تۇپراقنى يۇمشىتىش ۋە يەرنى تەكشىلەش رولغا ئىگە دېھقانچىلىق سايمىنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تىرنا —  تىرنا، تىرناق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۇپراقنى يۇمشىتىش ۋە يەرنى تەكشىلەش رولغا ئىگە دېھقانچىلىق سايمىنى .

تۆمۈر چىشلىق تىرنا، ياغاچ چىشلىق تىرنا ۋە قول تىرنا، كۆلۈكلۈك تىرنا، چاسىلىق تىرنا ۋە چاتما دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىقتا ئاساسەن ياغاچ چىشلىق چاتما تىرنىلارنى ئۆزلىرى ياساپ ئىشلەتكەن. 

چاتما تىرنا ياسىلىشى بىرقەدەر مۇرەككەپ بولغان دېھقانچىلىق سايمىنى بولۇپ، ئاۋۋال تالاسى پۇختا،چىدامچانلىقى كۈچلۈك قارىغاي ياكى سۆگەت ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر 80 سانتىمېتىر،كەڭلىكى 20 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 15 سانتىمېتىر قىلىپ راسلىنىپ، راسلانغان ياغاچتىن ھەر 15 سانتىمېتىردا بىردىن باش بارماق توملىقىدا تېشىلگەن تۆشۈككە، تاكاسى پۇختا، چىدامچانلىقى كۈچلۈك قارىغاي ياكى سۆگەت ياغىچىدىن 20 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا قوزۇقچىلار ياسىلىپ، نىغىز قېقىلغان ياغاچ كاللەكچە رايكىلار تەييارلىنىپ، بىر-بىرىگە 40 سانتىمېتىر ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ، تەخمىنەن ئىككى مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئارقىمۇ-ئارقا چېتىلىپ ياسىلىدۇ. ياغاچتىن ياسالغان تىرنا ئۇچىنىڭ يەرگە تېگىش ئۇچى بەش سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، توم، يۇمىلاق ئۇچلىنىدۇ. 

چاتما تىرنا ئاساسەن قەرەلسىز ياغقان يامغۇر-يېشىن تۈپەيلى تۈۋى قېتىۋالغان كۈزگى بۇغداي، قىچا، زىغىر، قوناق، سېرىق پۇرچاق قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ تۈۋىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. تۇپراقنى يۇمشىتىش ۋە يەرنى تەكشىلەش ئۈچۈن بولسا يەرگە تېگىش ئۇچى ئۇزۇنراق ھەم ھەم ئۇچلۇق ياسالغان ياكى تۆمۈر قوزۇق بېكىتىلگەن تىرنىلار ئىشلىتىلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#