لەيلىگۈل

لەيلىگۈل

لەيلىگۈل لەيلىگۈل ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق ياكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، لەيلىگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، زەھەر قايتۇرۇش، يىرىڭلارنى چىقىرىش، چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى لەيلىگۈل
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 蜀葵花
تەبىئىتى ھۆل سوغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لەيلىگۈللەيلىگۈل لەيلىگۈل ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق ياكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، لەيلىگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، تەخمىنەن ئۈچ مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسىدۇ، غولى تىك، شېخى ئاز بولىدۇ؛ يىلتىزى يوغان، سېمىز ،تۈۋرۈكسىمان، ئەتلىك كېلىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى بار، شەكلى يۈرەكسىمان ياكى تۇخۇمسىمان. 3~7 غىچە تېيىز يېرىلغان، يوپۇرماق يۈزى يىرىك، گىرۋەكلىرى ھەرە چىشىسىمان بولىدۇ؛ گۈلى قىزىل، ئاق، سۆسۈن قاتارلىق رەڭلەردە بولۇپ، قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ؛ غوزا شەكىللىك، مېۋىسى يالپاق شار شەكلىدە بولۇپ، گۈل كاسسىسىغا يۆگىلىپ تۇرىدۇ.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى، يىلتىزى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلىنى ياز پەسىللىرى ئېچىلغان ۋاقتىدا يىغىۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ، ئۇرۇقىنى كۈز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ، سورۇپ، تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ يىلتىزىنى خالىغان ۋاقىتتا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ھۆل سوغۇق.

زەھەر قايتۇرۇش، يىرىڭلارنى چىقىرىش، چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

لەيلىگۈلدىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

لەيلىگۈلدىن تۆت گرام ئېلىپ، دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، يۇتقۇنچاققا بىرنەرسە تۇرۇپ قالغاندەك تۇيۇلىدىغان تۇيغۇنى يوقىتىدۇ. 35 گرام لەيلىگۈلنى سوقۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، تۆت گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاق خۇن كېلىش بىلەن تەڭ قورساق ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

100 گرام لەيلىگۈلنى سوقۇپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يوللىرىدا تاش پەيدا بولۇپ، سۈيدۈك راۋان بولماسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تىلماچ تور لۇغىتى 

http://tilmach.cn/Home/DictFormatted#download4

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    20%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    80%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#