ئامېرىكىلىقلارنىڭ تەربىيە قارشى

ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئائىلە تەربىيە قارىشىدا كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىدىغان يېرى بالىلارنى كىچىكىدىن تارتىپ ئىززەتلەش، مۇستەقىللىقىنى ھۆرمەت قىلىش، يولۇققان مەسىلىلەرنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلدۇرۇش قاتارلىقلار.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئائىلە تەربىيە قارىشىدا كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىدىغان يېرى :بالىلارنى كىچىكىدىن تارتىپ ئىززەتلەش، مۇستەقىللىقىنى ھۆرمەت قىلىش، يولۇققان مەسىلىلەرنى مۇستەقىىل بىر تەرەپ قىلدۇرۇش. ئامېرىكىدىكى بالىلار بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاپلا ئانىسىدن ئايرىلىپ ئۇخلايدىكەن. ئىككى، ئۈچ ياشلىق بالىلار ئايرىم ئۆيدە ياتىدىكەن، پەقەت ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولىدىكەن، تۇرمۇشتا تۈرلۈك ئىشلارنى، يەنى ئويناش ئۆگىنىش قاتارلىق ئشىلارنى ئۆزى تاللايدىكەن ۋە مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىدىكەن. كىچىكىدىن باشلاپ بالىلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى ۋە ئويۇنچۇقلىرىنى ھەمدە ئوقۇش قورالى ساقلايدىغان ئايرىم جايى بولىدىكەن، ھۇجىرسىنى يىغىشتۇرىدىكەن ۋە سەرەمجانلاشتۇرىدىكەن. ئاتا-ئانىسى بالىلىرىنىڭ ھېچقانداق ئىشىنى قىلىپ بەرمەيدىكەن، پەقەت ئېسىگە سېلىپ قويىدىكەن ۋە مەسلىھەت بېرىدىكەن.

   ئامېرىكىلىق بالىلار ئۆينىڭ كىچىك خوجايىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئائىلىدىكى ھەر قانداق پائالىيەتكە قاتنىشىپلا قالماستىن، بەلكى ئائىلىدىكى چوڭ ئشلارغىمۇ ئارىلىش ھوقۇقىمۇ بولىدىكەن، مەسىلەن قانداق ماشىنا، قانداق ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى ۋە قانداق كومپىيوتېر سېتىۋېلىش ھويلا ئارامدىن قانداق پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قانداق گۈزەللەشتۈرۈش ۋە ئۆينى بېزەش قاتارلىق ئىشلاردا بالىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلايدىكەن ۋە شۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدىكەن. بالىلار ئاتا-ئانىسىغا قۇربى يەتكۈدەك ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىدىكەن مەسىلەن: ھويلا-ئارامنى يىغىشتۇرۇغ، گۈل-گىياھ ۋە دەل-دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈش، ماشىنا سۈرتۈش، ئۆي تازىلاش، ۋە نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلشىپ بېرىدىكەن. ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ ئويۇنىغا ئارىلىشىۋالمايدىكەن، ۋە قىزىقىشىغا ئارىلىشۋالمايدىكەن. يەنى ئۆزى قىلىشقا قىزقمىغان ئىشلارنى قىلغۇزمايدىكەن، بەلكى بالىلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆزمەت قىلىدىكەن. دەرىستىن سىرتقى ۋاقىتنى بالىلار ئۆزى مۇستەقىل ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. قانداق سۆزلەرنى ئۆگىنىش ۋە باشقا قىزىقىشىنى قوللايدىكەن ۋە ئىلھاملاندۇرىدىكەن، ھەم يېتەكچىلىق قىلىدىكەن، ھەمدە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بېرىپ، كۇرۇسلارغا قاتناشتۇرىدىكەن. 

ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا بېسىم ئىشلەتمەيدىكەن، ئۇلار ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان بولۇپ تەبىئىيلا ئۆزى ئۆگىنىپ كېتىدىكەن، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆزى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلايمىز ؟ مەجبۇرلاش بالىلارنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ. خارەكتىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەقىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەملەرنىڭ قىزىقىشى بىلەن قابىلىيىتى ئوخشىمايدۇ. بالىلار نېمە ئىشنى مۇۋاپىق دەپ ئويلىسا شۇنى قىىشى كېرەك، كىشىلىك ھايات يولنى ئۆزى مېڭىشى كېرەك دەپ ئويلايدۇ. ئۇلارىڭ قارىشىچە مۇۋەپىقىيەتكە قازانغان ئائىلە تەربىيىسى مۇنداق بولىدىكەن: ئاتا-ئانىلار ۋاقىت ئاجىرتىپ بالىلار بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ پاراڭلىشىشى پىكىر ئالماشتۇرۇشى، بالىلارنىڭ توغرا كۆز قارىشى ۋە ھەرىكىتىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇشى، بالىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلق ساغلام چوڭ قىلىش ئىكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#