ئونسۇ ناھىيەسى

ئونسۇ ناھىيەسى

ئونسۇ ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى ئونسۇ ناھىيەسى
مەمۇرىي رايون تۈرى ناھىيە
رايون نومۇرى 0997
جغراپىيىلىك ئورنى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي, ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي
خەنزۇچە نامى 温宿县
تەۋە رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى
پوچتا نومۇرى 843100

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئونسۇ ناھىيەسىئونسۇ ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى باي، توقسۇ بىلەن، جەنۇب تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن، غەرب تەرىپى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمالىي تەرىپى قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ(چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 119 كىلومېتىر) . شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 153 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 167 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 14 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر.

ناھىيىگە بىر بازار، توققۇز يېزا، 108 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1-شىسنىڭ ئىككى تۇەن-مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1001 كىلومېتىر. 1995-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 194 مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار % 76.90 نى، خەنزۇلار % 20.53 نى، باشقا مىللەتلەر % 2.57 نى تەشكىل قىلىدۇ. 

ئونسۇ ناھىيىسى غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە قۇم دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كۇسەنگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇم ئايمىقى قىلىپ تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىس گۇاڭشۈنىڭ 10-يىلى(1884-يىلى) ئونسۇ بىۋاسىتە قاراشلىق ئايمىقى قىلىپ تەسىس قىلىنغان، گۇاڭشۈنىڭ 28-يىلى(1902-يىلى) دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئايماقتىن مەھكىمىگە ئۆزگەرتىلگەن. مىنگونىڭ 2-يىلى(1913-يىلى) ناھىيە قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1958-يىلى ئاقسۇ ناھىيىسىگە قوشۇۋېتىلگەن. 1962-يىلى ئاقسۇ كونىشەھەر دېگەن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قارىغان. 

ئونسۇيەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇب تەرىپى پەس، شىمالىي قىسمى تەڭرىتاغ رايونى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6000 مېتىردىن ئاشىدىغان تاغ چوققىسىدىن 20 دىن كۆپرەككى بار(تۆمۈر چوققىسى ئە ئېگىز چوققا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7435.29 مېتىر كېلىدۇ) . جەنۇبىي قىسمى تاغ-دەريالار ئارىلىقىدىكى تۈزلەڭلىك ۋە دەريا ئېقىنىنىڭ تىنىشىدىن ھاسىل بولغان تۈزلەڭلىك. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى % 52.4 نى، تۈزلەڭلىك %17.6 نى، قۇملۇق % 30 نى ئىگىلەيدۇ.

 دەرياسىدىن توشقان دەرياسى، قومئېرىق دەرياسى، تېرەڭ دەرياسى، قارا يۇلغۇن دەرياسى ۋە مۇزات دەرياسى قاتارلىقلار بار. 

يەر يۈزى سۇ بايلىقى ئۈچ مىليارد 20 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى بىر مىليارد 120 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانات بايلىقىدىن قۇلان، يىلپىز، قاقىر، شىمال ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئۇلاr قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، گەج، قاشتېشى، تۇز، سېغىز توپا، مەرۋايىت تاش قاتارلىقلار بار.

ئونسۇ ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 10.2، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 37.6، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 27.4-. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2718.1 سائەت. قىروسىز مەزگىلى 207 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 62.9 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 180.9 مىللىمېتىر. 

يېزا ئىگىلىككە ئائىتبۇ ناھىيە يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ناھىيە، ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 37 مىڭ 500 گېكتار(562 مىڭ 500 مو) ، ئورمانلىق كۆلىمى 95 مىڭ 700 گېكتار(بىر مىليون 435 مىڭ 500 مو) ، ئوتلاق كۆلىمى 541 مىڭ گېكتار(8 مىليون 115 مىڭ مو) ، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 37 مىڭ 600 گېكتار(564 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قىزىلچا، قۇلماق، قوغۇن-تاۋۇز، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئىنچىكىلىك بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۈرۈچ، پۇراقلىق گۈرۈچ، يېپىشقاق پۇراقلىق گۈرۈچ مەملىكەتلىك دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ «يېشىل يېمەكلىك» گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئات، ئېشەك قاتارلىقلار بار.

 سانائىتىدىن ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىك ۋە قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىتىدىغان بۇيۇملار قاتارلىقلار بار. ئۆزىگە خاس مەھسۇلاتلىرىدىن دۇڭلىڭ قاشتېشىدىن سىپتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار، دورىلىق ناترىي خلورد، ئېفېرىن قاتارلىقلار بار.

ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. دۆلەتە تاشيولىنىڭ 314-لىنىيىسى ناھىيىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشقان؛ 2000 پروگراممىلىق تېلېفون مەملىكەتنىڭ ئالاقىلىشى تورىغا كىرگۈزۈلدى. ئوپتىكىلىق كابىل ئارقىلىق خەۋەرلىشىش، سىمسىز چاقىرىش ۋە خەلقئارالىق فاكس بىردەك ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 

ئونسۇ ناھىيەسىناھىيىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن قىرمىشئاتام مازىرى، تۆمۈر چوققا تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قاتارلىقلار بار.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/274561.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#