قۇلانساراق يېزىسى

قۇلانساراق يېزىسى

قۇلانساراق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقچى ناھىيەسىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى قۇلانساراق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 1594 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 库兰萨日克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئاقچى ناھىيەسى
نوپۇسى 3200 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇلانساراق يېزىسى قۇلانساراق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقچى ناھىيەسىگە جايلاشقان. 500 دىن ئارتۇق ئائىلە،3200 دىن ئارتۇق نوپۇس بار. پۈتۈن يېزىغا قاراشلىق رايونلارنىڭ كۆلىمى 1594 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، چېگرا لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 54 كىلومېتىر، خەنزۇ، قىرغىز، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەتتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان، قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ.

قۇلانساراق يېزىسى قۇلانساراق يېزىسى قارىمىقىدا ئۈچ كەنت ئاھالە كومىتېتى بار: جىلدىز كەنتى، بەدەل كەنتى، ئاقتېكتىر كەنتى.

قۇلانساراق يېزىسىئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئاق سامساق، تاۋۇز، كېۋەز، ئۆي توخۇسى، ياڭاق، ئۆرۈك قاتارلىقلار.

قۇلانساراق يېزىسىيېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 2006-يىلى قۇلانساراق يېزىسى 3 مىڭ مو يۇقىرى يەم-خەشەك بازىسى بارپا قىلىپ، چارۋا ئوتلاق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى پىلانلاپ، چارۋىچىلىقىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغان؛ «شىنجاڭ ئاق سامسىقى» ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، قۇلانساراق يېزىسى 200 مودىن ئارتۇق «شىنجاڭ ئاق سامسىقى» تېرىشقا كىرىشكەن،ھەر موسىغا 400 يۈەندىن قوشۇمچە ياردەم بېرىلگەن، جەمئىي80 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ قولىغا تولۇق تارقىتىلغان، دېھقانلار بىلەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت« شىنجاڭ ئاق سامسىقى» زاكاز توختامى ئىمزالىغان. 

تاشيولغا تايىنىپ بازارنى تەرەققىي قىلدۇرغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، قۇلانساراق يېزىسى تاشيول بىلەن قاپلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەممە كەنتكە تاش يول يەتكۈزۈلگەن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قۇرغان. ھازىر 15 نەپەر دېھقان-چارۋىچى توشۇش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ يۈك توشۇشنى باشلىغان، ئۆزى پۇل تېپىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان «شىنجاڭ ئاق سامسىقى»، ئۆي توخۇسى، تاۋۇز، ياڭاق، ئۆي ھايۋانلىرى، ئۆرۈك قاتارلىق مەھسۇلاتلار بايلىققا ئايلانغان، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق قىرغىز چارۋىچىلارنىڭ «سودا قىلىش نومۇس» دېگەن ئىدىيەۋى قارىشى تەدرىجىي ئۆزگەرگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#