بارىكۆل قازاق مەدەنىيىتى كۆرگەزمىخانىسى

بارىكۆل قازاق مەدەنىيىتى كۆرگەزمىخانىسى

بارىكۆل قازاق مەدەنىيىتى كۆرگەزمىخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 1120 كۋادرات مېتىر، 4 كۆرگەزمە زال ۋە 2 ئالدى زال، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى 1300 دانە بار، بارىكۆل قازاق مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىقلارنى نامايەن قىلغان، كىشىلەرنىڭ قازاق مىللىتى نى چۈشىنىشىدىكى كۆزنەك.

ئۇيغۇرچە نامى بارىكۆل قازاق مەدەنىيىتى كۆرگەزمىخانىسى
كۆلىمى 1120 كۋادرات مېتىر
دەرىجىسى دۆلەت AA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى»
كۆرگەزمە بۇيۇمى 1300 دانە
خەنزۇچە نامى 巴里坤哈萨克文化展馆
قورۇلغان ۋاقتى 2006-يىلى 8-ئاي
تەۋەلىكى قومۇل شەھىرى بارىكۆل ناھىيەسى
سېلىنغان مەبلەغ 140 مىليون

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بارىكۆل قازاق مەدەنىيىتى كۆرگەزمىخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 1120 كۋادرات مېتىر، 2006-يىلى 8-ئايدا، مەبلەغ 140 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلغان. 4 كۆرگەزمە زال ۋە 2 ئالدى زال، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى 1300 دانە بار، بارىكۆل قازاق مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىقلارنى نامايەن قىلغان، كىشىلەرنىڭ قازاق مىللىتى نى چۈشىنىشىدىكى كۆزنەك.[1]

يېزىق بىلەن رەسىم كۆرگەزمە زالى

«يېزىق بىلەن رەسىم كۆرگەزمە زالى»، تاملىرى يېزىق ۋە رەسىملەر ئارقىلىق بېزەلگەن، نەشر بۇيۇمى، بارىكۆلنىڭ يەر شەكلى، يەر تۈزۈلۈشىنىڭ قۇمدىن ئىشلەنگەن مودىلى، دېسكا ئارقىلىق قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قازاق مىللىتىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەت، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ۋە ئاپتونوم ناھىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى بىر قەدەر ئەتراپلىق نامايەن قىلغان.

مىللىي ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمە زالى

«مىللىي ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمە زالى»، ئىچىگە مىللىي چالغۇلار تىزىلغان، يەنە قول-ھۈنەر بويۇمى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى قاتارلىقلار 300 خىلدىن ئارتۇق بۇيۇملار قويۇلغان، قازاق مىللىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ئاستىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن شانلىق مەدەنىيىتى ۋە ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان ھۈنەر-سەنئىتىنى بىر قەدەر ئەتراپلىق نامايەن قىلغان.

بارىكۆل بايلىقى ۋە مەھسۇلات كۆرگەزمە زالى

«بارىكۆل بايلىقى ۋە مەھسۇلات كۆرگەزمە زالى»، ئىچىگە ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ھەم سانائەت-يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، مىنېرال يەر ئاستى، يەر ئۈستى بايلىقلىرىنىڭ ئەۋرىشكىلىرىدىن 500 خىلدىن ئارتۇقى قويۇلغان، بارىكۆل ناھىيەسى دىكى مول بايلىقلار ۋە مەھسۇلاتلارنى بىر قەدەر ئەتراپلىق نامايەن قىلغان.

تارىخىي مىراس كۆرگەزمە زالى

«تارىخىي مىراس كۆرگەزمە زالى» ئىچىگە ئاز كەم 200 خىلدىن ئاشىدىغان بالبال سەنئەت بۇيۇملىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە كونا دەۋردىكى قىيا تاش سىزمىلىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى قويۇلغان، قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى تارىخى ۋە مەدەنىيەتلىرىنى بىر قەدەر ئەتراپلىق نامايەن قىلغان.

2007-يىلى بۇ كۆرگەزمىخانا بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىغا قاراشلىق مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىك كەسپىي ئورۇن قىلىپ قۇرۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەخسۇس خادىملار تەقسىملەنگەن.

بارىكۆل قازاق مەدەنىيىتى كۆرگەزمە سارىيى پارتىيىنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بىلەن، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا «دۆلەت AA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى»، «دۆلەت ھەقسىز ئېچىۋېتىش ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى» دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن. 2009-يىلى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېكىسكۇرسىيە ئومۇمىي سانى 70 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىمغا يەتكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#