قولداما

قولداما  ئاق ئۇن ، زەنجىۋىل سۈيى، گۆش، كاۋاۋىچىن سۈيى ، سۇ يېغى، ئاچچىقسۇ ، سامساق، پۇرچاق ئۇنى، پەمىدۇر، پىششىق ياغ ، كۆك لازا، تۇز ، سەۋزە ، سۇڭپىياز قاتارلىقلارنى ماتېرىيال قىلىپ ئېتىلىدىغان ئائىلە تامىقى، تەملىك ،يىيىشلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاسالىق ماتېرىياللارئاق ئۇن بىر كىلوگرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، گۆش 200 گرام، كاۋاۋىچىن سۈيى ئازراق، سۇ يېغى 140 گرام، ئاچچىقسۇ ئازراق، سامساق ئىككى باش، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، پەمىدۇر ئىككى تال، پىششىق ياغ ئازراق، كۆك لازا ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سەۋزە ئىككى تال، سۇڭپىياز بىر تال.

1.خېمىرنى قاتتىق يۇغۇرۇپ، ئۇزۇنچاق پىلتە قىلىپ، ئاندىن پىلتىنى ياپىلاق لەڭمەننىڭكىدەك تەييارلاپ، قاقتەك چوڭلۇقتا كېسىپ، ھەربىر تال ئاشنى بارماق بىلەن يىمىرىپ، ئۈچكىسىدىن ئاجراتقان قاقنىڭ يېرىمىغا ئوخشاش قىلىدۇ. ئاندىن قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ بەش مىنۇت قاينىتىپ، سۈزۈپ ئېلىپ سوغۇق سۇدا چايقاپ تەييارلىنىدۇ.

2. گۆش، سەيلىرى قوناقتەك چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. سەيلىرى قورۇما لەڭمەننىڭكىدەك قورۇلىدۇ. پەقەت جاڭدۇنىڭ ئورنىغا قوناقتەك توغرالغان سەۋزە سېلىنىدۇ.

3. سەيگە ئاشنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئۈستىدىن پىششىق ياغنى سېپىپ ئېلىنىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#