چارۋىچىلىق

چارۋىچىلىق

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداردلىرى تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلارغا ئاساسلانغاندا، ئەجدادلىرىمىزنى بۇنىڭدىن 4700 يىل بۇرۇنلا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان دېيىشكە بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چارۋىچىلىق
خەنزۇچە ئىسمى 畜牧业

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قويئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداردلىرى تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلارغا ئاساسلانغاندا، ئەجدادلىرىمىزنى بۇنىڭدىن 4700 يىل بۇرۇنلا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان دېيىشكە بولىدۇ. لوپنۇر رايونىدىكى چەرچەننىڭ زاغۇنلۇقتىكى قەدىمكى قەبرىدىن، باشقا جايلاردىكى قەبرىلەردىن ۋە بايقال ۋادىلىرى، جەنۇبىي سىبرىيە، ئالتاي رايونى قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان قەدىمكى قەبرە ۋە جامە خارابىلىرىدىن چىققان ئات، كالا، قوي ۋە باشقا ھايۋانلارنىڭ سۆڭەك، مۈڭگۈزلىرى، يۇڭدىن توقۇلغان پالاز، كۆن ئۆتۈك قاتارلىقلار بىر تەرەپتىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆز دەۋرىدىلا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ ئۆزىگە خاس شارائىت ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ناھايىتى كەڭ رايوننى ماكان تۇتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى يايلاق، سۇ قوغلىشىپ ياشاشتىن ئىبارەت. خەنزۇچە مەنبەلەردەئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى «يايلاق-سۇ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرىدۇ. . . چارۋىنىڭ گۆشى، سۈتى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. تېرىسىدىن كىيىم-كېچەك قىلىدۇ» دەپ ئەينەن خاتىرىلەنگەن. 

ئەجدادلىرىمىز چارۋىچىلىقنى ئالدى ئات، قوي، كالا قاتارلىق جاندارلارنى كۆندۈرۈپ بېقىشتىن باشلىغان بولۇشى مۇمكىن. كېيىنچە ئۆچكە، تۆگە، قوتاز، ئېشەك قاتارلىقلارنى كۆندۈرۈپ بېقىپ، چارۋا مال تۈرىنى تەدرىجىي كۆپەيتىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشنىڭ مۇھىم مەنبەسىگە ئايلاندۇرغان. شۇ جەريانىدا چارۋىچىلىق تۇرمۇش شارائىتىغا مۇناسىپ بىر قاتار ئۆرپ-ئادەتلەر شەكىللەنگەن. پىيادە ئوۋ قىلىشقا خاتىمە بېرىپ ئاتلىق ئوۋ قىلىشقا، ئاتلىق يول يۈرۈشكە، ئاتلىق جەڭ قىلىشقا، مال پادىلىرىنى ئاتلىق بېقىشقا ئادەتلەنگەن. ھەر خىل ئوۋ ھايۋانلىرىغا قارىغاندا، قوي-كالىنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىگە قاراپ ئۇنىڭ گۆشنى، سۈتىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق مەنبەسى، يۇڭ-تېرىسىنى كىيىم-كېچەك، يېپىنچا-سېلىنىجا مەنبەسى قىلغان. ئۇلار دائىم مال پادىلىرى بىلەن بىللە بولغاچ بۇرۇنقىدەك بۆرە، يولۋاس، چوشقا قاتارلىق ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يېيىش ئورنىغا زۆرۈرىيەت تۇغۇلسىلا خالىغانچە قوي-كالا ئۆلتۈرۈپ يەيتتى. كۆشەيدىغان ھايۋان گۆشىنىڭ كۆشىمەيدىغان ھايۋان گۆشىگە قارىغاندا لەززەتلىك، سۆللۈك، قۇۋۋەتلىك، ئوڭاي ھەزىم بولۇشتەك خۇسۇسىيىتى ئاساسىدا، ئاساسلىقى قوي-كالا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشنى يېيىش ئومۇميۈزلۈك ئادەتكە ئايلانغان. كالا-قوي گۆشىنى يېيىش ئۇنىڭ ئاسان بېقىلىشى، تېز ئاينىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇرلاردا بۈگۈنكى چوشقا ۋە يولبارىس قاتارلىق گۆشخۇر يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېمەيدىغان ئادەت، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى ئىزدىنىش سىناقلىرى ئارقىسىدا شەكىللەنگەن. بەزىلەر ئۇنى ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەيدۇ، بۇ ئەمەلىيەتكە ئانچە ئۇيغۇن ئەمەس، ئىسلامىيەتتىن كېيىن چوشقا گۆشى تەقىبلەنگەن نەرسە قاتارىدا تېخىمۇ يېيىلمەس بولدى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇلاردا تىغ تەگمەي ئۆزى ئۆلۈپ قالغان، قوي، كالا، ئۇچار-قانات قاتارلىقلارنى يېمەيدىغان ئادەتمۇ ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆزى دەۋرىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەر ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئادەتلىرىنىڭ داۋامى. ، ئۇلار ئۆز دەۋرىدە ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل تۈپەيلىدىن ئۆلگەن ھايۋان، ئۇچار-قانات، بېلىققا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ گۆشىنى يەپ زەھەرلىنىپ ئۆلۈشك ھادىسىلىرى كۆپ سادىر بولغان. ئەجدادلىرىمىز بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ يەتكەندىن كېيىن ئۇنداق نەرسىلەرنى يېمەيدىغان بولغان. ئەجدادلىرىمىزدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۇ ئادەتلەر شەكىللەنگەن دەۋردە ئىسلام دىنى تېخى مەيدانغا كەلمىگەنىدى. 

ئاتئۇيغۇرلار مەلۇم زۆرۈرىيەت تۇغۇلمىغۇچە ئاسانلىقچە ئات ئۆلتۈرۈپ يېمەيدۇ. چۈنكى ئەجدادلىرىمىز ئاتنى قەدىرلەيتتى. شۇڭا ئات ئۆستۈرۈشكە، ئاتلىق جەڭ قىلىشقا ماھىر ئىدى، ئىلى دەرياسى، قايدۇ دەرياسى ۋادىلىرىدا ئوغورغول(ئارا تۈرۈك، بارىكۆل، قۇمۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلار كۆزدە تۇتىلىدۇ) ۋە مۇڭغولىيە يايلاقىلىرىدا ئەجدادلىرىمىز يېتىشتۈرگەن ئاتلارنىڭ خەنزۇچە مەنبەلەردە «ئىلاھى ئات» ، «ئۇيغۇر ئېتى» دەپ ئاتىلىشى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئات ئۆستۈرۈشتىكى ماھارىتىنىڭ نەقەدەر ئۈسكۈنلۈكىنى ئىسپاتلايدۇ. خەنزۇچە مەنبەلەردىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا Ⅷ، Ⅶ ئەسىرلەردىلا ئۇيغۇرلار بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا چوڭ كۆلەمدە سودا ئالماشتۇرۇش تازا ئەۋج ئالغان. چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ «ئۆز قوشنىلىرى بىلەن ئالماشتۇرىدىغان ئاساسىي بۇيۇمى ھايۋان ئىدى. ھايۋان ھەممە تاۋارلارغا باھا قويۇشتا ۋاسىتە خىزمىتىنى ئورۇندايدىغان ۋە ھەممە يەردە مەمنۇنىيەت بىلەن ئالماشتۇرىدىغان تاۋارغا ئايلاندى. قىسقىسى ھايۋان پۇل رولىنى ئويناشقا باشلىغان ۋە شۇ باسقۇچتىلا پۇل رولىنى ئوينىغا» . مەملىكىتىمىز تارىخىدىكى مەشھۇر «ئات-چاي سودىسى» ، «ئات-يىپەك سودىسى» دەل شۇنداق ۋاسىتە ئارقىلىق يولغا قويۇلغان. بۇ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلاردا ئۆز دەۋرىدە چارىچىلىقنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىپتىدائىي تاۋار كۆز قارىشىنىڭ يېتىلگەنلىكىنى، ئىجتىمائىي ئىگىلىك بويىچە تاۋار چارۋا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

 ئەجدادلىرىمىز ئاتتىن مۇھىم ئۇرۇش ۋاسىتىلىرى سۈپىتىدە پايدىلىنىش بىلەن تەڭ مۇھىم قاتناش ۋاسىتىلىرى سۈپىتىدىمۇ پايدىلانغان. بىراق ئەجدادىمىز تېلېلار ئۆز دەۋرىدە يوغان، ئېگىز چاقىلىق ھارۋا ياساپ، ئۇنىڭغا ئات قوشۇپ شۇنىڭدا يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. شۇڭا ئۇلار «دىڭلىڭ گاۋچې» (ئېگىز ھارۋىلىق تېلېلار) دەپ ئاتالغان. ھارۋىنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان بىر تۆھپىسى دېيىشكە بولىدۇ. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇلۇشى ئارقىسىدا باشقا قوۋملارمۇ جەڭ ھارىۋىسىغا ئوخشاش ھەر خىل ھارۋىلارنى ياساپ پايدىغانلانغان. 

ئېنگېلىس مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى تۇنجى قېتىملىق چوڭ ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىمۇ كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ باشقا ياۋايىلاردىن بۆلۈنۈپ چىقىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن» ئىنسانلار جەمئىيىتىدە شۇنداق چوڭ ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى تەرەققىيات دەۋرىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆز دەۋرىدە ئەجدادلىرىمىز چارۋىچىلىقىنى شۇ قەدەر زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرەلىگەنلىكى، پىيادە يۈرمەي ھارۋا ياساپ ھارۋىلىق يۈرۈشتەك مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇش ئۇلارنىڭ قەدىمكى دەۋردىلا مەدەنىيەتكە قەدەم قويغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. چارۋىچىلىقنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئىقتىسادىي ھاياتىدا يەنىلا مۇھىم ئورۇندا تۇرۋاتقانلىقى ئەجدادلىرىمىز يارتىپ بەرگەن ئاشۇ ئاساستا ئىپادىلەنمەكتە. ئۇيغۇرلاردىكى چىداملىق، ئەمگەكچان، مېھماندوست، خۇشخۇي، ئاق كۆڭۈل، مەرد-مەردانە، جەسۇر، جۇشقۇن، ھالىمەن-يارىمەن، ۋەتەنپەرۋەر قاتارلىق روھىي ھالەتمۇ بىپايان يايلاقتىكى كەڭ-كۇشادە، ئەركىن-ئازادە كۆچمەن تۇرمۇش شارائىتىدا يېتىلگەن، بۈگۈن بىزدىكى گۆشخۇمارلىقمۇ ئۆز دەۋرىدە شەكىللەنگەن ئادەتتىن كەلگەن.

كالاچارۋىچىلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى ئىجتىمائىي ئىگىلىك شەكلى بولغاچقا، چارۋا-ماللارنى بېقىش، پەرۋىش قىلىش، ئاينىتىش ۋە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتىگە قاراپ پەرقلەندۈرۈش قاتارلىقلار بويىچە مول-تەجرىبە ۋە مەخسۇس ئاتالغۇلارنى، قورال-سايمانلارنى ياراتقان. چېگىرىسىز كەڭ يايلاقلاردا ئايرىم-ئايرىم مال بېقىش شارائىتىغا مۇناسىپ ھالدا چارۋا-ماللارغا بەلگە سېلىش: ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى يوقالغان جاندارلارنى شۇ بەلگىلەر ياكى جاندارلارنىڭ تۇياق ئىزىغا قاراپ ئىزدەپ تېپىش، باشقا مال-پادىلىرىنىڭ ئىگىلىرى شۇ بەلگىلەرگە قاراپ قارشى تەرەپكە خەۋەر قىلشتەك بىر قاتار ئادەت ۋە ياخشى خىسلەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. مۇشۇ ئەسرنىڭ 50-يىللىرىغا قەدەر ئۇيغۇر چارۋىچىلىرىدا داۋاملىشىپ كەلگەن ئۆز مال-پادىلىرىغا تامغا بېسىش، بەلگە(ئەن) سېلىش ئادىتى لوپنۇر، بۈگۈر، شايا، تارىم ۋادىلىرىغا جايلاشقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. چارۋا-ماللارغا بەلگە سېلىش، تامغا بېسىش كۆچمەن چارۋىچى قوۋملارغا ئورتاق ئادەت بولسىمۇ، ھەر قايسى ئۇرۇق-قەبىلىلەرنىڭ بەلگىلىرى پەرقلىق بولغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئوغۇز تۈركمەنلىرىنىڭ تامغا-بەلگىلىرى كۆرسىتىلگەن. شۇنداق تامغا-بەلگىلەر قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىمۇ بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ شەكلى بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلمىگەن. مۇشۇ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغا قەدەر شەخسىي چارۋىچىلار، جايلار ئىشلىتىپ كەلگەن تامغا شەكىلىدىن ئۇنى قەدىمكى تامغا-بەلگىلەر ئاساسىدا داۋاملىشىپ كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئۇ تامغا-بەلگىلەر شەكىللىرىنىڭ بەزىلىرىدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقاد-ئەقىدىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇيغۇرلاردا بىر قەدەر كۆپ ئۇچريدىغان تامغا بەلگە شەكىللىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: تامغا-بەلگىلەر قىزدۇرۇپ چوڭ چارۋىلارنىڭ ساغرىسىغا بېسىلىدۇ. قوي، ئۆچكە قاتارلىق كىچىك چارىۋىلارنىڭ بولسا يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن تامغا-بەلگىلەرنىڭ ئاددى شەكىللىرى قۇلاقلىرىغا ئويۇپ سېلىنىدۇ. بەزىلىرىنىڭ قۇلاقلىرىنىڭ ئارقىسىغا، بەزىلىرىنىڭ قاڭشىرىغا بېسىلىدۇ. مۇنداق تامغا بېسىش، بەلگە سېلىشتىن تاشقىرى چوڭ چارىۋىلارنىڭ تەڭگى ۋە بەدىنىدىكى مەلۇم بىر ئالاھىدىلىكىدىنمۇ بەلگە سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلگەن. 

چارۋا-مال ۋە بىر تۈركۈم ئۇچار-قانات، ئۆي ھايۋانلىرى، ياۋايى ھايۋانلارغا مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇرلار جەدۋەل ئارقىلىق كۆرسىتىلدى. 

يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئەجدادلىرىمىزدا يەيدىغان گۆش تەييارلاش بويىچىمۇ ئۆزىگە خاس ئادەتلەر يېتىلگەن. ئۇلار ئوۋچىلىقتىن چارۋىچىلىققا كۆچۈش جەريانىدا بۇرۇنقىدەك ئوۋ ھايۋانلىرىنى تاياق بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، تېرىلىرى بىلەن قوشۇپ كاۋاپ قىلىپ يېيىش ئورنىغا تەدرىجىي تىغ بىلەن ئۆلتۈرىدىغان، گۆشنى تېرىسىدىن ئايرىپ يەيدىغان بولدى. ئۇيغۇرلاردىكى بۈگۈنكى ھازىلاش ئادەت-ئۇسۇلى شۇ ئادەت ئاساسىدا شەكىللەنگەن. بۇ ئادەت-ئۇسۇل مۇنداق: يېيىلمەكچى بولغان مال-چارۋا ئۆلتۈرۈلۈشتە ئالدى بىلەن ياتقۇزۇلۇپ تۆت پۇتى مەھكەم چىگىلىدۇ، ئاندىن بوينىنىڭ قۇلقىنىڭ ئاستى قىسمىدىن ئۆتكۈر پىچاق بىلەن بوغۇزلىنىدۇ. قان ئاساسەن ئېقىپ بولغاندىن كېيىن يۇلۇنغان پىچاقق ئورۇلىدۇ ۋە شىراقلىرى يېشىلىپ، ئارقا ئوڭ پۇتى توپىقىنىڭ ئاستىدىن تېرىسى كىچىك كېسىلىپ، ئۇ يەرگە چوكا چوڭلۇقىدا ئۇزۇنراق ياغاچ تىقىپ چاترىقىغا قەدەر بولغان تېرە بىلەن ئەت ئارىلىقىدا بىر بوشلۇق ھاسىل قىلىنىدۇ. بۇ كېسىلگەن يەردىن ئېغىز ئارقىلىق پۈلەپ ھېلىقى بوشلۇقتىن ئۆلتۈرۈلگەن مالنىڭ پۈتۈن بەدەن تېرىسى بىلەن ئېتى ئارىلىقىغا يەل ماڭدۇرۇلىدۇ ۋە مالنىڭ پۈتۈن تېنى ھۈپپىدە كۆپكەندىنق كېيىن، ھېلىقى پۈۋلەنگەن تۈشۈكتىن چاترىقىغا، چاترىقىدىن بوينىغا توغرىلاپ قېرىن تېرىسى ۋە پۇتلىرىنىڭ تېرىسى تىلىنىدۇ، ئاندىن شۇ تىلىنغان يەردىن پىچاقتا بەش-ئالتە سانتىمېتىر كەڭلىكتە تېرە سېرىق ئەتتىن ئاجرىتىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن تېرىنىڭ سېرىق ئۆلۈش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان قوي، ئات-كالا قاتارلىقلارنى بوغۇزلىغاندا قان چىقمىسا «ھارام بولۇپ قالدى» دەپ گۆشىنى يېمەيدىغان ئادەت شەكىللەنگەن. بېلىقنىڭ بېشىغا كىچىك توقماق بىلەن ئىككى ئۇرۇپ قويۇلىدۇ، بۇ بېلىقنى بوغۇزلىغانغا بارۋەر دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئىچىدە بېلىق توغرىسىدىكى رىۋايەتتە بېلىقنى خۇدا ئاسماندىن بوغۇزلاپ چۈشۈرۈپ بەرگەن، شۇڭا ئۇنىڭ بوينى كېسىك(ساقىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) دەپ ھېكايە قىلىنىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#