ياقۇتلار

ياقۇتلار

ياقۇتلار -  رۇسىيە ۋە شىمالى مۇز ئوكيان، تېنچ ئوكيان چېگرىلىنىدىغان سوغۇق رايونغا جايلاشقان، رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ 3مىلىيۇن كۇۋادىرات كىلومېتىرلىق كەڭ زىمىنغا ئىگە ياقۇت جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىغا سازاۋەر تۈركى مىللەت.

ئۇيغۇرچە ياقۇتلار
ئىنگىلىسچە yakut
تارقىلىشى روسىيە ياقۇت ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيىتى
تىلى تۈركى تىللار ئائىلىسى قىپچاق تىللىرى ياقۇت تىلى
ئىتىقادى خىرىستان دىنىنىڭ پىروۋۇسلاۋىيە مەزھىپى
خەنزۇچە 雅库特人
باشقىچە نامى ساخا
نوپۇسى 500مىڭگە يىقىن
يىزىقى سىلاۋىيان يىزىقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياقۇت   رۇسىيە ۋە شىمالى مۇز ئوكيان، تېنچ ئوكيان چېگرىلىنىدىغان سوغۇق رايونغا جايلاشقان، رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ 3مىلىيۇن كۇۋادىرات كىلومېتىرلىق كەڭ زىمىنغا ئىگە ياقۇت جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىغا سازاۋەر تۈركى مىللەت بولۇپ 2007-يىلى ياقۇت جۇمھۇرىيىتىدىكى 950 مىڭ نوپۇسنىڭ 450 مىڭىنى (%47 نى) تەشكىل قىلىدۇ

تارقىلىشىياقۇت جۇمھۇرىيىتىدىكى 950مىڭ نوپۇسنىڭ 450مىڭىنى(47%نى) تەشكىل قىلىدۇ(نۆۋەتتە روسىيەدە ئۇمۇمى يۈزلۈك نوپۇس ئازلاۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ياقۇتلار بىر خىل نورمال كۆپىيىشنى ساقلاپ كەلمەكتە، ئالدىنقى 20 يىللىق خاتىرىگە قارىغاندا ياقۇتلارنىڭ نوپۇسى ھەر يىلدا 10مىڭ كۆپىيىپ، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىدا ئىگەللىگەن نىسبىتى ئۆرلەۋاتىدۇ). بۇندىن باشقا يەنە خاباروۋىسكى چېگرا رايونىنىڭ ياقۇت جۇمھۇرىيىتىنى تېنچ ئوكيان بىلەن ئايرىپ تۇرىدىغان كارىدورسىمان ئارىلىقىدا  ئون مىڭ،  روسىيەنىڭ باشقا شەھەر ۋە جۇمھۇرىيەتلىرىگە تارقاق ئولتۇراقلاشقان ياقۇتلار تەخمىنەن 20مىڭ ئەتراپىدا. ياقۇتلار بىر قەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مىللەت بولۇپ دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىغا كەم تارقالغان.

يىزىقى    ياقۇت تىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى، تۈركى تىللار ئائىلىسى، شىمالى تىل تۈركۈمىگە تەۋە بولۇپ، رۇسلار كېلىشتىن بۇرۇن ياقۇتلار ئۇرخۇن يېنسەي يېزىقىدىن ئۆزگەرتىلگەن بىر خىل ئىپتىدائى يېزىقنى قوللانغان بولسىمۇ ئەمما ئۇمۇملاشمىغان. رۇسلار كىرگەندىن كېيىن رۇس تىلى-سلاۋىيان يېزىقى قوللانغان، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى ئېلىپبە ئىشلىتىپ 1939-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ياقۇت ئېلىپبەسىنى قوللىنىپ گېزىت - كىتاپلار نەشىر قىلىنغان. ياقۇت كىشىلىرىنىڭ %90 ئانا تىلىنى ئىشىلىتەلەيدۇ. ياقۇت تىلى رۇس تىلى بىلەن بىرلىكتە ياقۇت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ، ياقۇت تىلىدا چىقىدىغان گېزىت-ژورنال-كىتاپلار بار. ياقۇت جۇمھۇرىيىتىدىكى ئالى-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ياقۇت تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ.

  دىنى ئېتىقاد جەھەتتە ياقۇتلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىك ئاھالىسى رۇسلارنىڭ تەسىرى تۈپەيلى خىرىستان دىنىنىڭ پىروۋۇسلاۋىيە مەزھىپىگە ئىشەنسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا يەنىلا شامان دىنىنىڭ قالدۇقلىرى ئېغىر دەرىجىدە ساقلانغان. ياقۇتلار ئارىسىدا تاتارلارنىڭ تەسىرىدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلار بار بولسىمۇ بىراق كۆپ ئەمەس، سانى40مىڭ ئەتراپىدا.

تارىخى     ياقۇتلار دۇنيادىن يىراق سوغۇق خىلۋەت رايونغا ئولتۇراقلاشقانلىقتىن تارىخى خاتىرىلىرى مول ئەمەس.  ئەمما خەنزۇچە تارىخىي ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2-ئەسىردىن مىلادى 5-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ياقۇت رايونى ئىلگىرى- كېيىن ھۇنلار، سىيانپىلار، جوجانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان.  رۇس ئىنسانشۇناسلىرىنىڭ ئېنىقلاپ بېكىتىشىچە مىلادىدىن ئىلگىرىكى ھۇن دەۋرىدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ياقۇت، خاكاسىيە ۋە ئالتاي رايونلىرىدىكى ئاھالىلار ئەسلىدە ئاق تەنلىك ئىرققا مەنسۇپ بولغان. لېكىن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇڭگۇس ۋە موڭغۇل ئىرقىغا مەنسۇپ خەلقلەرنىڭ بۇ رايونلارغا كىرىپ يەرلىك قەبىلىلەر بىلەن ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تىپى بۇ رايوندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.

     ياقۇتلار رۇسلار كېلىشتىن ئىلگىرى  ئۆزلىرىنى ساخا دەپ ئاتاپ يېرىم چارۋىچىلىق يېرىم ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن بولۇپ شامان دىنى ئۇلار ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، رۇسلار كەلگەندىن كېيىن ياقۇتلارنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىدا شەھەرلىشىش ۋە سانائەتلىشىش ۋە تېرىقچىلىق پەيدا بولغان بولسىمۇ ھازىرغىچە يەنىلا كۆپ ساندىكى ياقۇت ياغاچلاردىن ياسالغان قىشلىق ئۆي ۋە تېرىدىن ياسالغان يازلىق چېدىرلاردا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، بۇغا باقمىچىلىقى ۋە بېلىقچىلىق ياقۇتلارنىڭ ئەنئەنىۋى كەسپى، قومۇز(ياقۇت تىلىدا خومۇس) ياقۇتلارنىڭ ئەڭ ئۇمۇملاشقان مىللى چالغۇسى. ياقۇتلار رۇسلار كېلىشتىن بۇرۇنلا مۇكەممەل تېرىچىلىك. ئويمىچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە كۇلالچىلىق تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇپ، تامامەن ناتۇرال ئىگىلىك شەكلىدە ياشىغان.

    ياقۇت قەبىلىلىرى 13-ئەسىردە موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ تەۋەسىدە بولغان . لېكى ناھايىتى تېزلا مۇستەقىل ھايات كەچۈرگەن ، لېكىن 17-ئەسىرگە كەلگەندە رۇسىيىنىڭ ھاملىقىغا ئۆتكەن . بولشېۋىكلار ئىنقىلابى غەلبە قىلغاندىن كېيىن، 1921-يىلى 14-ئاۋغۇستا سوۋېتلەر ئىتىپاقى رۇسىيە فىدىراتسىيىسىگە قاراشلىق ياقۇت ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1990-يىلى گورباچېۋنىڭ مىللىي سىياسەتنى ئىسلاھات قىلىش مەزگىلىدە ياقۇت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى بولۇپ ئۆزگەرگەن، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندە بولسائىگىلىك ھوقۇق دەرىجىسى كۆتىرىلىپ رۇسىيە فىدىراتسىيىسى تارمىقىدىكى ياقۇت جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان.[1][0]

ياقۇتسكىياقۇتسكى شەھىرى روسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ شەرقىدىكى ياقۇت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى. ياقۇتسكى شەھىرى لېنا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان. بۇ شەھەر ياقۇت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەركىزى، مۇھىم سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى.

ئەھۋالى

نامىياقۇتسكى
دۆلىتىروسىيە
تەۋە رايونروسىيە ساخا (ياقۇت) جۇمھۇرىيىتى
كىلىماتىمۆتىدىل سوغۇق بەلباغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمىنى كىلىماتىغا تەۋە بولۇپ، قەھرىتان سوغۇق
روسچە نامىЯкутск ياكى Якутский

خەنزۇچە نامى雅库茨克
مەمۇرىي رايون شەكلىشەھەر
نوپۇسى284 مىڭ 773 (2011)
ئىنگلىزچە نامىYakutsk
دىيالېكتىياقۇت تىلى، روس تىلى

ھاۋا-كىلىماتى

ياقۇتسكى دۇنيا بويىچە ئەڭ سوغۇق شەھەر.  ياقۇتسكى قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى كىلىماتقا تەۋە، قىشتا قاتتىق سوغۇق ھەم ئۇزۇن، بىر ئاي ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃38.6-، چېكىگە يەتكەن ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 64.4 گىرادۇس. ياز پەسلى قىسقا، ئىللىق، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى ℃ 19.5 لېكىن بەزىدە 35 ~ 30 گرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ. مۇتلەق ئەڭ يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى38.4 گىرادۇس، ئىككى يىللىق مۇتلەق تېمپېراتۇرا پەرقى ℃100 دىن ئاشىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى قۇرۇقلۇق ئىپادىسى ئەڭ تىپىك قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتلىق شەھەرگە كىرىدۇ . 

مەدەنىيەت

بۇ يەر ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت مەركىزى. تارىخ، تىل - ئەدەبىيات، فىزىكىلىق تېخنىكىسى، پەن تەتقىقات يۇرتلىرى قاتارلىق ئونغا يېقىن ئورۇنلىرى بار. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى سىبىرىيە شۆبىسى سوت مەھكىمىسى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدا ئون نەچچە ياقۇت  بىر تۇتاش تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ياقۇتسكىدا ئالىي مەكتەپلەرمۇ بار. پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ۋە ئون نەچچە ئوتتۇرا تېخنىكوم، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپلىرى بار. كۇتۇپخانا، كىنوخانا، تىياتىرخانا، بالىلار مۇزىكا مەكتىپى، مۇزىي قاتارلىق مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش ۋە مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇلغان. ياقۇتسكى ئۇنىۋېرسىتېتى يىراق شەرق رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. 

خاربىن شەھىرنىڭ ياقۇتسكى شەھىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى 2003-يىلى باشلانغان . 2003-يىلى 7-ئايدا روسىيە فېدراتسىيىسىنىڭ خاربىن شەھىرى ساخا جۇمھۇرىيىتىدىن كەلتۈرۈلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ياپونىيەنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە بۇ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ياقۇتسكى شەھىرى بىلەن خاربىن شەھىرى رەسمىي تەكلىپ دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقى ئوتتۇرغا قۇيۇلدى. 

2005-يىلى شەھەر باشلىقى مىخاي كۇكې ياقۇتسكى جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى خاربىن شەھىرىگە زىيارەتتە بولۇپ خاربىن شەھىرى بىلەن كەلگۈسىدىكى ئىككى شەھەر ئىقتىساد، سودا، مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىك، پەن-تېخنىكا، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ خاربىن شەھىرى بىلەن دوستلۇق ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ ئىككى شەھەرنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى يېڭى بىر تارىخىي باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

ئىقتىسادى

ياقۇتسكى شەھىرى روسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى ئەڭ قەدىمىي شەھەر. تارىختىن بۇيان يۇڭ-تېرە، تېرە، پەي، كۆن-خۇرۇم، ئۆي ھايۋانلىرى ۋە پىل چىشى يىغىش-تارقىتىش بازىرى بىلەن داڭلىق. شەھەر ئىچىدە ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، كۆمۈر قېزىش، يېنىك سانائەت، يېمەكلىك ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق سانائەتلىرى راۋاجلانغان؛ كېمە-پاراخوت ياساش، رېمونت قىلىش زاۋۇتلىرى،  بىناكارلىق ماتېرىياللىرى زاۋۇتى، ئۆي جاھازلىرى زاۋۇتى، ئاياغ كىيىم زاۋۇتى، كۆن-خۇرۇم، كىيىم-كېچەك زاۋۇتى، سۈت مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتى، پىۋا زاۋۇتى، كلىزما قىلىش زاۋۇتى، قەنت-گېزەك، پىچىنە-پىرەنىك زاۋۇتى،تەييار چۆپ زاۋۇتى، بېلىق ۋە گۆش پىششىقلاش زاۋۇتى قاتارلىق  زاۋۇت ۋە كارخانىلار بار. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى رايونلارغا ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلغان، مەركەز ئىسسىقلىق ئېلېكتر ئىستانىسىسى، ئوستكامىنوگوروسكى ۋىليۇي كان گاز مىقدارى شەھەرنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىر بۇ يەردە سانائەت ۋە ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى گاز ئىشلىتەلەيدۇ. ،دەريا پورتى، ئاۋىئاتسىيە مۇھىم پورتى ۋە تاشيول تىرانسىپورتنىڭ مەركىزى. لېن - ۋىليۇي گازلىقى گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى تۇتاشتۇرۇلغان. يېنىك سانائەت، يېمەكلىك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان ھەمدە كېمە ۋە ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش زاۋۇتى ۋە ئېلىكتىر ئىستانسىسىدىن كۆپ. بىرقانچە ئالىي مەكتەپ ۋە پەنلەر ئاكادېمىيەسى سىبىرىيە شۆبىسى تەسىس تەسىس قىلىنغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/97331.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#