ھۇيگېنس

ھۇيگېنس

ھۇيگېنس يەنە ماياتنىكنىڭ تەۋرىنىش قانۇنىيىتىنى ئەڭ بالدۇر بايقىغان ۋە ماياتنىكتىن پايدىلىنىپ، پارىژدىكى ئېغىرلىق كۈچى تېزلىنىشىنى ھېسابلاپ چىققان. ئۇ يەنە ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى نىڭ تەلىپى بويىچە مېتال شارچىلارنىڭ سوقۇلۇشىنى تەتقىق قىلغان ۋە ماددىنىڭ ئېنېرگىيەسى بولىدىغانلىقىنى، ئېنېرگىيەنىڭ ساقلىنىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغان .

ئۇيغۇرچە ئىسمى ھۇيگېنس
باشقا نامى Christiaan Huyg(h)ens
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1695-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 克里斯蒂安·惠更斯
دۆلەت تەۋەلىكى گوللاندىيە
كەسپى فىزىكا ئالىمى، ماتېماتىك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھۇيگېنسدۇنيادا نۇر بولمىسا جاھاننى زۇلمەت باسىدۇ. بىراق، نۇر دېگەن زادى نېمە؟ بەزىلەر نۇر تۈۋرۈكى، نۇر سىزىقى، تەكشى ئەينەكنىڭ نۇر قايتۇرۇشىدىن نۇرنىڭ يامغۇرلۇق كۈندىكى «يامغۇر يىپلىرى» ىغا ئوخشايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ دانە-دانە نۇر زەررىچىلىرىدىن تەركىب تاپقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر تاشنى سۇغا تاشلىغاندا پەيدا بولغان سۇ دولقۇنىدىن ئىلھام ئېلىپ، نۇر بوشلۇقتا مەۋجۇت بولغان «ئېفىر» دولقۇنى دەپ قارايدۇ. 17-ئەسىردىن 19-ئەسىرگىچە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئىككى ئېقىم جىددىي مۇنازىرىنى قانات يايدۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئېقىمنىڭ ۋەكىلى گوللاندىيە لىك ھۇيگېنس (1629-1695) ئىدى. 17 -ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، دۇنيانىڭ ئىلىم-پەن نوپۇزلۇقى نيۇتون ئىدى. نيۇتون نۇرنىڭ زەررىچە تەلىماتىنى بەرپا قىلىپ، نۇرنى بىر خىل مىكرو زەررىچىلەر ئېقىمى دەپ قارىغان ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ نۇرنىڭ تۈز سىزىق بويىچە تارقىلىشى، تەكشى ئەينەكتىن قايتىشى، چېگرا يۈزىدە سۇنۇشى قاتارلىق ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرگەن. بىراق، ھۇيگېنس ئۇنىڭغا ئوخشاش بولمىغان قاراشتا بولغان، ئۇ مىكرو زەررىچىلەر تەلىماتى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان دىفراكسىيە، ئىنتېرفېرېنسىيە قاتارلىق ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، دەپ قارىغان، ئۇ نۇرنىڭ دولقۇن تەلىماتىنى بەرپا قىلىپ، نۇرنىڭ ئېفىر دولقۇنى ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە زەررىچە تەلىماتى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان نۇرنىڭ قايتىشى، سۇنۇشى، قوش سۇنۇشى قاتارلىق ھادىسىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چۈشەندۈرۈپ، زەررىچە تەلىماتى پەن مۇنبىرىنى يالغۇز ئىگىلىگەن ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلىغان.

 نيۇتوننىڭ ئابرۇيى يۇقىرى بولغاچقا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر زەررىچە تەلىماتىنى ياقلىغان، ھۇيگېنس يېتىم قالدۇرۇلغان ئاز سانلىقلار ئېقىمىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇ، نوپۇزغا چوقۇنماي، مۇستەقىل قارىشىدا چىڭ تۇرغان. نۇرنىڭ دولقۇن تەلىماتى يېقىنقى زامان فىزىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. ئەمەلىيەتتە، نۇرنىڭ زەررىچە تەلىماتى ۋە دولقۇن تەلىماتى قاتارلىقلار نۇرنىڭ ماھىيىتىنى ئوخشاش بولمىغان تەرەپتىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. مۇشۇ ئاساستا تەرەققىي قىلغان يېقىنقى زامان فىزىكىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، نۇر بىرلا ۋاقىتتا دولقۇن خۇسۇسىيىتى ۋە زەررىچە خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. 

ھۇيگېنسھۇيگېنس يەنە ماياتنىكنىڭ تەۋرىنىش قانۇنىيىتىنى ئەڭ بالدۇر بايقىغان ۋە ماياتنىكتىن پايدىلىنىپ، پارىژدىكى ئېغىرلىق كۈچى تېزلىنىشىنى ھېسابلاپ چىققان. ئۇ يەنە ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەلىپى بويىچە مېتال شارچىلارنىڭ سوقۇلۇشىنى تەتقىق قىلغان ۋە ماددىنىڭ ئېنېرگىيىسى بولىدىغانلىقىنى، ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغان، بۇلار ئەينى چاغدا ئاجايىپ ئىش ھېسابلىناتتى، ئۇ ئۆزى ياسىغان تېلېسكوپ ئارقىلىق ساتۇرننىڭ نۇر ھالقىسى ۋە ساتۇرننىڭ ئالتە ھەمراھى، ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى تۇمانلىقى قاتارلىقلارنى بايقىغان. ئۇ كەشىپ قىلغان ھۇيگېنس ئەينىكىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، تا ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. 

ھۇيگېنس سەمىمىيەتچىل ئادەم بولۇپ، كۆپ ئىشلەپ، ئاز سۆز قىلاتتى. ئۇ نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك زور تەتقىقاتلارنى ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئېلان قىلغان نەتىجىلىرى ئىنتايىن ئاز. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كىشىلەر ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى رەتلەش داۋامىدا، بۇ ئالىمنىڭ ئەستايىدىللىقى، تىرىشچانلىقى ۋە مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان ئىلمىي روھىغا قايىل بولغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#