لى پېڭشىن

لى پېڭشىن

لى پېڭشىن، ئەر، خەنزۇ، 1960-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان، سەنشى شېنچىدىن، 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لى پېڭشىن
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى سەنشى شېنچى
كەسپى ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى
خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتى 1977-يىلى 12-ئاي
خەنزۇچە ئاتىلىشى 李鹏新
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1960-يىلى 12-ئاي
پۈتتۈرگەن مەكتىپى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى
پارتىيەگە كقرگەن ۋاقتى 1984-يىلى 9-ئاي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لى پېڭشىنلى پېڭشىن، ئەر، خەنزۇ، 1960-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان، سەنشى شېنچىدىن، 1977-يىلى 12-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيەسى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

1977-يىلى 12-ئايدىن 1979-يىلى 9-ئايغىچە چىڭخەي ئۆلكىسى دېلىڭخا دېھقانچىلىق مەيدانى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان.

1979-يىلى 9-ئايدىن 1983-يىلى 8-ئايغىچە چىڭخەي پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى جۇڭگو ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان.

1983-يىلى 8-ئايدىن 1983-يىلى 9-ئايغىچە چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ تاللانغان ئوقۇغۇچىلار كۇرسىدا ئوقۇغان.

1983-يىلى 9-ئايدىن 1984-يىلى 4-ئايغىچە چىڭخەي ئۆلكىسى يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىدو ناھىيەسى دوسەي گۇڭشىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كاتىپى بولغان.

1984-يىلى 4-ئايدىن 1985-يىلى 12-ئايغىچە چىڭخەي ئۆلكىسى يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىدو ناھىيەسى داڭ جياڭ يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

1985-يىلى 12-ئايدىن 1990-يىلى 1-ئايغىچە چىڭخەي ئۆلكىسى يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىدو ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بولغان.

1990-يىلى 1-ئايدىن 1991-يىلى 1-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى چىڭخەي ئۆلكىلىك كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

1991-يىلى 1-ئايدىن 1991-يىلى 11-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى چىڭخەي ئۆلكىلىك كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

1991-يىلى 11-ئايدىن 1997-يىلى 1-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى چىڭخەي ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

1997-يىلى 1-ئايدىن 1999-يىلى 11-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى چىڭخەي ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

1995-يىلى 8-ئايدىن 1997-يىلى 12-ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇش ئىنستىتۇتىنىڭ رەھبىرىي كادىرلار سىرتتىن ئوقۇش سىنىپىدا ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان.

1998-يىلى 9-ئايدىن 1999-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان.

1999-يىلى 11-ئايدىن 2001-يىلى 1-ئايغىچە چىڭخەي ئۆلكىسى خەيشى موڭغۇل، زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، گېرمۇ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى (نازىر دەرىجىلىك) بولغان.

2001-يىلى 1-ئايدىن 2005-يىلى 8-ئايغىچە چىڭخەي ئۆلكىسى خەيشى موڭغۇل، زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

1998-يىلى 9-ئايدىن 2001-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ قانۇنشۇناسلىق كەسپى بويىچە ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشكەن.

2005-يىلى 8-ئايدىن 2007-يىلى 1-ئايغىچە چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەيشى موڭغۇل، زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

2007-يىلى 1-ئايدىن 2011-يىلى 10-ئايغىچە چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

2011-يىلى 10-ئايدىن 2016-يىلى 9-ئايغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

2016-يىلى 9-ئايدىن 2016-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

2016-يىلى 10-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#