تېرە كېسەللىكلىرى

تېرە كېسەللىكلىرى

تېرە كېسەللىرى مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكلىرى ، شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكلەر، پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكلىرى دەپ ئۈچ خىل بولىدۇ .

ئۇيغۇرچە ئىسمى تېرە كىسەللىكلىرى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 皮科

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تېرە كېسەللىكلىرىتېرە ئادەم بەدىنىدىكى تاشقى سېزىم ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ باشقا ئەزلار بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن بەدەن پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ، ئادەم بەدىنى بىلەن سىرتقى مۇھىتنىڭ نورمال تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ . ئۇنىڭ قوغداش ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ، ئاجرىتىپ چىقىرىش ، ئۆزلەشتۈ رۈش، سېزىش ، ماددا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق رولى بولۇپ خادىمىي ئەزا ھېسابلىنىدۇ . تېرە كېسەللىرى مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكلىرى ، شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكلەر، پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تىرە كېسەللىكلىرى دەپ ئۈچ خىل بولىدۇ .

1. مىزاج بۇزۈلۇش خاراكتېرلىك تىېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكلىرى - خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تىرە كېسەللىكلىرى ۋە خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تىرە كېسەللىكلىرى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ .

1) خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تېرە كېىىىەللىككرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تىرە كېسەللىكلىرى - خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق ، ھۆل ئىسسىق ، ھۆل سوغۇق ، قۇرۇق سوغۇقتىن بولغان تىرە كېسەللىكلىرى دەپ تۆت خىل بولىدۇ . ئادەتتە خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش كېسەللىكلىرىنى داۋلاشتا قۇرۇق ئىسسىق بىلەن ھۆل ئىسسىقنى ئىسسىقتىن بولغان ، ھۆل سوغۇق بىلەن قۇرۇق سوغۇقنى سوغۇقتىن بولغان دەپ قاراپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ . خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش كېسەللىكلىرىگە سەۋەبچى بولغۇچى ئامىل خىلىت بولمىغاچقا ، مۇنزىچ، مۇسھىل بېرىلمەيدۇ . بەلكى ىىىەۋەبچى بولغۇچى كەيپىياتقا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ .

 (1) خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق ، ھۆل ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى 

① تەڭشىگۈچى دورىلارنى بېرىش ھارارەت پەسەيتكۇچى ، تېرە خىزمىتىگە پايدىلىق بولغان ھۆل سوغۇق ، قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن - گاۋزىبان ، تەمرى ھىندى . مۇرەككەپ دورىلاردىن-جاۋارىش پەۋاكى، مەتبۇخى ھېلىلە، ئەينۇلا مۇرابباسى قاتارلىقلار. 

② يېمەك - ئىچمىكى ھارارەت پەسەيتىدىغان ھۆل سوغۇق ، قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك - ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، توخۇ گۆشى ، كوچا ئاش ، شويلا ، پالەك ، ئۇسۇڭ، قارىئۆرۈك، چىلان قاتارلىقلار. 

③باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ( سوغۇق سۇ ، مۇز) ، ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش ، ئۇخلىتىپ داۋالاش، پاشويە قىلىپ داۋالاش ، ئابىزەن قىلىپ داۋالاش ، ياغلاپ داۋالاش ( بادام يېغى) قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن مۇۋاپىقلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ . 

④ پەرھىز ھارارەتنى ئۆرلىتىۋېتىدىغان ، تېرىنىڭ نورمالسىز خىزمىتىگە زىيانلىق تەسىر يەتكۈزىدىغان قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئسىسىق تەبىئەتلىك دورا ۋە يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن - زەپەر، جەدۋار. مۇرەككەپ دورىلاردىن - مەجۇنى مۇبەھھى ، ھەببى قوقىيا . يېمەك - ئىچمەكلەردىن- قولان گۆشى ، كالا گۆشى ، گۆش گىردە ، سامسا ، مانتا ، تۇخۇم پوشكىلى، كۈدە ، سامساق ، ياڭاق قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسسىق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش ، كۆپ جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش ، كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك .

(2) خىلىتسىز ھۆل سوغۇق ، قۇرۇق سوغۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تىرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى 

① تەڭشىگۇچى دورىلارنى بېرىش تەبىئىي ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ، تېرىنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدىغان قۇرۇق ئىسسىق ، ھۆل ئسىسىق تەبىئەتلىك دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن- سىيادان ، جىنكىۋىزى . مۇرەككەپ دورلارددىن – مەجۈنى سوم، مۈجۈنى بەرەس قاتارلىقلار. 

②يېمەك - ئىچمىكى تەبىئىي ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان قۇرۇق ئىسسىق ، ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك - ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ ، مەسىلەن ، ئوغلاق گۆشى ، كېيىك گۆشى ، ئۈگرە ، پەرمۇدە ، شورپا ، سامساق، پىياز، چامغۇر، خورما، ئەنجۈر قاتارلىقلار. 

③ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ھەرىكەت قىلدۇرۇپ داۋالاش ، ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش (قايناق سۇ ) ، ھورداش ئارقىلىق داۋالاش ، قۇم بىلەن داۋالاش ، نۇر بىلەن داۋالاش (كۈن نۇرى بىلەن) ، ئارىشاڭغا چۈشۈرۈپ داۋالاش ، ئىسلاپ داۋالاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن مۇۋاپىقلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ . 

④پەرھىز ھارارەتنى تۆۋەنلىتىدىغان ، تېرە خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى سوغۇق تەبىئەتلىك دورا ۋە يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن – زىخ، لىمون. مۇرەككەپ دورلاردىن - قۇرسى كافۇر، زىخ شەربىتى . يېمەك - ئىچمەكلەردىن - بېلىق ، لەڭپۇڭ ، قېتىق ، شويلا ، يۇمغاقسۇت ، تەرخەمەك ، تاۋۇز، شاپتۇل . ئۇنىڭدىن باشقا سوغۇق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش ، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش ، سوغۇق سۇ ئىچىش، كۆپ ئۇخلاشتىن غىدىقلىغۇچى ، يەل پەيدا قىلغۇچى يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ .

 2) خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تىرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۈللىرى خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تىرە كېسەللىكلىرى - غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى ، غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتى ، غەيرىي تەبىئىي . بەلغەم خىلىتى، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان تىرە كېسەللىكلىرى دەپ تۆت خىل بولىدۇ . بۇ خىل مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكلىردە سەۋەبچى بولغۇچى ئامىل خىلىت بولغاچقا ، قان خىلىتىدىن باشقا خىلىتلارغا قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي خىلىتتىن كېلىپ چىققان بولسا ، شۇ خىل خىلىتنىڭ مۇنزىچ ، مۇسھىلى بېرىلىدۇ . قان خىلىتىدىن بولغان تىرە كېسەللىكلىرىگە قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتى بۇ خىل كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا ، شۇ خىل خىلىت ئۆزگىرىشىگە قارىتا تەڭشىگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ . بەدەندە تەڭشەش ۋە تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ .

(1) غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تىرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى 

①مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىش قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا ، شۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىلىپ ، بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ . 

② قۇۋۋەتلىگۇچى دورىلارنى بېرىش تەنقىيەدىن كېيىن ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، ماددەتۇلھايات ، ئىترىفىل كەبىر، جاۋارىش جالىنۇس ، جاۋارىش ئامىلە ، ئامىلە نۇشدارى 

③ يېمەك - ئىچمىكى ھارارەت پەسەيتىدىغان ، سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك - ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، بېلىق ، توخۇ گۆشى ، شويلا، ئارپا ئېشى ، پالەك ، تەرخەمەك ، شاپتۇل، تاۋۇز قاتارلىقلار. 

④ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ( سوغۇق سۇ ، مۇز) ، ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش ، ئۇخلىتىپ داۋالاش ، زىماد چېپىپ داۋالاش ( ھۆل كاسىنە ، ئاق لەيلىگۈلى ) ، ياغلاپ داۋالاش ( بىنەپشە يېغى ، گۈل يبغى) قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن مۇۋاپىقلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ . 

⑤ پەرھىز بەدەندە ھارارەت پەيدا قىلىدىغان ، تېرە خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى دورا ۋە يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن - جەدۋار، سامساق . مۇرەككەپ دورىلاردىن - ھەببى قوقىيا ، ئايارەج پەيقىرا . يبمەك - ئىچمەكلە ردىن - قوتاز گۆشى ، تۆگە گۆشى ، سامسا ، مانتا ، كۈدە ، لازا ، سۇڭپىياز قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسسىق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش ، كۆپ ھەرىكەت قىلىش، زىيادە جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك .

(2) غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتىدىن بولغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تىرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى . 

① تەڭشىگۈچى دورىلارنى بېرىش قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا ، شۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىتنىڭ تەڭشىگۈچى دورىلىرىنى بېرىپ بەدەن تەڭشەش ئېلىپ ببرىلىدۇ . 

② قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش بەدەندە تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۇچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ. مەسىلەن، ماددەتۇلھايات، ئامىلە نۇشدارى، ئىترىفىل كەبر، جاۋارىش ئامىلە قاتارلىقلار. 

③ يېمەك - ئىچمىكى ھارارەت پەسەيتىدىغان سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك - ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، توخۇ گۆشى، كوچا ئاش ، ئارپا ئېشى ، پالەك ، يۇمغاقسۈت ، ئالقات، قارىئۆرۈك قاتارلىقلار. 

④ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ( سوغۇق سۇ ، مۇز) ، ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش ، قان ئېلىپ داۋالاش، لوڭقا قويۇپ داۋالاش ، پاشويە قىلىپ داۋالاش، ئابىزەن قىلىپ داۋالاش ، ياغلاپ داۋالاش ( گۈل يېغى) قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن مۇۋاپىقلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ . 

⑤پەرھىز تېرە خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ھارارەت پەيدا قىلىدىغان ، غىدىقلىغۇچى،يەل پەيدا قىلغۇچى يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن - بالادۇر، ئىلمەك پوستى . مۇرەككەپ دورىلاردىن - مەجۈنى ئازاراقى ، ھەببى ئېگىر، مەجۇنى جىنتىيانا . يېمەك- ئىچمەكلەردىن - كالا گۆشى ، تۆگە گۆشى ، گۆش گىردە ، سامسا ، مانتا ، تۇخۇم پوشكىلى ، پولۇ ، پىدىگەن، قىزىلچا، ئۈزۈم، ياڭاق قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا ھۆل - يېغىنلىق مۇھىتتا ياكى بەك ئىسسىق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشتىن ، كۆپ ئۇخلاش ياكى كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك .

 (3) غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن بولغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تىرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

 ① مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىش قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا ، شۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىتنىڭ مۇنزىچ ، مۇسھىلىغا تېرە خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى قۇرۇق ئسىسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى قوشۇپ بېرىپ ، بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ . مەسىلەن ، سىيادان ، ئادىراسمان ئۇرۇقى ، جىنكېۋىزى . 

②قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش بەدەننى تەنقىيە قىلىپ بولغاندىن كىين ئۇمۇمىي بەدەننى كۈچلاندۇرۇش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ . مەسىلەن ، ماددەتۇلھايات ، ئىترىفىل كەبىر، داۋائىلمىشكى ، جاۋارىش ئامىلە ، ئامىلە نۇشدارىش . 

③ يېمەك - ئىچمىكى تەبىئىي ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرگۈچى ، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك - ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ ، مەسىلەن، ئوغلاق گۆشى، پاقلان گۆشى، پەرمۇدە، شورپا، ئۈگرە،چامغۇر، سامساق، ياڭاق، ئۈزۈم قاتارلىق. 

④باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش (قايناق سۇ) ، ھەرىكەت قىلدۇرۇپ داۋالاش ، قۇم بىلەن داۋالاش ، ھورداپ داۋالاش، نۇر بىلەن داۋالاش (لازىر نۇر، كۇن نۇرى) ، داغلاپ داۋالاش ، ئىسلاش ئارقىلىق داۋالاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن مۇۋاپىقلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ . 

⑤ پەرھىز تېرە خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ، غىدىقلىغۇچى ، يەل پەيدا قىلغۇچى تەبىئىي ھارارەتنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغان دورا ۋە يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن – مىنتول، لىمون. مۇرەككەپ دورىلاردىن- قۇرسى كافۇر، زىخ شەربىتى . يېمەك - ئىچمەكلەردىن - بېلىق ، قېتىق ، لەڭپۇڭ ، شويلا، يۇمغاقسۈت ، ئوسۇڭ ، تاۋۇز، شاپتۇل قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا ، سوغۇق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش ، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش، سوغۇق سۇنى كۆپ ئىچىش، كۆپ ئۇخلاش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك .

(4) غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تىرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى .

 ① مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىش قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا ، شۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىتنىڭ مۇنزىچ ، مۇسھىلىغا تېرە خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلارنى قوشۇپ بېرىپ ،بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ . مەسىلەن، بابۇنە، بەرەنجاسىب ، گۈلقەنت قاتارلىقلار. 

② قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، ماددەتۇلھايات ، ئىترىفىل كەبىر، جاۋارىش جالىنوس، ئامىلە نۇشدارى، جاۋارىش ئامىلە قاتارلىقلار. 

③ يېمەك - ئىچمىكى تەبىئىي ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك - ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، پاقلان گۆشى، كېيىك گۆشى، شورپا ، پەرمۇ دە ، بېدە ، قىزىلچا ، ئۈزۈم ، ئەنجۈ ر، بادام مېغىزى قاتارلىقلار. 

④ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش (قايناق سۇ) ، ھەرىكەت قىلدۇرۇپ داۋالاش، ئۇخلىتىپ داۋالاش ، ئارىشاڭغا چۇشۈرۈپ داۋالاش، ھورداش ئارقىلىق داۋالاش ، داغلاپ داۋالاش، ياغلاپ داۋالاش ( گۈل يېغى) ، ئابىزەن قىلىپ داۋالاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن مۇۋاپىقلىرى تاللاپ قو للىنىلىدۇ . 

⑤ پەرھىز تېرە خىزمىتىگە زىيانلىق تەسىر يەتكۈزىدىغان ، بەدەن ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىۋتىدىغان ، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى دورا ۋە يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . مەسىلەن يەككە دورىلاردىن - بىنەپشە ، تەمرى ھىندى . مۇرەككەپ دورىلاردىن - قۇرسى كافۇر، جاۋارىش ئۇدتۇرۇش . يېمەك - ئىچمەكلەردىن - كالا گۆشى ، شويلا، تۇرۇپ ، پالەك ، تەرخەمەك ، ئەينۇلا ، قارىئۆرۈك قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا سوغۇق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش ، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش ، كۆپ ھەرىكەت قىلىش ، كۆپ ئۇخلاشتىن ساقلىنىش لازم .

2. شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تىرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تىرە كېسەللىكلىرىدە ، تېرىنىڭ فىزىئولوگىيلىك خىزمىتى ۋە ئاناتومىيىلىك تۈزۈلۈشىنىڭ غەيرىي نورمال ھالەتكە كىرىپ قېلىشىغا قارىتىلغان بولۇپ ، بۇ خل شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر كۆپىنچە مىزاج بۇزۇلاش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ئېغىرلاشقان باسقۇچى . شۇڭا بۇ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئەھۋالغا قاراپ قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي خىلىتتىن كېلىپ چىققان بولسا ، شۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىتنىڭ مۇنزىج ، مۇسھىلىنى بېرىپ ، بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاساسىي داۋالىغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ .

1) مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىش قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي خىلىتتىن كېلىپ چىققان بولسا ، خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇشتا سۆزلەنگەن شۇ خىل خىلىتنىڭ مۇنزىچ ، مۇسھىلى ۋە تەڭشىگۈچى دورىلىرىغا كېسەللىك خاراكتېرىگە قاراپ مۇناسىپ دورىلارنى قوشۇپ بېرىپ، بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ . مەسىلەن ، ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، شوخلا ، ئۆشبە قاتارلىقلار. جاراھەتلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا قان تازىلىغۇچى دورىلار قوشۇپ بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، ئۆشبە ، چۆبچىن ، شاھتەررە قاتارلىقلار.

2) ئاساسىي داۋالىغۇچى دورىلارنى بېرىش بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ مەخسۇس داۋالىغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ .

(1) ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا، ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ . مەسىلەن ، ئەرقى شوخلا، مەجۇنى ئۆشبە ، ئىترىفىل چۆبچىن قاتارلىقلار.

(2) تۈگۇنچە خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ئىچىدىن ماددىنى يۇمشاتقۇچى ، تارقاتقۇچى تارقاتقۇچى دورىلارنى بېرىش بىلەن بىرگە سىرتىدىن كۆيدۈرگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، ئىچىدىن – قۇرسى شاھتەررە، مەجۈنى چۆبچىن . سىرتىدىن- بىنەپشە يېغى ، گۈل يېغى قاتارلىقلار.

(3) تېرىدىكى رەڭ ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ، ئەگەر تېرىدە ئاقىرىش بولسا قاننى جانلاندۇرغۇچى ، تېرىگە رەڭ پەيدا قىلغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، مەجۈنى بەرھىس، مەجۈنى سوم ، شەربىتى بەرەس، سىيادان ئوكۇلى . سىرتىدىن تۇخۇم يېغى قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ . ئەگە ر تېرىدە رەڭ ئولتۇرۇش خاراكتېرلىك داغلار بولسا ، ئىچىدىن ماددىنى تارقاتقۇچى دورىلار بىلەن بىرگە سىرتىدىن داش يوقاتقۇچى دورىلار بېرىلىدۇ. مەسىلەن ، ئىچىدىن - ئىترىفىل ئۈستقۇد دۇس ، مەتبۇخى مائۇلجەبىن . سىرتىدىن - مەلھىمى داخلىيون ئىشلىتىلىدۇ .

(4) ھەر خىل جاراھەت خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ، قان تازىلىغۇچى ، جاراھەت پۈتتۈ رگۈچى دورىلار ئىچى سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ . مەسىلەن ، ئىترىفىل شاھتەررە ، مەجۈنى ئۆشبە ، ئىترىفىل چۆبچىن . سىرتىدىن - سۇفۇپى ىىىەنگى جاراھەت ئىشلىتىلىدۇ .

 (5) توسۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ، توساغۇلارنى ئاچقۇچى دورىلار بېرىلىدۇ. مەسىلەن، ئەرقى بەدىيا ، ئىترىفىل ئەپتىمۇن قاتارلىقلار.

3) يېمەك - ئىچمىكى ئاسان ھەزىم بولىدىغان سۇيۇق - سەلەڭ ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەك- بېرىلىدۇ . مەسىلەن، باچكا گۆشى ، كەكلىك گۆشى ، شورپا ، ئارپا ئېشى ، شويلا، چامغۇر، سەۋزە ، پالەك ، ئوسۇڭ ، ئەنجۇر، ئۈزۈم، ياڭاق ، بادام مېغىزى قاتارلىقلار بېرىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇشتا سۆزلەنگەن يېمەك - ئىچمەكلەر تاللاپ ئسىتېمال قىلدۇرۇلىدۇ .

 4) باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش (قايناق سۇ ) ، ھەرىكەت قىلدۇرۇپ داۋالاش ، ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش ، نۇر ئاررقىلىق داۋالاش (لازىر نۇر، كۈن نۇرى) ، ياغلاپ داۋالاش ( تۇخۇم يېغى ، سىيادان يېغى) ، زىماد چېپىپ داۋالاش ( زىمادى بەرەس زىھادى رەھىمى) ، قان ئېلىپ داۋالاش، لوڭقا قويۇپ داۋالاش، داغلاپ داۋالاش، ئىسلاپ داۋالاش ، دورا پۈركۈپ داۋالاش ، ھورداش ئارقىلىق داۋالاش ، ئارىشاڭ بىلەن داۋالاش، قۇم بىلەن داۋالاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ قوللىنىلىدۇ.

 5) پەرھىز كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى ، تەستە ھەزىم بولىدىغان ، تېرە خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان دورا ۋە يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇشنىڭ پەرھىزىدىكى دورىلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . يېمەك ئىچمەكلەردىن- كالا گۆشى ، مانتا ، سامسا ، لازا ، كۈدە ، سۇڭپىياز. قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ .

6) ئاخىرىدا ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، ماددەتۇلھايات ، ئىترىفىل كەبىر، جاۋارىش ئەنبەر، ئامىلە نۇشدارى ، جاۋارىش ئامىلە .

3. پۇتۈنلۇك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك تىرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى . تېرىنىڭ فىزىئولوگىيلىك خىزمىتى ۋە ئاناتومىيىلىك پۈتۈنلۇكىنىڭ بۇزۇلۇشىغا قارىتىلغان بولۇپ ، تېرىدىكى پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر كۆپىنچە شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ تەرەققىياتىدىن پەيدا بولغان باسقۇچى بولۇپ ، بۇنداق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىچىدىن قان تازىلىغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە ، سرتىدىن جاراھەت پۈتتۈرگۈچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ . مەسىلەن ، ئىچىدىن- مەجۈنى ئۆشبە ، ئىترىفىل شاھتەررە، ئىترىفىل چۆچىن، ئەرقى شاھتەررە ، ئەرقى شوخلا . سىرتىدىن - گۈل يېغى، مەلھىمى سەنگى ، جاراھەت قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا سىرتقى تەرەپتىن تەگكەن زەربە تۈپەيلى تېرە زەخىملەنگەن بولسا، يەڭگىل بولسا مۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن تېڭىپ قويسا ساقىيىدۇ . ئېغىر بولسا، ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك . ئاخىرىدا ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ . مەسىلەن ، ماددەتۇلھايات ، ئىترىفىل كەبىر، ئىترىفىل زامانى، ئامىلە نۇشدارى ، جاۋارىش ئامىلە قاتارلىقلار. ئوزۇقلاندۇرۇش پەرھىزىدە خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش ۋە شەكىل بۇزۇلۇش كېسەللىكلىرىدىكى كۆرسەتمىلەر بويىچە مۇۋاپىق ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە پەرھىز بۇيرۇش كېرەك . باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن شەكىل بۇزۇلۇش كېسەللىكلىرىدە سۆزلەنگەن ئۇسۇللاردىن مۇۋاپىقلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1143

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#