SWOT ئانالىزى

SWOT ئانالىزى دېگەن نېمە

SWOT ئانالىزىدىكى SWOT خېتى ئېنگلىزچىدىكى Strengths (كۈچلۈكلۈك)، weaknesses (ئاجىزلىق)،opportunities  (پۇرسەت)، threats (تەھدىت) قاتارلىق تۆت سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى، قۇرۇلمىلىق پىلانلاش مېتودى بولۇپ، بۇ ئانالىز مېتودى مەلۇم تۈر ياكى سودىنى مۇشۇ تۆت ئېلېمېنت بويىچە مۆلچەرلاش ياكى باھالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

نامى SWOT ئانالىزى
چەتئەلچە نامى Strengths Weaknesses Opportunities Threats
خەنزۇچە نامى 态势分析法
باشقا نامى 优劣势分析法,态势分析法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

SWOT ئانالىزى مەلۇم شىركەت، مەھسۇلات، سانائەت ياكى شەخس ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بولىدۇ. يەنى بۇ ئانالىز مەلۇم تۈرنى ياكى مەبلەغ سېلىش ۋە ياكى سودىنىڭ نىشانىغا يېتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنى، يەنى ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىكى پايدىلىق ياكى پايدىسىز ئامىللارنى ئېنىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. 

ئىچكى ئامىللار 

Strengths (كۈچلۈكلۈك)-تۈرنىڭ ياكى سودىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ياكى ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئىچكى جەھەتتىن ئاكتىپ تەسىرى بولىدىغان ئامىللار.

weaknesses (ئاجىزلىق) -تۈرنىڭ ياكى سودىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ياكى ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئىچكى جەھەتتىن پاسسىپ ياكى مەنپىىي تەسىرى بولىدىغان ئامىللار.

تاشقى ئامىللار

opportunities (پۇرسەت)-ساھەدىكى تۈرنىڭ ياكى سودىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ياكى ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇشقا ياردىمى بولىدىغان ئامىللار.

threats (تەھدىت)-ساھەدىكى تۈرنىڭ ياكى سودىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ياكى ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئاۋارىچىلىق ياكى قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىغان ئامىللار.

SWOT ئانالىزى بىزنى يۇقىرىدىكى تۆت ئامىلنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، بىزنىڭ قىلماقچى بولغان تۈرىمىزنىڭ ياكى سودىمىزنىڭ ۋە ياكى تىجارىتىمىزنىڭ يەتكىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.

SWOT ئانالىزىنى ئىشلەتكۈچى چوقۇم مۇشۇ تۆت كاتېگورىيە ئۈچۈن مۇۋاپىق سوئاللارنى سورىشى ۋە شۇ ئارقىلىق ئىشلەتكىلى بولىدىغان ۋە ئىشقا يارايدىغان جاۋابقا ئېرىشىشى كېرەك. شۇندىلا قىلغان ئانالىزنىڭ نەتىجىسى كارغا يارىغۇدەك بولىدۇ ھەم شۇ تۈرنىڭ ياكى مەھسۇلاتنىڭ ۋە ياكى سودىنىڭ (رىقابەت ئۈستۈنلىكى) نى بايقاپ چىققىلى بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#