دۈملىمە بېلىق
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بىرىنچى خىلى
1. بېلىقنى قىرىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، دۈمبىنى توغرىسىغا تىلىپ چىش چىقىرىپ، قىزىق سۇغا بېسىپ پۇرىقى چىقىر
ىۋېتىلىدۇ؛ سۇڭپىيازنى ئىنچىكە، چاۋا يا غ ئۇششاق توغرىلىدۇ، زەنجىۋىل ئۇششاق چانىلىدۇ.
2. تۇز، تېتىتقۇ سېلىپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ.
3. تەخسىگە سۇڭپىيازنى تىزىپ، ئۈستىگە بېلىقنى قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە زەنجىۋىل، چاۋا ياغلارنى ئۆز تەرتىپى بويىچە تىزىپ، ئاندىن تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ، قاسقانغا سېلىپ 25 ~ 20 مىنۇت دۈملىنىدۇ. ئاچچىقسۇ، سوققان زەنجىۋىل ئايرىم تەخسىدە كەلتۈرۈلىدۇ.
ئىككىنچى خىلى
1. بېلىقنى يۇقىرىقىدەك تازىلىغاندىن كېيىن دۈمبىسىگە ئاي شەكىلدە چىشلىق گۈل چىقىرىلىدۇ؛ سۇڭپىيازنى 4-5 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئىنچىكە توغراپ، بىر قىسمىنى سوقىچاق بېلىق تەخسىسىگە قويۇپ، ئۈستىگە بېلىقنى تىزىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قالغان سۇڭپىياز، ئىنچىكە توغرالغان پىششىق گۆشنى تىزىپ سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
2. قاچىغا 35 گرام شورپا ئېلىپ، تېتىتقۇ، تۇز، سېرىق ھاراق، جاڭيۇ، ئۇششاق توغرالغان چاۋا ياغ سېلىپ، تەخسىدىكى بېلىق بىلەن بىللە قاسقانغا قويۇپ 20 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملىنىدۇ.
3. بېلىقنى قاسقاندىن ئېلىپ، تەخسىگە يىغىلغان سۈيىنى تۆكۈۋېتىپ، قاسقاندا بېلىق بىلەن بىللە دۈملىگەن شورپا بېلىقنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ.
ئۈچۈنچى خىلى
1. بېلىقنىڭ قاسىرىقىنى قىرىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، پاكىز يۇيۇپ، بېلىقنىڭ دۈمبىسىگە دولقۇنسىمان سىزىق سىزىپ، جاڭيۇ بىلەن تۇزغا چىلاپ قويۇلىدۇ.
2. سۇڭپىيازنى ئات قۇلىقى شەكلىدە، سامساق، زەنجىۋىللەر يالپاق توغرىلىدۇ.
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ، سەككىز دەرىجە قىزىتىپ، چىلىغان بېلىقنى سېلىپ يېرىم پىشۇرۇپ ئىلىنىدۇ؛ قازاندا ئازلا ياغ قالدۇرۇپ، سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، سامساقلارنى سېلىپ قورۇپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان چاۋا ياغ، تېتىتقۇ شورپا، جاڭيۇ، تۇز سېلىپ، يېرىم پىشۇرۇلغان بېلىقنى سېلىپ قاينىتىپ دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.
بېلىق پىشقاندىن كېيىن ئۆرۈپ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ شورپىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پارقىراتما ياغ، ئاچچىقسۇ چېچىپ، بېلىقنى شورپىسى بىلەن چوڭقۇر تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.