ياتۇر يېزىسى

ياتۇر يېزىسى

ياتۇر يېزىسى شىنجاڭ باي ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا  8.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 1033.15 كۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمىي نوپۇسى 16234 ئادەم.

ئۇيغۇرچە نامى ياتۇر يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 1033.15 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 亚吐尔乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون باي ناھىيەسى
نوپۇسى 16234 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياتۇر يېزىسىياتۇر يېزىسى شىنجاڭ باي ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا  8.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 1033.15 كۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمىي نوپۇسى 16234 ئادەم. ياتۇر يېزىسىنىڭ شەرقى توقسۇن يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي بۇلۇڭ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبتا كانچى يېزىسى ئارقىلىق كۇچا-باي تاشيولى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شىمالىي چۆللۈك، ئېدىرلىق ۋە تاغلىق رايونلار. يېزىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 58 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 23 كىلومېتىر كېلىدۇ. 

ياتۇر يېزىسىياتۇر يېزىسىنىڭ قارىمىقىدا ياتۇر كەنتى، قۇممەھەللە كەنتى، قازغان كەنتى، تاغاچى كەنتى، ئوتبېشى كەنتى، يېڭى لەڭگەر كەنتى، بۇژنا كەنتى، ئىشتاچى كەنتى، قارا سۇ كەنتى، ياتۇر كەنتى، پاشتاچى كەنتى، ئولپاڭ كەنتى ، گۈلئاتا مازار كەنتى قاتارلىق 12 كەنت ئاھالە كومىتېتى، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى، يېزىلىق ھۆكۈمەت ياتۇر كەنتىدە. 

ياتۇر يېزىسىياتۇر يېزىسى باي ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان. يېزا ئىگىلىك رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1360-1220 مېتىر، كىلىماتى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىماتىغا كىرىدۇ. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃13.8-، يەتتىنچى ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى℃21.2، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا ℃7.6. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 88.5 مىللىمېتىر. ھەر يىلدىكى قىروسىز مەزگىلى 165-150 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇغداي، قوناق، قىچا، زىغىر قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىشقا ماس كېلىدۇ. پۈتۈن يەر شەكلى شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس، شىمالىي قىسمى چۆللۈك، ئېدىرلىق ۋە تاغلىق رايونلار. تاغدا چوڭ چوڭ شەمشاد، قېيىن دەرىخى، تاغ تېرىكى، ياۋا ئالما قاتارلىقلار ئۆسىدۇ. تاغدا ئېيىق، يىلپىز، بۆرە سۇغۇر، ئارقار، موڭغۇل جەرىنى، ياۋا توڭگۇز، قىرغاۋۇل قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار. تاغ ئىچىدە كۆمۈر، تۇز، تۆمۈر، ئوتقا چىداملىق توپا قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. 

ياتۇر يېزىسىياتۇر يېزىسى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. 55837 مو تېرىلغۇ يەر بار، ئوتلاق 80000 مودىن ئارتۇق. ئۆرۈك ۋە يۇجى توخۇسى بولسا ياتۇر يېزىسىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە ھەممە ئائىلىدە ئۆرۈكلۈك باغ بار. ئۆرۈك سورتى كۆپ، رەڭگى ئوچۇق، تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارى ۋە سۇ تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى، ئەرزان، تەملىك. 

ياتۇر يېزىسىنىڭ يۇجى توخۇسى سېمىز، تەمى يېڭىچە ھەم تەملىك، ئاپتونوم رايونىمىزدا داڭقى بار. ئوتبېشى، يېڭىلەڭگەر، كەنجى قاتارلىق ئۈچ چوڭ كەنت يۇجى توخۇسى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايوندۇر.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#