مىدۋاي ئارىلى

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيانغا جايلاشقان مارجان ئارال. ئۇ شىمالىي كەڭلىك 28°13′ بىلەن غەربىي ئۇزۇنلۇق 177°23′ سىزىقلىرىنىڭ كېسىشكەن يېرىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئارال شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى بىلەن ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن بۇ ئارالغا مىدۋاي (ئوتتۇرا ئارىلىقتىكى ئارال) ئارىلى دەپ نام بېرىلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى مىدۋاي ئارىلى
چەتئەلچە نامى Midway Island
قاراشلىق دۆلەت ئامېرىكا
ھاۋا كىلىماتى سۇپتىروپىك بەلباغ ئىقلىمىغا تەۋە
خەنزۇچە نامى 中途岛
قاراشلىق تاقىم ئاراللىرى پولىنېزىيە تاقىم ئاراللىرى
يەر مەيدانى 5 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مىداۋاي ئارىلىشىمالىي ئاتلانتىك ئوكيانغا جايلاشقان مارجان ئارال. ئۇ شىمالىي كەڭلىك 28°13′ بىلەن غەربىي ئۇزۇنلۇق 177°23′ سىزىقلىرىنىڭ كېسىشكەن يېرىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئارال شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى بىلەن ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن بۇ ئارالغا مىدۋاي (ئوتتۇرا ئارىلىقتىكى ئارال) ئارىلى دەپ نام بېرىلگەن، بۇ ئارال ئېئاستېرن (شەرقىي ئارال) ۋە ساند ئارىلى (قۇملۇق ئارال) دىن ئىبارەت ئىككى كىچىك ئارال ۋەئ ۇلارنىڭ شىمالىدىكى ېتيىز سۇلۇق كۆلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئارالنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 4.7 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ساند ئارىلىنىڭ مەيدانى 3.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 43 مېتىر كېلىدۇ، شەرقىي ئارالنىڭ مەيدانى 1.2 كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 13 مېتىر كېلىدۇ. ئىقلىمى سۇبتروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 1000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. ئاھالىسى 2300 دىن ئاشىدۇ، ئۇ شىمالىي تىنچ ئوكياندىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، مۇھىم ستراتېگىيىلىك ئورۇن. 1903-يىلىدىن باشلاپ ئا ق ش نىڭ مۇھىم دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئايلانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئا ق ش بىلەن ياپونىيە بۇ جايدا قاتتىق سوقۇشقان. ھاۋاي بىلەن فىلىپپىن ئارىلىقىغا تارتىلغان دېڭىز ئاستى ئېلېكتر سىمى مۇشۇ جايدىن ئۆتىدۇ. 

مىداۋاي ئارىلى1867- يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا مىدۋاي ئارىلىنى ئامېرىكا ئالدى بىلەن بايقىغان، 1903 - يىلدىن باشلاپ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە قىسىمىنىڭ

 باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، 1905 - يىلى دېڭىز ئاستى كابېل ئۇلاش پونكىتى قۇرۇپ، 1939 - يىلى ئاۋىئاتسىيە پونكىتى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتى بازىسى قۇرۇلغان. ئامېرىكىدىكى مۇھىم دېڭىز ئارمىيە بازىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاۋىئاتسىيە ئەترىتى 1941 -يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى پېئارل خاربور پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن،

  ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئارقىدىنلا 1942-يىلى 6-ئاينىڭ 4- كۈنى ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغان، بىراق ئامېرىكانىڭ ئاللىبۇرۇن تەييارلىقى بار ئىدى. ياپونىيە « ئاكاگى » ناملىق ئاۋىئاماتكا، « قارا ئەجدىھا يۇلتۇز تۈركۈمى » ناملىق، « ئۇچار ئەجدىھا » ناملىق ۋە « كاگا » ناملىق تۆت ئاۋىئاماتكا زىيانغا ئۇچىرغان، شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭدا تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى مەيدانىدا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان، ئۇرۇشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئامېرىكىنىڭ قولىغا تارقىتىپ بەردى. مىدۋاي ئارىلى ھازىر يەنىلا ھەربىي ئىشلاردىكى مۇھىم جاي. 

مىداۋاي ئارىلى1859 - يىلى، ئامېرىكىلىق برۇك بۇ ئارالغا يېتىپ بارغان.  

1867 - يىلى ئامېرىكا بۇ ئارالنى بېسىۋالغان. بۇ ئارال تىنچ ئوكيان ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىنىڭ ئوتتۇردىكى ئورۇن بولغاچقا مىدۋاي ئارىلى دەپ ئاتالغان. 

1903 - يىلى دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرۇپ، ھەمدە ئۆزىنىڭ تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا كالىفورنىيە ۋە ياپونىيە يېرىم يولدا جۇغراپىيىلىك ئورنىنى بەلگىلىشى ئۈچۈن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ھازىرقى نامىغا ئۆزگەرتىلگەن.

1905 - يىلى، قۇم ئارالغا سېلىنغان ھاۋاي بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز ئاستى كابېل ئۇلاش پونكىتى قۇرۇلغان.  

1935 - يىلى، خەلق ئاۋىئاتسىيە بېكىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. 

1940 - يىلى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاۋىئاتسىيە ۋە سۇ ئاستى كېمىسى ياساش بازىسىنى قۇردى. 1942-يىلى 6-ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە، ئامېرىكا ياپونىيە كەسكىن جەڭ قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ سودا ئاۋىئاتسىيە پونكىتلىرىنىڭ ئورنى تۆۋەنلەپ، 1950 - يىلى قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ھازىر ئارالدا سۇ ۋە ھاۋا ئارمىيە بازىسى، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش رايونى تەسىس قىلىنغان، جامائەتچىلىككە كەڭ ئېچىۋېتىلگەن. 

1990 - يىلى، بىر ئامېرىكا پارلامېنتى قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق بۇ ئارالنى ھاۋاي شتاتىنىڭ دائىرىسى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.  

1996 - يىلى ئۆكتەبىردە، بۇ ئارال ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن، ھازىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بېلىقلار ۋە ياۋايى ھايۋانلار مۇلازىمەت ئاپپاراتى تاپشۇرۇۋېلىپ باشقۇرىدۇ. ئىقتىسادىي پائالىيەت بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ئارالدىكى دۆلەتنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش پائالىيىتىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. بارلىق يېمەكلىكلەر ۋە تەييار مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدۇ. ئارالدا 32 كىلومېتىر يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يول، 7.8 كىلومېتىر تۇرۇبا يولى، ئۈچ ئايرودروم بار. 

مىداۋاي ئارىلى ئوتتۇرا يول ئارىلى « تىنچ ئوكياننىڭ يۈرىكى »، ئارىلىقى ئەڭ يېقىن بولغان چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 2000 مىل ( تەخمىنەن <3219> كىلومېتىر ) بار. بۇ ئىلگىرى دۇنيا ئۇرىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئورۇن، بۈگۈنكى كۈندە بولمىغان كىشىدىن بىر ئارال بولۇپ، بورانقۇشىغا تەۋە.  

ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇش، ھازىرقى قۇشلار ئىچىدىكى ئەڭ كەڭ قاناتقا ئىگە، ئۇچۇش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ئىككى قانات ئۇچىنىڭ ئارىلىقى 3.5 مېتىرغا يېتىدۇ. يۈز يىلدىن بۇيان، ئۇلار بىلەن دېڭىز تاشپاقىسى، بۇ ساقىيقۇش بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ چوڭ بولمىغان، ئەمما « پانىي دۇنيادىكى جەننەت  » دېگەن كاتتا نامى بار بىر كىچىك ئارال.

ئۇلار تۇغما قاراقچى سىياھ بېلىق، راك ۋە بېلىقلارنى تېپىپ يەيدۇ، لېكىن پۈتكۈل تىنچ ئوكياننىڭ بۇلغىنىشى سۇلياۋلار بىلەن تېخىمۇ ئېغىربۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرىدى، دېڭىز قۇشى ئاسانلا سۇلياۋ ئەخلەتلەردىن خاتا يېمەكلىكلەرنى يەۋېلىپ، بورانقۇش بالىلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە زامىن بولغان جانغا زامىن زەھەردۇر.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#