خۇ جىنتاۋ

خۇجىنتاۋ 1942-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان ، ئەنخۇينىڭ جىشى ناھىيەسىدىن 1964-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرگەن ،1965-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان .

چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتى دەريا تۈگۈنى ئېلېكتر ئىستانسىسى كەسپىنى پۈتكۈزگەن ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ، ئۇنۋانى ئىنژىنىر .

ئىسمى خۇجىنتاۋ
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان يۇرتى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ تەيجۇ شەھىرى
خەنزۇچە نامى 胡锦涛
تۇغۇلغان ۋاقتى 1942-يىلى 12-ئاي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خۇجىنتاۋ1959-يىلىدىن 1964-يىلغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان .1964 -يىلىدىن 1965-يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان ھەم سىياسىي يېتەكچى بولغان .1965-يىلىدىن 1968-يىلغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىدا پەن - تەتقىقات خىزمىتىگە قاتناشقان ھەم سىياسىي يېتەكچى بولغان ( « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » باشلانغاندىن كېيىن توختاپ قالغان ) 1968-يىلىدىن 1969-يىلىغچە سۇ ئېلېكتىر مىنىستىرلىقى ليۇجياشيا قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ ئۆي قۇرۇلۇش ئەترىتىدە ئەمگەك قىلغان .1969-يىلىدىن 1974-يىلىغىچە سۇ ئېلېكتر مىنىستىرلىكى 4 - قۇرۇلۇش ئىدارىسى 813 شۆبە ئىدارىسىنىڭ تېخنىكى ، كاتىپى بولغان .1974-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ كاتىپى بولغان .1975-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك قۇرۇلۇش كومىتېتى لايىھىلەش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان .1980-يىلىدىن 1982-يىلىغچە گەنسۇ ئۆلكىلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى گەنسۇ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان .1982-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈكچىلىك باشقارمىسىنىڭ شۇجىسى ، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان .

1984-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈكچىلىك باشقارمىسىنىڭ 1 - شۇجىسى بولغان .

1985-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ، گۇيجۇ ئۆلكىلىك ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى بولغان .1988-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ، شىزاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى بولغان . 1992-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت پۈتۈكچىلىك باشقارمىسىنىڭ شۇجىسى بولغان .1993-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت پۈتۈكچىلىك باشقارمىسىنىڭ شۇجىسى ، مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان .

1998-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت پۈتۈكچىلىك باشقارمىسىنىڭ شۇجىسى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان . 

1999-يىلىدىن 2002-يىلغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت پۈتۈكچىلىك باشقارمىسىنىڭ شۇجىسى ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان .

2002-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان .

2003-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان .

2004-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى 

2005 - مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى ( 2012-يىلى) ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ( 2013-يىلى) ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ( 2012-يىلى ) ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ( 2013-يىلى ) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈتىگەن .

ج ك پ 12 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى ، مەركىزى كومىتېت ئەزاسى ، 13 - نۆۋەتلىك ، 14 - ، 15 - ، 16 - ، 17 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، 14 - نۆۋەتلىك ، 15 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت پۈتۈكچىلىك باشقارمىسىنىڭ شۇجىسى ، 16 - نۆۋەتلىك ، 17 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى . 51 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان . 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان . 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 - قېتىملىق يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان . 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان . پارتىيە 16 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولغان . 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ، پارتىيە 17 نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولغان . 11 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان . 3 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان .

ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ، ئومۇميۈزلۈك ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارىشى ، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ،خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ  مۇھىم مەقسىتى مەقسەت  قىلىپ ، كىشىلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش ۋە ئادەمنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، ئومۇميۈزلۈك ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ، تېز ، ماس ، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، سىياسىي مەدەنىيلىك تېزلىتىش ، مەنىۋى مەدەنىيەتلىك قۇرۇلۇشىنى تىزلىتىش كىرەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#