مەسۇت ئۆزىل

دۆلەت كوماندىسىدىكى ئۆزىل

مەسۇت ئۆزىل  (Mesut Özil)، ئۇ 1988-يىلى 15-ئۆكتەبىر گېرمانىيە نىڭ گېلسېكىرشىندا تۇغۇلغان. ئېنگىلاندنىڭ ئارسېنال پۇتبول كۇلۇبىدا توپ تېپىدىغان گېرمانىيەلىك پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى. ئۇ 2005-يىلى گېرمانىيەنىڭ شالكې 04 كۇلۇبى تەرىپىدىن بايقىلىپ كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىنى باشلىغان. 2008-يىلى ۋېردېر بىرېمېن كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن. 2010-يىلى جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىدىكى قالتىس ئىپادىسى ئارقىلىق ئىسپانىيە زەردارى رېئال مادرىد كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن. 2013-يىلى ئېنگىلاندنىڭ ئارسېنال كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى مەسۇت ئۆزىل
باشقا نامى ئۆزىل
مىللىتى تۈرك
تۇغۇلغان ۋاقتى 1988.10.15
يۇلتۇز تۈركۈمى مىزان يۇلتۇز تۈركۈمى
خەنزۇچە ئىسمى 梅苏特·厄齐尔
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
يۇرتى گېلسېنكىرشىن (گېرمانىيە)
ۋاپات بولغان ۋاقتى -
بوي ئېگىزلىكى 183

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 مەسۇت ئۆزىل(Mesut Özil)، ا 1988-يىلى 15-ئۆكتەبىر گېرمانىيە گېلسېنكىرشىن شەھىرىدە تۇغۇلغان . ئۆزىل ئائىلىسى ئەسلى تۈركىيە نىڭ زونگۇلداك دېگەن يېرىدىن، مەسۇتنىڭ بوۋىسى ئالدىنقى ئەسىر 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۈركىيەدىن كىرگۈزگەن ئەمگەك كۈچلىرى قاتارىدا گېرمانىيە كىلىپ ئولتۇراقلاشقان ، ھەم بۇ يەردە ئۆي-ئوچاقلىق بولغان . مەسۇتنىڭ دادىسى مۇستافا گېلسېنكىرشىنغا كەلگەندە ئاران 2 ياش ئىدى ، ئاپىسى گۈلزار گېرمانىيەدە تۇغۇلغان. بۇ ئىككەيلەن توي قىلغاندىن كېيىن تۆت پەرزەنتلىك بولغان ، پەرزەنتلەرنىڭ ئىككىسى ئوغۇل ئىككىسى قىز ، مەسۇت ئىككىنچى بالا. ئاكىسى مۇتلۇ (ھازىر مەسۇتنىڭ ۋاستىچىسى) ۋە ئىككى سىڭلىسى نەسە ۋە دۇغيۇ.

     مەسۇت كىچىكىدىنلا پۇتبولغا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان . ئۆيىدىن 200 مىتېر يىراقلىقتىكى «مايمۇن قەپىسى» دەپ ئاتىلىدىغان مەيدان ئۇنىڭ پۇتبولدىكى بۆشۈكى ھېسابلىنىدۇ . بۇ يەرنىڭ ئەتراپى سىم تور بىلەن ئورالغان ، توپا يەر ، شۇڭا بۇ يەردە مۇسابىقە ئوينىسا چىقىپ كېتىش بولمايدۇ ، مۇسابىقىمۇ توختاپ قالماي راۋان ئىلىپ بېرىلىدۇ . مەسۇت داۋاملىق ئاكىسى ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى بىلەن توپ ئوينىغاچقا بەدەن ۋە بوي جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكنى توپدۇرۇش ئۈچۈن شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا پىشقان تېخىنىكا ۋە چاققان ھەرىكەت يىتىلدۈرگەن . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ يەر ئۇنىڭ ھازىرقى ماھارەتلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئىكەن .

     مەسۇتنىڭ چولپان بولۇشىدا مۇستافا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان دېيىشكە بولىدۇ . مەسۇت يەتتە ياش ۋاقتىدىلا ئۇ رۇل رايونىدىكى چوڭ-كىچىك كۇلۇبلار بىلەن ئالاقىلىشىشنى باشلىۋەتكەن . يەتتە ياشلىق مەسۇتنىڭ تۇنجى كىرگەن كۇلۇبى غەربىي فالىيا 04 بولدى ، ھەم بۇ يەردە ئۈچ يىل تۇردى . ئۇندىن كېيىن ئالدى كېيىن بولۇپ گېرمانىيە ياشلار پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىكى شىمالىي شالكې ۋە فالكې كوماندىسىغا يۆتكەلدى ، بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئەمدى 11 ياش ئىدى . كىچىك مەسۇت قەيەرگە بارسا كوماندىنىڭ يادروسى بولاتتى ، ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ياردەم پاس بېرىشتىن سىرت ، كىرگۈزگەن توپلىرىمۇ ئوخشاش كۆپ ئىدى . فالكې كوماندىسىدا بىر يىل تۇرۇپلا ئۇ يەنە كۇلۇب يۆتكەلدى . قىزىل ئاق ئېسسىن ، بۇ گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە خېلى نەتىجە ياراتقان كۇلۇب ھېسابلىناتتى . مەسۇت بۇ كوماندىدىكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن ، 16 ياشتىلا 19 ياشلىقلار كوماندىغا ئۆرلىدى . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدا بۇرۇلۇش بولدى . شالكې 04 كۇلۇبى ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىتى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (6 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    16.7%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    16.7%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#