گۇيلىن شەھىرى

گۇيلىن

گۇيلىن گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى گۇيجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى لىجياڭ دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان.

نامى گۇيلىن
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
نوپۇسى 491910
رايۇن نۇمۇرى 0773
خەنزۇچە نامى 桂林市
ئۆلكىسى جۇڭگو گۇاڭشى
تەۋە رايون گۇاڭشى ئاپتۇنۇم رايونى
كىلىماتى ئىسسىق بەلۋاغ كېلىماتى
پوچتا نۇمۇرى 541000

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گۇيلىنگۇيلىن گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى گۇيجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى لىجياڭ دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان.  گۇيلىندىكى لىجياڭ دەرياسى ھاۋزىسىنىڭ تاغ-سۇلىرى ئاجايىپ بولۇپ، «گۇيلىننىڭ تاغ-دەريالىرى جاھاندا تەڭداشسىز» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن: چىشىڭ قىياسى، دۇشيۇفېڭ چوققىسى، ديېسەيشەن تېغى، لۇدى قىياسى، يۆياشەن تېغى، شياڭبىشەن تېغى، فۇبوشەن تېغى قاتارلىقلار بار. گۇيلىننىڭ تاغ-ئۆڭكۈرلىرىدە قەدىمكى دەۋرلەردە ئۆتكەن نۇرغۇن مەشھۇر كىشىلەرنىڭ قىيا تاش ئويمىلىرى بار بولۇپ، «خاتىرە تاشلار قاپلىغان شەھەر» دېگەن نامى بار.

گۇيلىنقەدىمدە بەييۆلەر زېمىنى بولغان، چىن سۇلالىسى گۇيلىن ۋىلايىتىنى تەسىس قىلغان ھەمدە بۇ يەردىن شىمالغا لىنچۈي قانىلىنى قېزىپ، لىجياڭ، شياڭجياڭ دەريالىرىنى تۇتاشتۇرغان. خەن سۇلالىسى شىئەن ناھىيىسىنى تەسىس قىلىپ، لىڭلىڭ ۋىلايىتىگە تەۋە قىلغان. 1940-يىلى  گۇيلىن شەھىرى تەسىس قىلىنغان. تارىختا گۇاڭشىنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەدەنىيەت ساھەسىدىكى نۇرغۇن مەشھۇر زاتلار گۇيلىنغا جەم بولغان. ئۇنىڭ قەدىمدىن «مەدەنىيەت شەھىرى» دېگەن نامى بار.

گۇيلىنگۇيلىن شەھىرى 9 ناھىيە،6رايۇن،2ئاپتۇنۇم ناھىيەدىن تەركىپ تاپقان ئۇلار تۆۋەندىكىچە: شيۇفېڭ رايۇنى،ديېسەي رايۇنى،شياڭ شەن رايۇنى،چىشىڭ رايۇنى،يەنشەن رايۇنى،لىن گۇي رايۇنى،ياڭسۇ ناھىيەسى،لىڭ چۇەن ناھىيەسى،

چۇنجۇ ناھىيەسى،شىن ئەن ناھىيەسى،يوڭ فۇ ناھىيەسى،گۇەنياڭ ناھىيەسى،لوڭ شېڭ ھەر مىللەت ئاپتۇنۇم رايۇنى،زى يۇەن ناھىيەسى،پىڭ لې ناھىيەسى،لى پۇ ناھىيەسى،گوڭ چېڭ ياۋزۇ ئاپتۇنۇم ناھىيەسى

گۇيلىنگۇيلىن شەھىرىدە گۈزەل-سەنئەت ئۆمىكىدىن 15،مەدەنىيەت سارىيىدىن10،مەدەنىيەت پونكىدىن119،ئاممىۋى كۇتۇپخانىدىن 13بار.رادىئو كىنو تىلىۋىزىيە شەھەرنىڭ %95نى ئىگەللىگەن.

گۇيلىنگۇيلىننىڭ ساياھەتچىلىكى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان ،گۇيلىننىڭ ساياھەت رايۇنلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ شۇڭا 2013يىلىدىكى ساياھەت مەنزىرىللىرىنىباھالاشتا گۇيلىن،بېيجىڭ،شى ئەن ،شاڭ خەي قاتارلىق شەھەرلەر جۇڭگونىڭ ساياھەت شەھەرلىرى بۇلۇپ باھالاندى،تەنتەنىلىك ھالدا پۈتۈن دۇنيادىكى ساياھەتچىلەرگە تەۋسىيە قىلىندى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#