تاشقى جىنسىي ئەزا ئاق داغ كېسىلى

تاشقى جىنسى ئەزا ئاق داغ كېسىلى

بۇ، ھەر خىل سەۋەبلەردىن تاشقى جىنسىي ئەزالارنىڭ چوڭقۇر قاتلام بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلىرىدىكى نېرۋا قان تومۇرلارنىڭ ماددا ئالمىشىشى قالايمىقانلىشىپ، كلىنىكىدا تاشقى جىنسىي ئەزالار تېرىسى ۋە شىللىق پەردىسى ئاقىرىش، قىچىشىش، يىرىكلىشىش، يىگلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى تاشقى جىنسىي ئەزا ئاق داغ كېسىلى
خەنزۇچە نامى 外阴白斑
كېسەللىك ئورنى تاشقى جىنسى ئەزا
كېسەللىك سەۋەبى تەمسىز بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. تەمسىز بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. تەمسىز بەلغەم خىلىتى يەرلىك ئورۇندىكى ماددا ئالمىشىشنى جۈملىدىن توقۇلمىلار بىلەن قان تومۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئوزۇقلۇقلارنى ئېرىتىۋېتىپ، توقۇلما-ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىشىنى، شۇنداقلا ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ھاسىل بولغان چىقىرىندى ماددىلارنىڭ قان ئايلىنىش ئارقىلىق تولۇق چىقىرىلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، ئاخىرىدا تاشقى جىنسىي ئەزالار ئاق داغ كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 2. گەجسىمان بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. گەجسىمان بەلغەم خىلىتى جىنسىي ئەزالارغا تەسىر قىلغاندا، يەرلىك ئورۇننىڭ تەبىئىي ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقلىرىدا چۆكمە ھاسىل قىلىپ، قىل قان تومۇرلار بىلەن توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقى، توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقى سۇيۇقلۇقلىرى بىلەن ھۈجەيرىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماددا ئالمىشىشنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، ئاخىرىدا تاشقى جىنسىي ئەزا ئاق داغ كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ 3. شورلۇق بەلغەم (بەلغىمى شور) خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى يەرلىك ئورۇندىكى ماددا ئالمىشىشنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىش بىلەن بىرگە توقۇلما-ھۈجەيرىلەرنى كۈچلۈك غىدىقلاپ، يەرلىك ئورۇندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى ھەمدە ھاسىل بولغان ماددا ئالمىشىش ئاخىرقى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، ئاخىرىدا تاشقى جىنسىي ئەزا ئاق داغ كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 4. تاشقى جىنسىي ئەزالارنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغلۇق كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ياللۇغلۇق ئۆزگىرىش بولغان ئورۇندا ھۈجەيرىلەرنىڭ خىزمەت پائالىيىتى بۇزۇلۇش ۋە ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكتىن بىر تەرەپتىن يەرلىك ئورۇننىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى ۋە ماددا ئالمىشىش ئاخىرقى مەھسۇلاتلىرىنىڭ چىقىرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر قايسى قۇۋۋەتلەرنىڭ خىزمىتى بۇزۇلۇپ، ئاسانلا جىنسىي ئەزالار ئاق داغ كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.

تاشقى جىنسىي ئەزالار ئاق داغ كېسىلىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىش جەريانى ئادەتتە ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. 1 -باسقۇچ: ھۈجەيرە-توقۇلمىلارنىڭ ئۆسۈپ يوغىناش باسقۇچى: بۇ باسقۇچتا ئۈستۈنكى تېرە توقۇلمىلىرى نورمالسىز ئۆسۈپ يوغىنايدۇ ۋە مۈڭگۈزلىشىدۇ، تېرە ئاستى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلىرىدا سۇلۇق ئىششىق، ياللۇغلۇق ئۆزگىرىش بولۇپ، ئېلاستىكلىق ۋە تالالىق توقۇلمىلار پەيدىنپەي يوقىلىدۇ. بۇ، يەرلىك ئورۇن توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقلىرىدىكى چۆكمىگە چۈشكەن خىلىتلارنىڭ قويۇقلاشقان، ھۈجەيرىلەر نورمالسىز غىدىقلىنىشقا ئۇچراۋاتقان دەسلەپكى باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. 2. باسقۇچ: توقۇلمىلارنىڭ يىگلەش باسقۇچى: بۇ باسقۇچتا ئۈستۈنكى تېرە ئاستى توقۇلمىلىرى تالالىشىدۇ. بۇ يەرلىك ئورۇن توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقلىرىدىكى چۆكمىگە چۈشكەن غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ قويۇقلۇق، يېپىشقاقلىق خۇسۇسىيىتى كۈچەيگەن ھەمدە كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئېغىرلاشقان باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ.

ئۆسۈش تىپى كۆپىنچە 60 ~ 30 ياشلىق ئاياللاردا كۆرۈلىدۇ. يىگلەش تىپى ھەرقانداق ياشتىكىلەردە پەيدا بولىۋېرىدۇ. ھۈجەيرە-توقۇلمىلارنىڭ ئۆسۈپ يوغىناش باسقۇچىدا ئاساسلىقى سىرتقى جىنسىي ئەزالار چىدىغۇسىز قىچىشىدۇ. تېرە رەڭگى تۇتۇق قىزىل ياكى ئوچۇق قىزىل بولىدۇ. ئارىلاپ ئاق داغ ياكى ھۆل تەمرەتكىدەك ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، تېرىلەر قېلىن ھەم يىرىك بولىدۇ. كېسەللىك دائىرىسى ئاساسلىقى چوڭ جىنسىي لەۋ، جىنسىي لەۋلەر ئارا ئېرىقچە، دىلچىق، ئارقا بىرلەشمە قاتارلىق ئورۇنلاردا بولىدۇ. توقۇلمىلارنىڭ يىگلەش باسقۇچىدا يېنىك دەرىجىدە قىچىشىش بولىدۇ، يەرلىك ئورۇن تېرىسى ۋە شىللىق پەردىلىرىدە روشەن ئاقىرىش بولىدۇ. كېسەللىك دائىرىسى ئاساسەن كىچىك جىنسىي لەۋ، دىلچىق تېرىسى، ئارقا بىرلەشمىلەردە بولىدۇ. ئارقا بىرلەشمە تېرىسى ۋە شىللىق پەردىسىنىڭ ئېلاستىكىلىقى يوقىلىپ تارتىشىپ، جىنسىي يول ئېغىزىنى تارايتىدۇ، يىگلەيدۇ. تاشقى جىنسىي ئەزا ئاق داغ كېسىلى تەرەققىي قىلسا تېرىنىڭ ئۈستۈنكى يۈزىدە يېرىق ياكى يارا پەيدا بولىدۇ. بۇ چاغدا ئاغرىش ۋە كۆيۈشۈش سېزىمى بولىدۇ. يېرىق ياكى يارىنىڭ پەيدا بولۇشى راكقا ئۆزگىرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەرلىك ئورۇندا يارا، تېرە ئاستى قاتتىق تۈگۈنچىلىرى بايقالسا ھوشيارلىقىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

1. كېسەل تارىخى ۋە تىپىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. كېسەللىك تارىخىدا ئىلگىرى تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش بىلەن بىرگە تىپىك بولغان ئالامەتلىرىدىن قىچىشىش، ئاقىرىش، قېلىنلاش، يىگلەش، يىرىكلىشىش قاتارلىقلار بولىدۇ. تاشقى جىنسىي ئەزالار تېرىسى يىرىكلىشىش، قىچىشىش، تېرە رەڭگى تۇتۇق قىزىل ياكى ئوچۇق قىزىل بولسا «ئۆسۈپ يوغىناش باسقۇچىدىكى تاشقى جىنسىي ئەزا ئاق داغ كېسىلى» دەپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ. تاشقى جىنسىي ئەزالار روشەن دەرىجىدە ئاقىرىش، يىگلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بولسا«يىگلەش باسقۇچىدىكى تاشقى جىنسىي ئەزا ئاق داغ كېسىلى» دەپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 1) تېرە سىنىقى ئىشلەش: تاشقى جىنسىي ئەزا ئاق داغ كېسىلىدە يەرلىك ئورۇن تېرىسىگە يود سۈركەپ تەكشۈرگەندە، ناھايىتى سۇس رەڭ ئالىدۇ ياكى رەڭ ئالمايدۇ. 2) تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش: يەرلىك ئورۇندا تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق قايسى باسقۇچتىكى تاشقى جىنسىي ئەزا ئاق داغ كېسىلى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ ھەمدە باشقا كېسەللىكلەر بىلەن پەرقلەندۈرۈش ئاساسىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

1. ئاق كېسەلدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئاق كېسەلدە تاشقى جىنسىي ئەزا تېرىلىرى ئاقىرىشتىن سىرت بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىدىكى تېرىلەردىمۇ ئاقىرىش بولىدۇ ياكى ئىلگىرى ئاقارغان تارىخى بولىدۇ. كۆپىنچە، يەرلىك ئورۇندا ھېسسىي ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. ئەۋرەت تېرىسى قېلىنلاپ مۈڭگۈزلەشمەيدۇ ياكى يىگلىمەيدۇ. تېرىلەرنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە قېلىنلىقى نورمال بولىدۇ. 2. تەسۋىسىمان جاراسىم خاراكتېرلىك تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئاق رەڭلىك تەسۋىسىمان جاراسىم خاراكتېرلىك تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغىدا ئاق خۇن دۇفۇ تىرىپىدەك كېلىدۇ، قىچىشىش كۈچلۈك بولىدۇ، تۇغماسلىق تىپىك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەرلىك ئورۇن تېرىسى قارامتۇل قىزىل بولىدۇ ھەم ئاق رەڭلىك مۈڭگۈزلىشىش كۈچەيگەن رايونلاردىمۇ بولىدۇ. بىمارنىڭ جىنسىي يول ئاجرالمىسىدىن سۇۋالما ئېلىپ تەكشۈرگەندە تەسۋىسىمان جاراسىم تېپىلىدۇ. 

1. خىلىتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇنىڭغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 2. قاننى جانلاندۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، يەرلىك ئورۇننىڭ قان ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى ياخشىلاش، قىچىشىشنى پەسەيتىش مەقسىتىدە دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

تەمسىز بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا قاننى جانلاندۇرغۇچى دورىلاردىن شەترەنجى ھىندى، سىيادان، جىنكېۋىزى قاتارلىقلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 9 ~ 7 كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشققانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچقا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ تەمسىز بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. گەجسىمان بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا قاننى جانلاندۇرغۇچى، توسالغۇلارنى ئاچقۇچى دورىلاردىن شەترەنجى ھىندى، سىيادان، گۈلقەنت، زەپەر قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 9 ~ 7 كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچقا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە 2 قېتىم تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ گەجسىمان بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. شورلۇق بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا قاننى جانلاندۇرۇپ، تېرىگە رەڭ پەيدا قىلغۇچى دورىلاردىن سىيادان، ھۇماما، جىنكېۋىزى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 9 ~ 7 كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ، شورلۇق بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. قاننى جانلاندۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاپ، رەڭ ماددىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى تېزلىتىش، يەرلىك ئورۇننىڭ قان ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى ياخشىلاش، قىچىشىشنى پەسەيتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. شەربىتى زەبىب كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ مەجۈنى كالىزىرە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا يەتتە گرامدىن؛ مەجۈنى چۆبچىن كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ شەربىتى ھەكىم ئەلى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن؛ قۇرسى ئاترىلال كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا بەش دانىدىن؛ ئىترىفىل ھامان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ بەرەس كۇمىلىچى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا بەش دانىدىن؛ ھەببى مارى بەرەس كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا بەش دانىدىن ئىستېمال قىلدۇرىلىدۇ. ئۇندىن باشقا، سىيادان ئوكۇلى، ئاترىلال ئوكۇلى، كالىزىرە ئوكۇلى قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ. چۆپچىن 50 گرام، ئەمەن، شاھتەررە 30 گرامدىن، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، بابۇنە، بىنەپشە 15 گرامدىن، رەۋەن 10 گرام، سىيادان، خەشخاش پوستى، خەشخاش ئۇرۇقى 15 گرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ، سۈيىدە قائىدە بويىچە ئابىزەن قىلىنىدۇ. سىيادان مېيى، گۈل يېغى، تۇخۇم يېغى، سىماب يېغى قاتارلىقلار تاللاپ مايلىنىدۇ ھەمدە كۈن نۇرىغا قاقلىنىدۇ. TDP ئاپپاراتى بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. تاتلىق بادام يېغى 15 مىللىلىتىر، بابۇنە يېغىدىن 15 مىللىلىتىر، ئاق مومدىن 15 گرام ئېلىپ، 40 مىللىلىتىر ھۆل كاسىنە سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ زىمات تەييارلاپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ. رەئىس ئەزالارنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، بەدەننىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئامىلە نۇشدارى لۆئلۇۋى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ داۋائىلمىشكى ھار كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ئۈچ گرامدىن؛ ماددەتۇلھايات كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: كەپتەر گۆشى، ئۆردەك گۆشى، پاقلان گۆشى، مائۇللەھمى، مائۇلھەسەل، ئۈگرە، مايسىز شورپا، كاۋاپ، سامساق، سەۋزە، بېدە، كەرەپشە، خورما، ئەنجۈر، ياڭاق، بادام، قىزىل ئۈزۈم … قاتارلىقلار. 3. زىيادە چارچاش، غەم-ئەندىشە، ئاچچىقلىنىش، جىددىيلىشىش قاتارلىق روھىي كەيپىياتلاردىن، زەي-تەسكەي ئورۇنلاردا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشتىن، زىيادە ئاق، سۈنئىي تالالىق ئىچ كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 4. يەڭگىل ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش، كۆڭۈلنى ئازادە، خۇش تۇتۇشقا ئادەتلىنىش، يەرلىك ئورۇننىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش ھەمدە تاشقى جىنسىي ئەزالارنىڭ قۇرغاق، ئىچ كىيىملەرنىڭ يۇمشاق بولۇشىغا، مۇۋاپىق ئارام ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

كېسەللىك ۋاقتىدا بايقاپ توغرا داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا تېزلىكتە ئەسلىگە كېلىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا ياكى داۋالىغاندىمۇ ئۈنۈم ياخشى بولماي ۋاقىت ئۇزارسا تاشقى جىنسىي ئەزا راكىغا ئۆزگىرىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا تاشقى جىنسىي ئەزا ئاق داغ كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ تەخمىنەن 50% ى تاشقى جىنسىي ئەزا راكىغا گىرىپتار بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1261

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#