كۇنمىڭ ديەنچى كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

كۇنمىڭ ديەنچى كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

كۇنمىڭ ديەنچى كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدە. ديەنچى كۆلى ديەنجۇڭ ئېگىزلىكىدىكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆل، سۇ يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 1800 نەچچە مېتىر ئېگىز، كۆلىمى 300 كۋادرات كىلومېتىرچە كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى كۇنمىڭ ديەنچى كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
دۆلىتى جۇڭگو
كېلىماتى ئېگىزلىك سۇبتروپىك بەلباغ موسسونلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە نامى 昆明滇池国家旅游度假区
تەۋە رايون كۈنمىڭ يۈننەن
جۇغراپىيەلىك ئورنى كۈنمىڭ غەربىي جەنۇبى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۇنمىڭ ديەنچى كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونىكۇنمىڭ ديەنچى كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدە. ديەنچى كۆلى ديەنجۇڭ ئېگىزلىكىدىكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆل، سۇ يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 1800 نەچچە مېتىر ئېگىز، كۆلىمى 300 كۋادرات كىلومېتىرچە كېلىدۇ. شىشەن تېغى ديەنجۇڭدىكى مەشھۇر تاغ بولۇپ، ئۇنىڭ «ئۇخلاۋاتقان ساھىبجامال» دېگەن نامى بار، تاغقا چىقىپ كۆلنى سەيلە قىلغاندا، «500چاقىرىملىق ديەنچى كۆلى كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولدى» دېيىلگەندەك، كىشىنىڭ روھىي كەيپىياتى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. تاغدا بۈك-باراقسان دەل-دەرەخلەر، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى خۇاتىڭ شىپاڭى، تەيخۇاشى بۇتخانىسى قاتارلىق قۇرۇلۇش توپى، تىك قىيالار ئۈستىدە سەنچىڭگې شىپاڭى قاتارلىق قۇرۇلۇش توپى بار. غەربىي قىرغىقىدا داگۇەن راۋىقى، خەيگېڭ، شىيۇەن، ساۋشى ساڭراملىرى ھەمدە شەھەرنىڭ غەربىي شىمالىدا چيۇڭجۇ ئىبادەتخانىسى قاتارلىق نۇقتىلىق مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى بار.

 شەرقىي قىرغىقى ديەن مەدەنىيىتى پەيدا بولغان جاي بولۇپ، چېڭگۇڭدىكى لۇڭتەنشەن تېغىدا كونا تاش قوراللار دەۋرىگە ئائىت خارابە، شىسەيشەن تېغىدا يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە ئائىت خارابە، تيەنزى ئىبادەتخانىسى، يېغىلىق دەۋرىدىكى «ديەن قەبرىسى» ، جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەدىمىي بازار قاتارلىقلار بار.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/2097334.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#