ئۇيغۇر 12 مۇقامى

«مۇقام» سۆزى ئېتىمولوگىيىلىك جەھەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر كۈسەن-تۇخار تىلىدىكى «مەقەۋمە» -maka-yame سۆزىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى بولۇپ، «چوڭ نەغمە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ «ئورۇن» ، «دەرىجە» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئەرەبچە «مەقام» سۆزى بىلەن ئاھاڭداش بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىغا «مۇقام» بولۇپ ئۆزلەشكەن ۋە چوڭ ھەجىمدىكى يۈرۈشلەشكەن ناخشا-ئۇسسۇللۇق مۇزىكا چۈشەنچىسىنى بېرىدىغان خاس ئىسىمغا ئايلىنىپ كەتكەن.

ئۇيغۇرچە نامى ئون ئىككى مۇقام
نوتىغا ئېلىنغان ۋاقتى 1956-يىلى
خەنزۇچە نامى 十二木卡姆

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىگە قوشقان زور  تۆھپىسى  ،  ئۇنىڭدا  مۇزىكا  ،  ئەدەبىيات ، ئۇسسۇل ،  تىياتىر قاتارلىق تۈرلۈك تىل ۋە  گۈزەل سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ  گۈزەل تۇرمۇشى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتىنى  ئىپادىلەنگەن ،  ئۇلارنىڭ غايىسى ۋە ئىنتىلىش  ، شۇنىڭدەك شۇ چاغدىكى تارىخىي شارائىتتا پەيدا بولغان ، قايغۇ ۋە خاتىرجەملىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن . ئۇ ئەنئەنىۋى مۇزىكا ، چېلىنىدىغان مۇزىكا ، ئەدەبىيات - سەنئەت ، دراما ، ئۇسسۇل  قاتارلىقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ، لىرىك ۋە ئېپىك خاراكتېرى بىرلەشكەن  ئالاھىدىلىكىگە ئىگە .  بۇ خىل مۇزىكا شەكلى  دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ - سەنئەت تارىخىدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ شەكىللەنگەن  .

مۇقام  ئۇزاق تارىخقا ئىگە ، ئارقا كۆرۈنۈش كەڭ ۋە چوڭقۇر ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي دەۋر بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلغان  .  ئۇيغۇرلار  تەۋە كاتېگورىيىدە قەبىلە كۆپ ،  زېمىنى كەڭ  بولغانلىقتىن ،  مۇزىكا مەدەنىيىتىمۇ ،كۆپ قاتلاملىق ۋە كۆپ مەنبەلىك   ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولسىمۇ ، لېكىن ئون ئىككى مۇقام ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىلەن   باشقا مىللىي مۇزىكىلاردىن پەرقلىنىدۇ .  ئون ئىككى مۇقامىنىڭ مەنبەسى  ، دەۋر ۋە جايلار ئامىلى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئاساسلىق ئىككى نۇقتا بار ، بىرىنچىدىن ،  ئەنئەنىۋى مۇزىكا ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان يۈرۈشلۈك مۇزىكا ۋە ناخشا ؛  ئىككىنچىدىن ، يەرلىك مۇزىكا ، يەنى كۇچا ، قەشقەر ، تۇرپان ، قۇمۇل ۋە خوتەن مۇزىكا ۋە دولان مۇزىكا .  بۇنىڭدا دەۋر ۋە جايلار ئامىللىرى ئارىلىشىپ  سىڭىپ كەتكەن ،ھەمدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ، مىللىي ئالاھىدىلىكى ، ئەخلاق قارىشى ۋە ئۇنىڭ روھىي جەھەتتە مىللىي كۈي شەكلى ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن  .

1. راك مۇقامى 23 نەغمە 205 مىسرا 

2.  چەبىيات مۇقامى 23 نەغمە 251 مىسرا

3.  مۇشاۋىرەك مۇقامى 31 نەغمە 363 مىسرا

4.  چارىگاھ مۇقامى 18 نەغمە 212 مىسرا

5.  پەنجىگاھ مۇقامى 25 نەغمە 240 مىسرا

6.  ئۇزھال مۇقامى 29 نەغمە 224 مىسرا

7.  ئەجەم مۇقامى 17 نەغمە 143 مىسرا 

8 . ئوشاق مۇقامى 23 نەغمە 286 مىسرا

9 . بايات مۇقامى 19 نەغمە 119 مىسرا

10.  ناۋا مۇقامى 20 نەغمە 119 مىسرا 

11.  سىگاھ مۇقامى 6 نەغمە 72 مىسرا 

12 . ئىراق مۇقامى 8 نەغمە 102 مىسرا

جەمئىي «ئون ئىككى مۇقام» ، ئىككى يۈز قىرىق ئىككى نەغمە(مۇزىكا) ، ئىككى مىڭ تۆت يۈز يەتمىش مىسرا، بۇنىڭغا «ئەبۇچەشمە» مۇقامىدىكى ئون ئۈچ نەغمە، ئىككى يۈز ئوتتۇز ئىككى مىسرانى قوشقاندا، تۇرداخۇن ئاكىنىڭ ساقلاپ قالغىنى ئىككى يۈز ئەللىك بەش نەغمە، ئىككى مىڭ يەتتە يۈز ئىككى مۇزىكىلىق مىسرا بولىدۇ.

لېكىن، «ئون ئىككى مۇقام» باشتىن-ئاياغ بىردەك ئون ئىككى بىلەن چەكلەنگەنمۇ ئەمەس. مۇقام ئۆز تارىخىدا كۆپ قېتىم كېمىيىش، كۆپىيىش، قوشۇلۇپ ئىخچاملىنىش، ئوخشاشمىغان يەرلىك ۋارىيانتلارنى پەيدا قىلىش تارىخىنى بېشىدىن كەچۈرگەن.

«ئون ئىككى مۇقام» دا ناخشا-مۇزىكا شەكلى بىلەن ئىنسانىي مۇھەببەت، گۈزەل ئارزۇ-تىلەكلەر، كىشىلىك ھاياتتىكى شاد-خۇراملىق، ھەسرەت-نادامەت، جۇدالىق، بىرلىك-ئىناقلىق، كۆڭۈل ئازادىلىك، مۇڭ-پىغان، غەزەپ-نەپرەت، زۇلۇم-كۈلپەت قاتارلىق ئۆتمۈشنىڭ تۇرمۇش مەنزىرىلىرى بايان قىلىنغان.

قىسقىسى، «ئون ئىككى مۇقام» ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىكى مۇقەددەس سەنئەت «ئىلاھى» سۈپىتىدە كىشىلەرگە مەنىۋى قۇۋۋەت ۋە ئېستېتىك زوق بەخش ئېتىپ كەلگەن. تىل بىلەن ئىزھار قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يۈرەك تارىلىرىمىزنى تىترىتىپ، پسىخىك ھالىتىمىز بىلەن ئورگانىك ھالدا بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن. «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ مۇزىكىلىق سېزىمىگە ھەقىقىي ھالدا مەپتۇن بولغۇچى «ساتارنىڭ تارىسىغا جان رىشتىسىدىن تار ئېشىپ» چېلىشنى ۋە ئۇنىڭ ساداسىدىن «بىراۋانىڭ كۆڭلىنى ئېلىش» نى تەلەپ قىلغۇچىلار، شۈبھسىزكى، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ھەقداسى-ئۇيغۇر خەلقىدۇر. (ئا)

  ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ئۇنىڭ تۈپتىن بىر - بىرىدىن پەرىقلىنىدىغان  مىلودىيىسى ، مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسى ، ئۆزگىچەكۈي شەكلى ، ئاھاڭ شىۋىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئاۋاز تىزىسىدىن قارىغاندا ، ئۇنى چوڭبەش تۈرگە بۆلۈش مۇۋاپىق:

 

بىرىنچى تۈرى : ئۇيغۇرخەلق كىلاسسىك مۇزىكا قامۇسى -- ئون ئىككى مۇقام

ئىككىنچى تۈرى :ئالاھىدە تۈسكە ئىگە يەرلىك مۇقام -- قۇمۇل مەشرەپ مۇقامى

ئۈچىنچى تۈرى : ئالاھىدەتۈسكە ئىگە يەرلىك مۇقام -- دولان مەشرەپ مۇقامى

تۆتىنچى تۈرى : ئالاھىدەتۈسكە ئىگە يەرلىك مۇقام -- تۇرپان مەشرەپ مۇقامى

بەشىنچى تۈرى : ئالاھىدەتۈسكە ئىگە يەرلىك مۇقام -- كۇچا چوڭ نەغمىلىرى

 

تۆۋەندە بىز ئون ئىككىمۇقام بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

 

1 . راك مۇقامى

24 نەغمە

چوو نەغمىسى 13 ،داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 3

 

راك -- بۇ ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ بىرىنچىسىنىڭ نامى . ئۇ ئەسلىدە سانسىىكرىتچە سۆز بولۇپ ، ئۇنىڭ مەنىسى  ئاھاڭ  ،  كۈي دېگەندىن ئىبارەت . بۇ سۆزھازىرمۇ سېرىلانكىلىق بۇددىستلارنىڭ تىلىدا  كۈي  ،  ئاھاڭ  دېگەن مەنىنىئىپادىلەيدىكەن.

بۇ ئاتالغۇنىڭ تىلىمىزگەسىڭىپ كىرىشى ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك كۈيلىرىنىڭ نامى بولۇپ قېلىشى ھەممىدىن ئاۋۋال قەدىمىيخوتەن (ئۇدۇن) تىلى ۋە بۇددا دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن باغلىق بولۇپ ، ۋاقتى مىلادى II ئەسىرلەرگە توغرا كېلىشى مۈمكىن . ئەنە شۇنىڭدىنباشلاپ  راك  سۆزىھازىرقى شىنجاڭدا ياشىغۇچى ھەر قايسى خەلقلەرنىڭ تىلىدا ھەم  ئاھاڭ  ،  كۈي دېگەن مەنىگە ئىگەبولغانلىقىنى ھەم ئۇدۇن ۋە كۈسەن كۈيلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ھازىرقى مۇقامتىپىدىكى بىرەر كۈينىڭ نامى بولۇپ قالغانلىقىنى پەرەز قىلىش تامامەن مۈمكىن .

چۈنكى ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىقايتا رەتلەنگەن ، ئەرەب - پارس تەسىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان XVI ئەسىردە ،  راك  دېگەنسانسىكرىتچە سۆزنىڭ ئەينى پېتى بىر مۇقام نامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغانلىقى يۇقۇرقىئەھۋالنى ئىسپاتلايدۇ . بۇ ئۇيغۇر مۇقاملىرى شەكىللىنىشنىڭ ئەڭ قەدىمكى تارىخىي دەۋرنىئىسپاتلاپ كۆرسىتىشنىڭ تىل جەھەتتىكى بىر دەلىلى بولالايدۇ .

2 . چەپبايات مۇقامى

 24 نەغمە

چوڭ نەغمىسى 12 ،داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 3

 

چەپبايات --  چەپبايات  ،   بايات  دېگەن ناملار سانسىكرىتچىمۇ ،پارىسچىمۇ ئەمەس بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدۇر . ئۇيغۇرچە سۆز بولغاندىمۇ ،باشقىلار ئۆز ماقالىسىدە بايان قىلغىنىدەك ، قەبىلە ۋە قەبىلە تارماقلىرىنىڭ نامىمۇئەمەس .

 بايات  -- قەدىمكىئۇيغۇر تىلىدا  خۇدا  ،  تەڭرى  دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .  چەپبايات  ئاتالغۇسى  بايات  بىلەن باغلىق ، بۇ ئەسلىدە  چاپ  -- قۇدرەتلىك ، ئالىي دېگەنمەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز بىلەن  بايات  دېگەن سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان . يەنى  چاپ  +  بايات  = چاپبايات  -- ئۇلۇغخۇدا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ توغرىلىق ئۇيغۇرتارىخىدىكى بەزى ئىشلار مۇناسىۋەتلىك يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى بىلەنباغلىق ئىكەن ~ ئەسلى بۇ توغرىلىق تەپسىلىي يېزىپ يوللىغۇم بار ئىدى ، ئەپسۇس ۋاقتىمقىس بولۇپ قالدى . كېيىنچە تولۇقلاپ يوللاش ئۈچۈن تىرىشىمەن .

 

3 . مۇشاۋرەك مۇقامى

31 نەغمە

چوڭ نەغمىسى 17 ،داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 6

 

 مۇشاۋىرەك  مۇقامىنىڭنامى بىرئاز مۇرەككەپ ، بۇنداق نام پارس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مۇقاملىرى، كىلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامىدا يوق . بۇمۇ شىنجاڭغا ، ئۇيغۇرلارغا خاس ئىسىمدۇر .  مۇشاۋرەك  سۆزىنى  مۇش + ئاب + راك   دېگەن قىسىملارغا بۆلۈشكە بولىدۇ . بۇ تەركىبلەر ئىچىدىكى  مۇش  سۆزى پارسچىدىكى  نۇش  (ئىچىش) نىڭ ئېغىزتىلىدىكى ئۆزگەرگەن شەكلى بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن .  رەك  --  راك  سۆزى بولۇپيۇقۇرقى سانسىكرىتچە  كۈي   دېگەنلەردىن ئىبارەت . ئەگەر شۇنداقبولسا  مۇشاۋرەك  ئاتالغۇسى  نۇش+ئاب+راك  تەركىبلىرىدىن تەشكىل تاپقان <<شاراپ ئىچىش كۈيى>> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

 

4 . چارىگاھ مۇقامى

29 نەغمە

چوڭ نەغمىسى 9 ، داستانقىسمى 6 ، مەشرىپى 3

 

ئۇيغۇر مۇقاملىرىنامىدىكى  گاھ  بىلەنياسالغان سۆزلەر كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ .  گاھ  سۆزىنىڭپارسچە سانلار بىلەن بىرىكىپ كەلگىنىگە قاراپ ، بۇ ، مۇقاملارنىڭ رەت - نومۇرىنىبىلدۈرسە كېرەك ~ دېگەن پەرەزلەرمۇ بولغانىكەن . شۇڭا  چارگاھ  4 - ئورۇن مەنىسىنى بىلدۈرۈپتۆتىنچى رەتكە تىزىلغان ،  پەنجىگاھ  5 - ئورۇنمەنىسىنى بىلدۈرۈپ مۇقاملار ئىچىدە بەشىنچى قىلىپ رەتكە تىزىلغان . لېكىن  سىگاھ  مۇقامىغا كەلگەندە بولسا ، بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىنمىغان .  سىگاھ  3 - ئورۇنمەنىسىدە بولۇپ ، مۇقاملار ئىچىدە ئۈچىنچى ئورۇننى بەلگىلىسىمۇ ئەمىلىيەتتە 11 -ئورۇنغا تىزىلغان .

پارسچىدىكى  گاھ  سۆزى  ئورۇن ، جاي ، ۋاقىت ، دەرىجە   دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرگەندىنباشقا يەنە مۇزىكىغا خاس بولغان ئاۋاز ئورنى 音调 نىمۇ بىلدۈرىدىكەن .بۇ ھەقتە   تەۋارىخىي مۇسقىيۇن  ناملىق ئەسەردە ئازراق توختالغان .

 

5 . پەنجىگاھ مۇقامى

28 نەغمە

چوڭ نەغمىسى 17 ،داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 6

 

يۇقۇرىدا ئېيتىلغىنىدەك  پەنجىگاھ  مۇقامىدىكى  پەنىج -- بەش  دېگەن پارسچە سانلارنىڭ مۇقاملارنىڭ رەت نومۇرىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنىدىنبىشارەت بېرىدۇ . يەنى پارسچىدىكى پەنج -- سۆزى بەش دېگەننى بىلدۈرىدىكەن . شۇڭا  پەنجىگاھ  مۇقامى مۇقاملار ئىچىدە بەشىنچىئورۇنغا تىزىلغانىكەن.

 

6 . ئۆزھال مۇقامى

28 نەغمە

چوڭ نەغمىسى 16 ،داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 6

 

 ئۆزھال  مۇقام نامىقەدىمكى نام بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ مۇقامنىڭ نامىنى ئىككى خىل چۈشىنىش مۈمكىنكەن. بۇ نام مۇقام تېكىستلىرىدە  ئۆزخال  دەپ بېرىلگەن.تەپسىلاتى  تەۋارىخىي مۇسىقىيۇن  دا  ئاوزخال  سۆزىنى  ئۆزھال  دەپ تىرانسىكىپىسىيە قىلغان .ھازىرقى تەلەپپۇزدىكى  ئۆزھال ،  ئۇزھال  دەپ ئېيتىلىۋاتىدۇ. ئىككى خىل ئەھۋالدا بۇ ئاتالغۇنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىسىمۇ ئوخشىمايدۇ . لېكىن ئېتمولوگىيەجەھەتتە ئۇيغۇرچە  ئۇز  ياكى  ئۆز  سۆزى بىلەن ئەرەب - پارسچىدىكى  خال - ھال  سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان .  ئۆز  بولغاندا -  ئۆزئەھۋالى ، شەخسىي ھال - مۇڭى   مەنىلىرىنى بىلدۈرسە ، ئىككىنچى ئەھۋالدا يەنى  ئۇزھال  بولغاندا  گۈزەل ھالەتلەر  ،  ئۇزكەيپىياتلار  دېگەن مەنىنىبىلدۈرىدۇ .

يەنە بىر تەرەپتىن ،تىلىمىز تارىخىدىن قارىساقمۇ~  ھال  دېگەن سۆزچىڭگىزخان ھەربىي يۈرۈشلىرىدىن كېيىن پەيدا بولغان  چاغىتاي  تىلى بىلەن باغلىق بولمىغان ھالدا ، ئونىنچى ، ئونبىرىنچى ئەسىرلەردىلا ،تىلىمىزغا سىڭىپ كىرگەنىكەن.

 

7 . ئەجەم مۇقامى

17 نەغمە

چوڭ نەغمىسى 6 ، داستانقىسمى 8 ، مەشرىپى 3

  ھەرقايسىخەلقلەرنىڭ يۈرۈشلەشكەن مۇقاملىرىنىڭ نامى بەزى مۇزىكا قائىدىلىرى ۋە ئەنئەنىۋىئادەت بويىچە قويۇلۇپ قالغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ بىر خىل مۇزىكا - كۈيلەرنىئىپادىلىمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەجەم  (پارس، ئەرەبلەردىن باشقا خەلقلەر) ئىراق  دېگەنناملارمۇ يۇقۇرىغا ئوخشاش . جاي ناملىرى ۋە شۇ جايغا بېغىشلانغان ياكى شۇ جايغائائىت كىلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامى بولۇپ ، كېيىنچە ، ئەنئەنىۋى تىل بويىچە ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭنامى سۈپىتىدە ئۆزلىشىپ قالغانلىقى مۇزىكا - كۈي ئەنئەنىسىنىڭ ۋە تىل تەرەققىياتىنىڭباسقۇچلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئەجەم  مۇقامىنامى توغرىسىدا تەپسىلىي بىلىدىغانلار بولسا~ قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار . بۇ ھەقتەتەپسىلىي ئىزدەشكە ئۈلگۈرەلمىدىم .

 

8 . ئوششاق مۇقامى

23 نەغمە

چوڭ نەغمىسى 14 ،داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 3

 ناۋا ،  ئوششاق  دېگەنناملار ئەسلىدەXV , XII ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى خەلقلەر تىلىدا ئاۋۋالپارس تىلىدا ، كېيىن چاغىتاي تىلىدا مەلۇم لىرىك كىلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامى بولغان ؛چۈنكى ئەينى دەۋردە كىلاسسىك كۈيلەرمۇ  مۇقام  نامى بىلەن ئاتالغان . كېيىنچە ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ مۇزىكا تەرەققىياتىدايۈرۈشلەشكەن مۇقاملار بارلىققا كەلگەندە ، بەزى خەلقلەر بۇنى يۈرۈشلەشكەن مۇقامنامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان ، بەزىلىرى بولسا يۈرۈشلەشكەن مۇقام تەركىبىدىكى مەلۇمكۈي - مۇزىكىنىڭ نامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان .

 

9 . بايات مۇقامى

19 نەغمە

چوڭ نەغمىسى 10 ،داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 3

 

 بايات  -- قەدىمكىئۇيغۇر تىلىدا  خۇدا ، تەڭرى  دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .

 

10 . ناۋامۇقامى

21 نەغمە

چوڭ نەغمىسى 12 ،داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 3

 

 ناۋا ،  ئوششاق  دېگەنناملار ئەسلىدەXV , XII ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى خەلقلەر تىلىدا ئاۋۋالپارس تىلىدا ، كېيىن چاغىتاي تىلىدا مەلۇم لىرىك كىلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامى بولغان ؛چۈنكى ئەينى دەۋردە كىلاسسىك كۈيلەرمۇ  مۇقام  نامى بىلەن ئاتالغان . كېيىنچە ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ مۇزىكا تەرەققىياتىدايۈرۈشلەشكەن مۇقاملار بارلىققا كەلگەندە ، بەزى خەلقلەر بۇنى يۈرۈشلەشكەن مۇقامنامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان ، بەزىلىرى بولسا يۈرۈشلەشكەن مۇقام تەركىبىدىكى مەلۇمكۈي - مۇزىكىنىڭ نامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان . بەزى ماتىرىياللاردا  ناۋا   مۇقامىنى نەۋايى ئىجاد قىلغان دېيىلىدىكەن .بۇنىڭدىكى سەۋەب بۇ مۇقامدا نەۋايىنىڭشېئىرلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن بولۇشىمۇ مۈمكىن يا بولمىسا باشقىچە سەۋەبلىرى بولۇشىمۈمكىن ، بۇنى يەنىلا بىلىدىغانلار ئېيتىپ باقسۇن .

 

11 . سىگاھ مۇقامى

17 نەغمە

چوڭ نەغمىسى 12 ،داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 3

 

سىگاھ مۇقامى توغرىلىقيۇقۇرىدا ئازراق توختالغان.

 

12 . ئىراق مۇقامى

8 نەغمە

چوڭ نەغمىسى 6 ، داستانقىسمى 6 ، مەشرىپى 3[2]

ئاماننىساخان  ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقامى» نىڭ قېزىلىپ-رەتلىنىپ بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلىشىدە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەبۇ سەئىدخاننىڭ ئوغلى ئابدۇرېشىتخاننىڭ ھامىيلىقىدا ۋە مەدەتكارلىقىدا مەشھۇر مۇقامشۇناس، شائىر قىدىرخان ۋە خانىش ئامانىساخانلار ئۆچمەس  تۆھپە قوشقان، ئەنە شۇ ئاماننىساخان باشچىلىقىدا رەتلىنىپ مەشھۇر مۇقامشۇناس تۇرداخۇن ئاكا ۋارىسلىق قىلىپ ساقلىغان ۋە 1956-يىلى نوتىغا ئېلىنغان  .

ئۇيغۇر 12 مۇقامى«ئۇيغۇر بار يەردە ئون ئىككى مۇقام» بار، «ئون ئىككى مۇقام بار يەردە ئۇيغۇر بار» دېگەن بۇ ھېكمەتلىك سۆز چىن ھەقىقەتتۇر. ھەقىقەتەن «ئون ئىككى مۇقام» ئۇيغۇر فولكلورىغا مەنسۇپ بولغان بىر خىل سەنئەت ئۆرپ-ئادەت ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، ئۇيغۇر روھىنىڭ ئەڭ كەم ئاممىۋىلاشقان تىپىك بەدىئىي كۆرۈنۈشى. سەنئەت ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ سىستېمىلاشقان مۇجەسسەمى، شۇنىڭ ئۈچۈن «ئون ئىككى مۇقام» ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا ھەمراھ بولۇپ، زىمىستان كۈنلەر، ئاچچىق تۈنلەر ئىز قالدۇرغان خەستە كۆڭۈللەرگە شادلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغان روھىي مەئبۇت بولۇپ كەلدى، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خۇشاللىق كۈنلىرىدىمۇ، قايغۇ-ھەسرەتلىك ئاچچىق تۈنلىرىدىمۇ «ئون ئىككى مۇقام» غا ئىلتىجا قىلدى. خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى پەلسەپىلىك قارىشىدا پۈتۈن كائىناتقا ھاياتلىق بەخش ئەتكۈچى ئاسمان بوشلۇقىدىكى يورۇقلۇق سىستېمىسىنى «ئون ئىككى بۇرج» قا تەتبىقلىغىنىغا ئوخشاش، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋۇرى بويىچە «ئون ئىككى مۇقام» تىمسالىدا ئوبرازلاشتۇرۇپ، يۈكسەك مەنىۋى تۈۋرۈككە ئايلاندۇردى. شۇڭا «ئون ئىككى مۇقام» نوقۇل سەنئەت ھادىسىسى بولماستىن، بەلكى ئالدى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ئانا تەبىئەت قوينىدا قوزغالغان بەدىئىي تەسەۋۋۇرلىرى ۋە سەنئەت ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ مۇزىكىلىق يىغىندىسى دېيىشكە ھەقلىقمىز .

 ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئانىسى بولغان «ئون ئىككى مۇقام» بىر ۋاقىتتىلا بىر يەردە، بىرەر شەخس تەرىپىدىن بىر يوللا پەيدا بولغان ئەمەس، بەلكى ھەر يەردە،        ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەر جەريانىدا كوللېكتىپ تەرىپىدىن بىر-بىرلەپ ئىجاد قىلىنغان ئەنئەنىۋى ئون ئىككى سېكىلدىن ئىبارەت ئۇيغۇر مىلودىيىسىنىڭ تىمسالىدۇر. شۇڭا «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ پەيدا بولۇشىنى مۇئەييەن بىر تارىخىي دەۋر بىلەن چەكلەپ قويغىلى بولمايدۇ. تارىخ سەھنىسىدە ئۈزۈلمەس دولقۇندەك ئۆز ئارا ئىز بېسىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق تۇرمۇشى بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا چۆل-باياۋان، تاغ-دالا، دەريا-ئۆستەڭ، يايلاق ۋە ئېتىز-ئېرىق كۈيلىرىنى، ئۇنىڭغا مۇناسىپ ناخشا-قوشاقلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. بۇ كۈيلەر ئۆزىنىڭ مىلودىيە ئالاھىدىلىكى بويىچە تۈركۈملىشىپ تەدرىجىي يۈرۈشلەشكەن مۇقام گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىل قىلغان.

[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

2.

12مۇقام ناملىرىنىڭ مەنىسى ۋە تارىخى ھەققىدە 

http://bbs.alkuyi.com/thread-1441-1-5.html

1.
0.

ئون ئىككى مۇقام ناملىق كىتاپ 

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

12مۇقام ناملىرىنىڭ مەنىسى ۋە تارىخى ھەققىدە

http://bbs.alkuyi.com/thread-1441-1-5.html

2.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/121162.htm

3.

ئون ئىككى مۇقام ناملىق كىتاپ

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    33.3%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#