ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ پارتىيە

ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ پارتىيە

ئامېرىكىدا ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، غەلىبە قىلغانلار ئاقساراينىڭ خوجايىنى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ مەمۇرىيەت ھوقۇقىنى ئىگىلەيدۇ. يۈزنەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ ئىككى پارتىيە سايلام ئارقىلىق نۆۋەتلىشىپ دۆلەت سوراپ كەلدى. 

ئۇيغۇرچە نامى ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ پارتىيە
خەنزۇچە نامى 美国两大党

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ پارتىيە19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى، ئامېرىكىنىڭ ھەجۋىي رەسىمچىسى ناسېت بىر ژۇرنالدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئامېرىكىنىڭ دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىككى پارچە ھەجۋىي رەسىم ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ بىرى، ئېشەك؛ يەنە بىرى، پىل. شۇنىڭدىن تارتىپ دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى زادىلا ياقتۇرمايدىغان ئۇزۇن قۇلاق ئېشەك بىلەن ئۇزۇن خارتۇملۇق پىلدىن بىزار بولماستىن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ پارتىيە بەلگىسى قىلىۋالغان. 

ئامېرىكىدا ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، غەلىبە قىلغانلار ئاقساراينىڭ خوجايىنى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ مەمۇرىيەت ھوقۇقىنى ئىگىلەيدۇ. يۈزنەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ ئىككى پارتىيە سايلام ئارقىلىق نۆۋەتلىشىپ دۆلەت سوراپ كەلدى. 

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پارتىيە گىربىجۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى 1854-يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ تەكتى دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن ئوخشاشلا دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى ئىدى، كېيىن بۆلۈنۈپ ئىككى پارتىيە بولغان. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مۇقىم سىياسىي پروگراممىسى يوق. پەقەت سايلام مەزگىلىدىكى سايلام رىقابەت پروگراممىسى بار، ئۇنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بىلەن دائىمىي كومىتېت بولۇپ، ئاساسەن زۇڭتۇڭ سايلىمىنى ئۈستىگە ئالغان. زۇڭتۇڭ سايلىمى ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلگەچكە، ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىمۇ تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەرقايسى شتاتلاردا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ شتاتلىق كومىتېتى بار، ئۇنىڭ ئاستىدا ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك، بازارلىق كومىتېتلار بار. بىراق يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ئوتتۇرىسىدا رەھبەرلىك مۇناسىۋىتى يوق. بۇ كومىتېتلارنىڭ ھەممىسى بېلەت تاشلىغۇچىلارنى ئۆزىگە تارتىپ سايلام ئېلىپ بارىدۇ. بۇ پارتىيىنىڭ مۇقىم پارتىيە ئەزاسى يوق، كىم ئۇنىڭغا بېلەت تاشلىسا، شۇنى ئۆزىنىڭ ئەزاسى دەپ قارايدۇ. ھېچقانداق رەسمىيەت بېجىرمەيدۇ، پارتىيە بەدەل پۇلىمۇ تاپشۇرمايدۇ. پارتىيە بەدەل پۇلىنى چوڭ كاپىتالىستلار تەمىنلەيدۇ. 

دېموكراتلار پارتىيىسى

دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ كونا ۋە يېڭى پارتىيە گېربىدېموكراتلار پارتىيىسى 1828-يىلى قۇرۇلغان. ئەسلىدىكى نامى دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى ئىدى. كېيىن بىر قىسمى بۆلۈنۈپ چىقىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنى قۇرغاندىن كېيىن، نامىنى دېموكراتلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ ھېچقانچە چوڭ پەرقى يوق. دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭمۇ پارتىيە پروگراممىسى يوق، پەقەت سايلام رىقابىتى ۋاقتىدىكى پروگراممىسىلا بار. ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ ئاساسلىق ئىشى سايلام رىقابىتىدە دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ پارتىيىگە قاتنىشىش ئۈچۈنمۇ ھېچقانداق رەسمىيەت كەتمەيدۇ، پارتىيە ئەزالىرىمۇ پارتىيىلىكىنى داۋاملىق ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ، بۈگۈن بۇ پارتىيىگە بېلەت تاشلاپ، بۇ پارتىيىگە ئەزا بولسا، ئەتە ئۇ پارتىيىگە بېلەت تاشلاپ، ئۇ پارتىيىنىڭ ئەزاسى بولۇۋېرىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#