قەپەسئوت

قەپەسئوت

قەپەسئوت ھاشاراتخور ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان يېرىم چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 3 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ يوپۇرمىقى ئۆزگىچە، تۈۋى قىسمى ياپىلاق، ئوتتۇرا قىسمى ناھايىتى ئىنچىكە، ئوق تومۇرى ئۇزىراپ بۇرۇتچىغا ئايلانغان .

ئۇيغۇرچە ئىسمى قەپەسئوت
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى قەپەسئوت ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 猪笼草
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى سارراسېنىيە ئوتى تۈركىمى
ئۇرۇقداشلىرى قەپەسئوت ئۇرۇقدېشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھاشارات تۇتۇش قۇتىسىقەپەسئوت ھاشاراتخور ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان يېرىم چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 3 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ يوپۇرمىقى ئۆزگىچە، تۈۋى قىسمى ياپىلاق، ئوتتۇرا قىسمى ناھايىتى ئىنچىكە، ئوق تومۇرى ئۇزىراپ بۇرۇتچىغا ئايلانغان، بۇرۇتچىنىڭ ئۇچىدا ئۇزۇن يۇمىلاق شەكىللىك بىر «ھاشارات تۇتۇش قۇتىسى» ئېسىلىپ تۇرىدۇ، قۇتا ئېغىزىدا قاپقىقى بولۇپ، ئېچىلىپ-يېپىلالايدۇ. سىرتقى شەكلى قەپەسكە ئوخشىغاچقا قەپەسئوت دەپ ئاتالغان.

ھاشارات تۇتۇش قۇتىسىنىڭ تۈزۈلۈشى بىرقەدەر ئالاھىدە، قۇتىسىنىڭ ئىچكى دىۋارىدا نۇرغۇن موم ماددىلىرى بولۇپ، ئىنتايىن سىلىق، ئوتتۇرا قىسمىدىن تۈۋى قىسمىغىچە بولغان ئىچكى دىۋارىدا تەخمىنەن 1 مىليونغىچە ھەزىم قىلىش بەزلىرى بولۇپ، زور مىقداردا رەڭسىز، سۈزۈك، سەل-پەل پۇراقلىق كىسلاتا خاراكتېرلىك ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ، بۇنداق ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ھاشاراتنى پالەچلەندۈرۈپ، زەھەرلەيدىغان ئامىنلار ۋە سىكۇتىنلار بار. بۇنداق ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئادەتتىكى چاغلاردا ھاشارات تۇتۇش قۇتىسىنىڭ ئىچىدە دائىم يېرىمىغا كەلگۈچە قاچىلاقلىق تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھاشارات تۇتۇش قۇتىسىنىڭ قاپقىقىنىڭ ئىچكى يېنى ۋە گىرۋەك قىسمىدا نۇرغۇن ھەسەل بەزلىرى بولۇپ، ھەم خۇش پۇراقلىق، ھەم تاتلىق شىرنە سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ھاشاراتلارنى ئازدۇرۇپ جەلپ قىلالايدۇ. ھاشارات تۇتۇش قۇتىسى بۇنداق شىرنىلىك قۇتىنىڭ قاپقىقىنى ئاچقاندا، نۇرغۇن ئاچ كۆز ھاشاراتلارنى جەلپ قىلىپ كېلىدۇ، ئۇششاق ھاشاراتلار ھاشارات تۇتۇش قۇتىسىغا چۈشۈپ كېتىپلا قالسا، قۇتا قاپقىقى ئۆزلۈكىدىن دەرھاللا يېپىلىپ قالىدۇ، ھاشاراتلار ناھايىتى تېزلا زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، ھاشاراتنىڭ پۈتۈن تېنى قەپەسئوتنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلىرىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئارقىدىنلا «شىرنە قۇتىسى» نىڭ قاپقىقى يەنە ئېچىلىپ، كېيىنكى ئولجىنى تۇتۇشنى كۈتىدۇ. 

ھاشارات تۇتۇش قۇتىسىقەپەسئوت كۈنگەي، نەم جايلاردا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەگەر ئۆسكەن تۇپرىقى زىيادە قۇرغاق بولسا، ھاشارات تۇتۇش قۇتىسنى ئۆستۈرۈپ چىقىرالمايدۇ. قەپەسئوت تولىراق ھىندى ئوكياندىكى تاقىم ئاراللار، سرى لانكا قاتارلىق تىروپىك بەلۋاغ ئورمانلىرىغا تارالغان. مەملىكىتىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبى ۋە يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىگىمۇ تارالغان. 

قەپەسئوتنىڭ تۈرى ئوندىن ئارتۇق. ئوخشىمىغان تۈرلىرىنىڭ ھاشارات تۇتۇش قۇتىسىنىڭ شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە رەڭگى ئوخشاشمايدۇ. ئەڭ چوڭلىرى 40 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، مىڭئاياغ ۋە كىچىك چاشقانلارنى تۇتالايدۇ. رەڭلىرى قىزىل، سېرىق، يېشىل بولۇپ پەرقلىنىدۇ. قەپەسئوتنى دورا قىلىشقا بولىدۇ. جىگەر ياللۇغى، ئاشقازان ئاغرىش، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى ۋە زۇكام قاتارلىق كېسەللىكلەرگە قارىتا بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمى بار. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#