گېرمانىيە

گېرمانىيە

گېرمانىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتى قىسقارتىلىپ گېرمانىيە دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ياۋروپادىكى فېدېراتىپ پارلامېنت جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەت، 16 فېدېراتىپ شىتاتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، پايتەختى ئەڭ چوڭ شەھەر بېرلىندىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرچە نامى گېرمانىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى گېرمانىيە
پايتەختى بېرلىن
نوپۇسى 82 مىليون 60 مىڭ
ئىنگىلىزچە نامى The Federal Republic of Germany
خەنزۇچە نامى 德国
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا قىتئەسىدىكى دۆلەت
دۆلەت تىلى نېمىس تىلى
يەر مەيدانى 375 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر
دۆلەت بايرىمى كۈنى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گېرمانىيەگېرمانىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتى قىسقارتىلىپ گېرمانىيە دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ياۋروپادىكى فېدېراتىپ پارلامېنت جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەت، 16 فېدېراتىپ شىتاتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، پايتەختى ئەڭ چوڭ شەھەر بېرلىندىن ئىبارەت. نوپۇسى 81 مىليون 799 مىڭ 299 بولۇپ ،%81.5 گېرمانلار ، يەتتە پىرسەنتىنى ياروپادىكى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆچمەنلەر، ئاز بىر قىسىمى سىگانلار ۋە سوربئانلار . ئۇندىن باشقا يەنە ئۈچ مىلىيوندىن كۆپرەك تۈركىيلىكلەرنىڭ، يەتتە مىلىيون 500 مىڭغا يېقىن باشقا دۆلەت كۆچمەنلىرىنىڭ ئەۋلاتلىرى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 9 نى ئىگىلەيدۇ. گېرمان تىلىنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ. ئاھالىسنىڭ %33.7 خىرستىيان دىنىغا ، %33.2 رىم كاتولىك دىنىغا ،%3.7 ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلدىغان بولۇپ، دىنسىزلار ۋە باشقا دىنغا ئىتقاد قىلدىغانلار% 28.3 ئىگلەيدۇ. يەر مەيدانى357 مىڭ 22 كىۋادىرات كىلومېتىر.  ئىككى گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەن 10-ئاينىڭ 3-كۈنى دۆلەت بايرىمى كۈنى قىلىپ بەلگىلەنگەن.

 گېرمانىيە يۈكسەك دەرىجدە تەرەققىي قىلغان سانائەت دۆلىتى. ئىقتسادى ئەمەلىي كۈچى ياۋرۇپا بويچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىقتسادىي جەھەتتە دۇنيا بويچە ئۈچىنچى چوڭ دۆلەت بولۇپ ھىسابلىندۇ.

گېرمانىيە مىلادىدىن ئىلگىرى گېرمانىيە چىگىرىسى ئىچدە گېرمانلار ئولتۇراقلاشقان. مىلادى 2-3 ئەسىردە تەدرىجى ھالدا قەبىلە بولۇپ شەكىلەنگەن. 10-ئەسىرگە كەلگەندە، دەسلەپكى قەدەمدە فىئودانلىق دۆلەت شەكىلەنگەن. 13-ئەسرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، فېئوداللىق ئىگىلىنىشكە قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىغان. 18-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، ئاۋستىرىيە ۋە پىرۇسسىيە باش كۆتۈرۈپ،181 5-يىلى ۋىنا يىغىنغا ئاساسەن، گېرمانىيە فېدېراتسىيسى بولۇپ تەشكىللەنگەن. 1848-يىلى گېرمانىينىڭ ھەر قايسى جايلىردا ئىنقلاپ پارتلاپ، پىرۇسسىيە 1866-يىلدىكى «يەتتە ھەپتىلك ئۇرۇش»دا ئاۋستىرىينى مەغلۇپ قىلىپ، ئىككىنچى يىلى غەربىي گېرمانىيە فېدېراتسىيسىنى قۇرۇپ چىققان. 1871-يىلى بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيە ئىمپىرىيسى قۇرۇلغان. مەزكۇر ئىمىپىرىيە 1914-يىلى 1- دۇنيا ئۇرۇشىنى كەلتۈرۇپ چىقىرىپ، 1918-يىلى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، گۇمىران بولغانلىقىنى جاكارلىغان. 1919-يىلى 2-ئايدا، گېرمانىيدە ۋېمار جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغان. 1933-يىلى گېتلىر تەختىكە چىقىپ، ئۆزنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويغان. گېرمانىيە 1939-يىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاپ، 1945-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولغان. ئۇرۇشتىن كىيىن، يالتا كىلشىمى ۋە پوتىستام كىلشىمگە ئاساسەن، ئامېرىكا ، ئەنگلىيە ، فرانسىيە، سوۋىت ئىتتپاقى قاتارلىق تۆت دۆلەت تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، تۆت دۆلەتتىن تەشكىللەنگەن ئىتتپاقداش دۆلەتلەر باشقۇرۇش كومتىتى گېرمانىينى بىۋاستە باشقۇردىغان ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان بولغان. بېرلىن شەھرىمۇ تۆت ئىشغال رايونغا بۆلۈنگەن. 1948-يىلى 6-ئايدا ئامېرىكا ، ئەنگلىيە ، فرانسىيە قاتارلىق ئۇچ دۆلەت ئىشغال رايوننى بىرلەشتۈرۇپ، شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى قوشۇۋېتىلگەندىن كىيىنكى غەربىي قىسىم ئىشغال رايڭندا گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيتىنى قۇرغان. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى شەرقى قسىمدىكى سوۋىت ئىشغال رايوندا گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھورىيتى قۇرۇلغان. گېرمانىيە شۇندىن كىيىن رەسمىي تۈردە ئىككى دۆلەت بولۇپ پارچىلانغان. 1990-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىككى گېرمانىيە بىرلىككە كېلىپ گېرمانىيە قايتىدىن ياۋرۇپادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت سۈپىتىدە نامايەن بولغان.

دۆلەت بايرىقى 

دۆلەت بايرىقىبايراقىنىڭ يۈزى توغرىسىغا تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ ،قارا ،قىزىل سېرىق رەڭدىن ئىبارەت ئىبارەت ئۈچ تەڭ شەكىلدىكى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلدىن تۈزۈلگەن .بۇ ئۈچ خىل رەڭ نېمىس مىللىتى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رەڭلەردۇر .

دۆلەت گېربى

دۆلەت گېربىسېرىق رەڭلىك قالقانسىمان گېرىب بولۇپ ،قالقاننىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇمشۇق ۋە تىرناقىلىرى قىزىل ،قاناتلىرىنى كېرىپ تۇرغان بىر شۇڭقار شەكىلى بار . ئۇ كۈچ -قۇدرەت ۋە جاسارەتنىڭ سمۋولى .

 بىراندېنبورگ دەرۋازىسى

بىراندېنبورگ دەرۋازىسىگېرمانىينىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن سىموۋۇلى بىراندېنبورگ دەرۋازىسى. ئورنى بېرلىن شەھەر مەركىزدىكى فىكوس دەرىخى كوچىسى بىلەن 6-ئاينىڭ 17-كۈنى كوچىسنىڭ قوشۇلغان جايدا بولۇپ ، بېرلىن شەھەر رايونىدىكى داڭلىق ساياھەت رايونى ۋە گېرمانىينىڭ بىرلككە كەلگەن سىموۋۇلى ھېسابلىندۇ.

گېرمانىيە گېرمانىيە تاۋار ئىكسپورت قىلىدىغان چوڭ دۆلەت بولۇپ، سانائەت مەھسۇلاتلىرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك چەتئەلگە ئىكسپورت قىلىنىدۇ. گېرمانىينىڭ ئىكسپورت سوممسى دۇنيا بويچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. گېرمانىيىدە ئۈچتىن بىر قىسىم خىزمەتچلەر ئىكسپورت ساھەسىدە خىزمەت قىلىدۇ. ئاساسلىق ئىكسپورت مەھسۇلاتلىرىدىن : ئاپتومۇبىل ، ئىشلەپچقىرىش ماشنا –ئۈسكۈنلىرى، ئېلېكتر، ترانسپورت ئەسلىھەلىرى، خىمىيە بۇيۇملىرى ۋە پولات تۆمۈر قاتارلىقلار بار . 

ئىمپورت مەھسۇلاتلىردىن ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرش ماشىنا –ئۈسكۈنلىرى ، تىرانسپورت ئەسلىھەلىرى، ئاپتومۇبىل ، نېفىت، كېيىم –كىچەك قاتارلىقلار بار. 

گېرمانىيەغەربتىكى سانائەت دۆلەتلىرىنى ئاساسلىق سودا ئوبىكتى قىلىدۇ. تەبئى بايلىقى كەمچىل بولۇپ، كۆمۈر ۋە تۇز زاپسى مول بولغاندىن باشقا، خام ماتىرىيال ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسى جەھەتتە زور دەرىجدە ئىمپورت قىلشقا تايندىغان بولۇپ، ئۈچتىن ئىككى قىسىم دەسلەپكى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئىمپورت قىلىدۇ. گېرمانىيە سانائىتى ئېغىر سانائەتنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئاپتومۇبىل، ئىشلەپچىقىرش ماشىنىلىرىنى ياساش، خىمىيە سانائىتى، ئېلېكترىك قاتارلىقلار بارلىق سانائەت ئىشلەپچقىرىشى ئومۇمىي قىممتىنىڭ %40 دىن يۇقىرى قىسىمىنى ئىگىلەيدۇ. يىمەكلىك، توقۇمچىلق، كېيىم –كىچەك، پولات –تۆمۈر پىششقلاپ ئىشلەش، كانچىلىق، نازۇك ئۈسكۈنە، ئوپتىكا ۋە ئاۋىئاتىسيە سانائىتىمۇ ناھايىتى زور تەرەققىي قىلغان. ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلار كۆپ بولۇپ، سانائەت قۇرۇلمسىنىڭ تارقىلىشى تەكشى. يېزا-ئىگىلكى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ماشىنىلىشىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى. يېزا-ئىگىلىك تېرىلغۇ يېرىنىڭ ئىگلىگەن كۆلىمى گېرمانىيە زىمىننىڭ يېرىمىغا دېگۈدەك توغرا كىلىدۇ.[1][0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#