توغراق
توغراق ئەڭ قەدىمكى بىر خىل تېرەك خىلىدىكى دەرەخ بولۇپ، 60 مىليوندىن ئارتۇق يىللار ئىلگىرىلا يەر شارىدا ياشاشقا باشلىغان. ئۇ، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، ئېگىزلىكى 15 ~30 مېتىر، ياش دەرەخ(كۆچەت) ۋە يۇمران شاخلىرىدا زىچ ئۆسكەن يۇمشاق تۈكچىلىرى بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى توغراق
تارقالغان رايونلار جۇڭگو غەربىي شىمالىدىكى قۇملۇقلار ۋە باشقا قۇرغاق ، قۇملاشقان رايونلار
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى تال-تېرەك ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 胡杨
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىغا تەۋە
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
تۈرى توغراق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 توغراق ئەڭ قەدىمكى بىر خىل تېرەك خىلىدىكى دەرەخ بولۇپ، 60 مىليوندىن ئارتۇق يىللار ئىلگىرىلا يەر شارىدا ياشاشقا باشلىغان. ئۇ، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، ئېگىزلىكى 15 ~30 مېتىر، ياش دەرەخ(كۆچەت) ۋە يۇمران شاخلىرىدا زىچ ئۆسكەن يۇمشاق تۈكچىلىرى بولىدۇ. يوپۇرمىقىنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى زور، ياش دەرەخ ياكى يۇمران شاخلىرىدىكى يوپۇرماقلار يىپسىمان تېمىنە شەكىللىك، ئەمما ئوتتۇرا ياشتىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى بولسا تۇخۇم شەكىللىك ياكى بۆرەك شەكىللىككە ئۆزگىرىدۇ. بېغىررەڭلىك تېمىنە شەكىللىك پوتلا چىقىرىدۇ(گۈل رېتى) ، مېۋىسى ئۇزۇن ئېللىپس شەكىللىك غوزا مېۋە. توغراق يەنە يىلتىز قىسمىدىن بىخلىنىپ يۇمران مايسىلارنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلەيدىغان زېمىنىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ بارىدۇ.

   توغراق ئالاھىدە ياشاش ماھارىتىگە ئىگە. ئۇنىڭ يىلتىزى  10 مېتىردىنمۇ تۆۋەن يەر قاتلىمىدىن سۇ سۈمۈرەلەيدۇ. ئۆسۈملۈك تېنىدە يەنە كۆپ مىقداردا زاپاس سۇ ساقلاپ، قۇرغاقچىلىقتىن ساقلىنالايدۇ. توغراقنىڭ ھۈجەيرىلىرى ئالاھىدە فۇنكسىيىلىك بولۇپ، شور سۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىمايدۇ؛ ھۈجەيرە سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇقى(كونسېنتراتسىيىسى) ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە شور بولغان يەر ئاستى سۈيىدىن سۇ ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئۈزلۈكسىز سۈمۈرۈپ ئالالايدۇ. توغراقنىڭ شېخىنى سۇندۇرغاندا، سۇنۇق ئېغىزىدىن ئېقىپ چىققان دەرەخ سۇيۇقلۇقى پارلانغاندىن كېيىن بىئولوگىيىلىك شۇلتا(ئىشقار) قېپقالىدۇ. توغراق شۇلتىسىنى يېمەكلىككە ئىشلەتكەندىن باشقا، يەنە سوپۇن ياساشقا ياكى تېرە ئاشلاشقا بولىدۇ. كىشىلەر توغراقتىن پايدىلىنىپ شۇلتا ئىشلەپچىقىرىدۇ. بىر تۈپ چوڭ توغراقتىن يىلىغا نەچچە ئون كىلوگرام شۇلتا ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدۇ. 

 

    توغراقنىڭ ئۆسۈشى بىرقەدەر تېز، ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرىنى يەم-خەشەك قىلىشقا بولىدۇ. ياغىچى سۇغا ۋە چىرىتىشكە چىداملىق بولۇپ، كۆۋرۈك ياساشنىڭ ئالاھىدە سۈپەتلىك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. قەغەز ياساش ۋە ئۆي جاھازلىرى ياساشقىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. توغراقلىق ئورمان يەنە كۆچمە قۇملارنى توسۇش، مۇھىتنى كۆكەرتىش، ئېتىز-ئېرىقلارنى قوغداش رولىغا ئىگە بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالى رايونىدىكى دەريا-ئېقىنلارنىڭ ئىككى ياقىسى ياكى يەر ئاستى سۇ ئورنى بىرقەدەر يۇقىرى جايلاردا ئورمان بىنا قىلىشنىڭ مۇھىم دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى چۆل-باياۋانلاردا بىر خىل چوڭ تېرەك ئۆسىدىغان بولۇپ توغراق دېيىلىدۇ. ئۇ ئادەتتىكى تېرەكلەرگە ئوخشىمايدۇ، چۆل-باياۋانلاردىكى قۇرغاق ھەم ئۆزگىرىشچان ناچار كىلىماتقا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، شورغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك. يەر ئاستى سۈيىدە تۇز تەركىبى ناھايىتى يۇقىرى بولغان شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا، ئوخشاشلا بۈك-باراقسان ئۆسۈۋېرىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    50%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#