خۇشتار

خۇشتار — ئۇيغۇرلارنىڭ كامانچە بىلەن چالىدىغان چالغۇ ئەسۋابى.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى خۇشتار
خەنزۇچە ئاتىلىشى 胡什塔尔

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خۇشتار — ئۇيغۇرلارنىڭ كامانچە بىلەن چالىدىغان چالغۇ ئەسۋابى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ماتېرىيالىغا ئاساسەن، شۇنداقلا قەدىمكى زاماندىكى چالغۇ ئەسۋابى — ئەشتاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقلغان. خۇشتارنىڭ بېشى ئامۇت شەكلىدە بولۇپ، بوغۇزى قىسقا بولىدۇ. تۆت تال مېتال تارىسى يەنە يەتتە تال ئۈنلەش تارىسى بار. خۇشتار چالغۇچى خۇشتارنىڭ دەستىسىنى سول قولىدا تۇتۇپ، خۇشتارنى سول تىزىغا قويۇپ، ئوڭ قولىدا كامانچىنى تۇتۇپ تارتىپ چالىدۇ. خۇشتارنىڭ ئاۋازى ئىنچىكە، زىل، يېقىملىق بولۇپ، ئىپادىلەش كۈچىگە باي، خەلق ناخشا ئاھاڭلىرىنى چېلىشقا باب كېلىدۇ. 

خۇشتار قەدىمكى غېجەك ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان چالغۇ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆركەم شەكلى ۋە يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكا ئوركېستىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاتقان بىر خىل چالغۇ. ئۇنىڭ دەستىسى ئۇستىگە قۇشنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن، ئاساسىي گەۋدىسى چاپلىما راۋابقا ئوخشاش ياغاچ تارشىلىرىدىن چاپلىنىپ ياسىلىدۇ، بويى تەخمىنەن 50 سانتىمېتىر بولۇپ، تار تاختىسى ۋە تارلىرىنىڭ ئورۇنلىشىشى ھازىرقى زامان غېجىكىگە ئوخشايدۇ. چېلىش ئۇسۇلى غىجەك بىلەن ئوخشاش. ئۇنىڭ ئاۋازى سۈزۈك ۋە جاراڭلىق كېلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/2012-04/27/c_131556516.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#