جيەنخې» قاتارلىقلار بار.
ئالاھىدىلىكى : ھېچقدانداق ئۇستازى يوق، ئۆزى مەشىق قىلىش ئارقىلىق يېتىلىپ چىققان، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا قۇرۇق قول لىفىتتا ئونغا يېقىن قولىغا پىچاق ئېلىۋالغان ئادەمنى بويسۇندۇرغان ئىكەن.
2007-يىلى، جۇڭگو گۇمپىسى يەر شارى مۇراسىمىدا «ئەڭ ياخشى ھەرىكەت ئەر ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2010–يىلى، كانادا خەلقئارا كىنو فېستىۋالى يىغىنىدا «رىۋايەت گۇمپا چولپىنى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.