سېرىق سۇندۇك
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سېرىق سۇندۇكنىڭ جۇغى چوڭ-كىچىكلىكى تاغ سۈڭگۈچى بىلەن ئوخشاش، ئۇزۇنلۇقى18 ~ 15 سانتىمېتىر. بېشى كۆك كۈل رەڭ ياكى تۇتۇق؛ ئۈستۈنكى بەدىنى زەيتۇن رەڭ ياكى كۈل رەڭ؛ ئاق، سېرىق ياكى سارغۇچ ئاق قېشى بار. ئىككى قانىتىدىكى ئۇچۇش پەيلىرى قارا قوڭۇر رەڭدە، پەيلەر ئۈستىدە ئىككى تال سېرىق ئاق رەڭلىك سىزىقى بولىدۇ. قۇيرۇقى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، ئەڭ تاشقى ئىككى جۈپ قۇيرۇق پېيىنىڭ كۆپ قىسمى ئاق رەڭدە بولىدۇ. تېنىنىڭ ئاستى قىسمى سېرىق رەڭدە.
سېرىق سۇندۇك شاللىق، سازلىق گىرۋەكلىرى ۋە ئوتلاقتا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. دائىم توپلىشىپ يۈرىدۇ، ئات-ئۇلاغ ۋە سۇ كالىسى ئەتراپىدىن ئوزۇقلۇق تېپىپ يەيدۇ. توپ بۇلۇپ ئۇچقاندا ئىنچىكە، يېقىملىق ئاۋاز چىقىرىدۇ، ئاخىرىدا ئاۋاز سەل يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. ئاۋازى تەكرار ئاۋاز ۋە ئارىلاش تىترەك ئاۋازدىن تەركىب تاپىدۇ.
سېرىق سۇندۇك كۆپىنچە جۈپ ياكى 5~3 كىچە توپ بۇلۇپ ياشايدۇ، كۆچۈش مەزگىلىدە نەچچە ئونى بىر توپ بولۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ. دەريا بويى ياكى دەريا ئوتتۇرىسىدىكى تاشقا قونۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، قۇيرۇقىنى توختىماي ئاستى-ئۈستى لىڭشىتىدۇ. بەزىدە سۇ بويلاپ ئۇياق-بۇياققا توختىماي مېڭىپ يۈرىدۇ. ئۇچقاندا ئىككى قانىتىنى بىر يىغىپ، بىر سوزۇپ، دولقۇنسىمان ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. دائىم ئۇچقاچ سايرايدۇ، ئاۋازى جى جى دەپ چىقىدۇ.
ئوزۇقلىنىش ئادىتى
سېرىق سۇندۇكئوزۇقلىنىش ئادىتى : سېرىق سۇندۇك ئاساسەن ھاشاراتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، كۆپىنچە يەردىن تۇتۇپ يەيدۇ، بەزىدە ھاۋادا ئۇچۇپ يۈرۈپ تۇتۇپ يەيدۇ. يېمەكلىك تۈرلىرى ئاساسەن چۈمۈلە، قارا كۇمۇتا، يوپۇرماق تومۇزغىسى ۋە قالقانسىمان قاناتلىقلار ۋە تەڭگىچە قاناتلىقلارغا تەۋە ھاشارات قاتارلىقلار.
سېرىق سۇندۇكنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى 5-ئايدىن 7-ئايغىچە بۇلىدۇ. ئادەتتە دەريا بويىدىكى تاشلارنىڭ ئېتىكى ۋە ئوت-چۆپ ئارىسىغا، بەزىدە كەنتنىڭ چېتىدىكى ئاھالىلەر قويۇلغان ئوتۇن دۆۋىسىگە ئۇۋا سالىدۇ، ئۇۋىسىنى يوشۇرۇشى ناھايىتى ياخشى. چىنە شەكىللىك چاڭگا بولۇپ، ئاساسلىقى قۇرۇق ئوت غولى ۋە يوپۇرمىقىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىچىگە قوي يۇڭى، سىم ۋە قۇشلارنىڭ پېيى تىزىلىدۇ. ئۇۋا ئىچكى دىئامېتىرى 7~6 سانتىمېتىر × 8~7 سانتىمېتىر، سىرتقى دىئامېتىرى10~9 سانتىمېتىر × 12~11 سانتىمېتىر، ئۇۋا ئېگىزلىكى 7~6 سانتىمېتىر، چوڭقۇرلۇقى 6~5 سانتىمېتىر. ئۇۋا ياساشنى ئەركەك چىشى قۇش ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ، چاڭگا تىزىپ بولغاندىن كېيىن تۇخۇم تۇغۇشقا باشلايدۇ. كۆپىنچە 5-ئاينىڭ باشلىرىدا تۇخۇم تۇغۇشقا باشلايدۇ، كۈندە بىر تال، ھەربىر ئۇۋىغا 6~5 دانە، كۆپ بولغاندا بەش دانە تۇغىدۇ. تۇخۇمى كۈل رەڭ ئاق، ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپىدە قوڭۇر رەڭ داغ ۋە سىزىقچىلار بولۇپ، تۇخۇمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى 15~14 مىللىمىتىر × 21~19 مىللىمىتىر، ئېغىرلىقى 2.2~1.9 گىرام.
تۇخۇم بېسىشنى ئاساسلىقى چىشى قۇش ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، تۇخۇم بېسىش مەزگىلى 14 كۈن بولىدۇ. چۈجىلىرى كېچىكىپ يېتىلىدۇ، تۇخۇمدىن يېڭى چىققان ۋاقىتتا بېشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مۈرە ۋە بەل قىسمىدا ئازراق كۈل رەڭ سېرىق رەڭلىك مامۇق پەي بۇلىدۇ، باشقا ھەممە يېرى يالىڭاچ پېيى يوق، ئىككى كۆزى چىڭ يۇمۇلغان، ئىچ-ئىچىدىن گۆش رەڭ بولىدۇ. ئەركەك-چىشى قۇش بىللە چۈجىلىرىنى باقىدۇ، ھەر كۈنى ئىككى تاماق بېرىش يۇقىرى پەللىسى بۇلىدۇ. بىر قېتىم 10:100~9:00، ھەر سائەتلىك تاماق بېرىش 16 قېتىمغا يېتىدۇ؛ بىر قېتىم 16:00~17:00 گىچە، سائىتىگە تەخمىنەن 14 قېتىم. ئۇۋىدا تۇرۇش مەزگىلى 1 ± 14 كۈن.
سېرىق سۇندۇك كەنجى تۈرى (18كەنجى تۈر)
رەت نومۇرى | ئۇيغۇر نامى | ئېنگىلىزچە نامى | نام بەرگۈچى ۋە يىل دەۋرى |
---|---|---|---|
01 | سېرىق سۇندۇك غەربىي ياۋروپا كەنجى تۈرى | Motacilla flava flavissima | Blyth,1834 |
02 | سېرىق سۇندۇك شەرقىي شىمال ئاسىيا كەنجى تۈرى | Motacilla flava thunbergi | Billberg,1828 |
03 | سېرىق سۇندۇك كۆرسەتمە كەنجى تۈرى | Motacilla flava flava | Linnaeus,1758 |
04 | سېرىق سۇندۇك فرانسىيە كەنجى تۈرى | Motacilla flava iberiae | Hartert,1921 |
05 | سېرىق سۇندۇك ئىتالىيە كەنجى تۈرى | Motacilla flava cinereocapilla | Savi,1831 |
06 | سېرىق سۇندۇك مىسىر كەنجى تۈرى | Motacilla flava pygmaea | A. E. Brehm, 1854 |
07 | سېرىق سۇندۇك بالقان كەنجى تۈرى | Motacilla flava feldegg | Michahelles, 1830 |
08 | سېرىق سۇندۇك رۇسىيە كەنجى تۈرى | Motacilla flava lutea | S. G. Gmelin, 1774 |
09 | سېرىق سۇندۇك غەربىي شىمال كەنجى تۈرى | Motacilla flava beema | Sykes,1832 |
10 | سېرىق سۇندۇك تەڭرىتاغ كەنجى تۈرى | Motacilla flava melanogrisea | Homeyer, 1878 |
11 | سېرىق سۇندۇك قۇتۇپ شىمالىي ئاسىيا كەنجى تۈرى | Motacilla flava plexa | Thayer & Bangs, 1914 |
12 | سېرىق سۇندۇك ئالياسكا كەنجى تۈرى | Motacilla flava tschutschensis | J. F. Gmelin, 1789 |
13 | سېرىق سۇندۇك شەرقىي شىمال كەنجى تۈرى | Motacilla flava angarensis | Sushkin, 1925 |
14 | سېرىق سۇندۇك جۇڭغار كەنجى تۈرى | Motacilla flava leucocephala | Przevalski, 1887 |
15 | سېرىق سۇندۇك تەيۋەن كەنجە تۈرى | Motacilla flava taivana | Swinhoe, 1863 |
16 | سېرىق سۇندۇك شەرقى شىمال كەنجى تۈرى | Motacilla flava macronyx | Stresemann, 1920 |
17 | سېرىق سۇندۇك كامچاتكا كەنجى تۈرى | Motacilla flava simillima | Hartert, 1905 |
18 | سېرىق سۇندۇك ئوتتۇرا ئاسىيا كەنجى تۈرى | Motacilla flava zaissanensis | Poliakov, 19112 |
ياۋروپادا تەخمىنەن7مىليون 900 مىڭدىن 14مىليون جۈپكىچە سېرىق سۇندۇك ياشايدۇ، تۈر توپى سانى تەخمىنەن 23 مىليون 700 مىڭدىن 42 مىليونغىچە. ياۋروپادىكى تۈر توپى يەر شارى تۈر توپىنىڭ %49~25نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭدىن دەسلەپكى قەدەمدە مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن يەر شارى تۈر توپى تەخمىنەن 48 مىليون400 مىڭدىن 168 مىليونغىچە.
ئىپتىدائىي تۈرنىڭ تارقىلىشى
ئىپتىدائىي تۈرلەر ئافغانىستان، ئالبانىيە، ئالجىرىيە، ئانگولا، ئەرمېنىيە، ئاۋىسترالىيە، ئاۋسترىيە، ئەزەربەيجان، بەھرەين، بېنگال، بېلارۇسىيە، بېلگىيە، بېنىن، بۇتان، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا، بوتسۋانا، بىرۇنېي دارۇسسالام دۆلىتى، بولغارىيە، بۇركىنا فاسو، بۇرۇندى، كامبودژا، كامېرۇن، كانادا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، چاد، جوڭگو، روژدېستۋو ئارىلى، كونگو، كوتى دى ئىۋۇئېر، كرودىيە، سىپرۇس، چېخ جۇمھۇرىيىتى، دانىيە، جىبۇتى، مىسىر، ئېكۋاتور گۋىنىيىسى، ئېرىترىيە، ئېستونىيە، ئېفىئوپىيە، فىنلاندىيە، فرانسىيە، گابون، گامبىيە، گرۇزىيە، گېرمانىيە، گانا، گىبرالتار، ئەنگلىيە، گرېتسىيە، گۋىنىيە، گۋىنىيە بىسساۋ، شياڭگاڭ، ۋېنگرىيە، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، ئىران، ئىلاق، ئېرلەن، ئىسرائىلىيە، ئىتالىيە، ياپۇنىيە، ئىئوردانىيە، قازاقىستان، كېنىيە، چاۋشيەن، كورېيە، كۇۋەيىت، قىرغىزىستان، لائوس، لاتۋىيە، لىۋان، لىۋىيە، لىچتېنشتېين، لىتۋانىيە، ليۇكسېمبۇرگ، ماكېدونىيە، مالاۋى، مالايشىيا، مالى، مالتا، ماۋرىتانىيە، مىكرونېزىيە، مولدوۋا، موناكو، موڭغۇلىيە، خېيشەن، ماراكەش، موزامبىك، بىرما، نامىبىيە، نىپال، گوللاندىيە، نىگېر، نىگېرىيە، نورۋېگىيە، ئامان، پاكىستان، پاروۋ تاقىم، فىلىپپىن، بولان، پورتۇگالىيە، قاتار، رۇمىنىيە، روسسىيە، رۋاندا، سان مارىنو، سەئۇدى ئەرەبىستان، سېنېگال، سېربىيە، سېررالېئون، سىنگاپور، سلوۋاكىيە، سلوۋېنىيە، سۇمالى، جەنۇبىي ئافرىقا، جەنۇبىي سۇدان، ئىسپانىيە، سرىلانكا، سۇلتان، سۋېزىلاند، شۋېتسىيە، شۋېيتسارىيە، سۇرىيە، تاجىكىستان، تانزانىيە، تايلاند، شەرقىي تىمور، توگو، تۇنىس، تۈركمەنىستان، ئۇگاندا، ئۇكرائىنا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، ئۆزبېكىستان، ۋيېتنام، غەربىي سەھرا، يەمەن، زامبىيە، زىمبابۋې قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.
كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان تۈرلەر
كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان بىر قىسىم قۇشلار گۇئام ئارىلى، شىمالىي مارىئانا تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىدە بار، بۇنىڭ ئىچىدە يازلىق قۇش ۋە بىر قىسىم ئاساسلىقى شەرقىي شىمال، ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي شىمالى ۋە شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلارغا تارقالغان، ئاساسەن يولۇچى قۇشلار بىلەن پەسىل قۇشىدۇر.
سېرىق سۇندۇك «دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قىزىل تىزىملىك»كە كىرگۈزۈلگەن، 2013-يىلى خەتىرى يوق تۈر بۇلۇپ باھالانغان.
بۇ تۈرلەر جۇڭگونىڭ دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ 2000-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلغان «دۆلەت قوغدايدىغان پايدىلىق ياكى مۇھىم ئىقتىسادىي قىممەتكە، پەن تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلار تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.