تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى
تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى توقسۇ ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىگە 40 كىلومېتىر كېلىدىغان چۆلتاغنىڭ باغرىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
توقسۇ ناھىيەسى بازىرىدىن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، دۆلەت يولى 314-لىنيەسىنى بويلاپ، غەربكە قاراپ 40 كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، ئاندىن شىمالغا بۇرۇلۇپ ئازراق ماڭساق چۆلتاغ باغرىغا يېتىپ بارىمىز، چۆلتاغنىڭ باغرىدا تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى بار. بۇ خارابىلىق تاڭ دەۋرىگە ئائىت خارابىلىق بولۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى ھېسابلىنىدۇ.
ئىبادەتخانا خارابىسىنىڭ تەكشىلىكتىكى يۈزى تۆت چاسا شەكىلدە بولۇپ، جەنۇبىي بىلەن شىمالىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 45 مېتىر، شەرقىي بىلەن غەربىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 40 مېتىر، ئىگىلىگەن كۆلىمى 1800 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ئىبادەتخانىنىڭ قالدۇقىنىڭ ئېگىزلىكى 3.5 مېتىر، ئۇلىنىڭ كەڭلىكى ئىككى مېتىر كېلىدۇ. ئىبادەتخانا ئىچىدە ئىككى ئورۇندا ساقلىنىپ قالغان ئۆي خارابىسى بولۇپ كېسەك بىلەن قوپۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئۆينىڭ ئۇزۇنلۇقى 10.2 مېتىر، كەڭلىكى 4.5 مېتىر، قالدۇق ئېگىزلىكى 3 مېتىر كېلىدۇ، يەنە بىر ئۆينىڭ ئۇزۇنلۇقى 12 مېتىر، كەڭلىكى 4.6 مېتىر، قالدۇقىنىڭ ئېگىزلىكى 3 مېتىر كېلىدۇ، ئىشىكنىڭ ئېگىزلىكى 12 مېتىر، كەڭلىكى 0.8 مېتىر كېلىدۇ. ئىبادەتخانا خارابىسىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغ باغرىغا بىر قانچە مىڭئۆي قېزىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مىڭئۆيدە تام سىزمىلىرى ساقلىنىپ قالغان. بۇ مىڭئۆيلەردىكى تام سىزمىلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدىن قارىغاندا، قەدىمىي ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدىكى مىڭئۆيلەرگە تەۋە ئىكەنلىكى مەلۇم.
1927-يىلى تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسىنى ھەممىدىن بۇرۇن بايقىغان فىرانسىيەلىك ئارخېئولوگ پائۇل . پېللىيوت ياۋروپادىن يولغا چىقىپ يول بويى «بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى» ناملىق كىتابىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى خەتكە سېلىشتۇرۇپ يۈرۈپ تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسىنى تاپقان. 1928-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئارخېئولوگى خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىغا كېلىپ، بۇ يەردە ئوندىن ئارتۇق مىڭئۆينىڭ بارلىقىنى قەيت قىلغان. ئۇ تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى قېزىپ، بۇتنىڭ ساپالدىن ياسالغان قولى، شەكلى خىشقا ئوخشايدىغان يەرگە ياتقۇزۇلغان نەرسىلەرنى قېزىۋالغان.
بۇ خارابىلىقتىن يەنە ساپال قېلىپ، كۆيگەن خىشقا ئوخشايدىغان نەرسە، كۆك قارا قاداق، بېشى ئۇچلۇق ياغاشچىلىق سايمىنى، ئىدىش، تۆمۈر ئوقيا بېشى، تۆمۈر ئوق، تۆمۈر شارىق، ساپال پارچىلىرى تېپىلغان.
20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ پىڭ قاتارلىقلار تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسىغا كېلىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنىڭ بىرقەدەر مۇكەممەل تۇرغانلىقىنى، ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ-سول تەرەپتىكى يولى ۋە ئارقا ھۇجرىسىنى ئېنىق كۆرگەن.
تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ غەرب تەرىپىگە 20 نەچچە مېتىر كېلىدىغان جايدا ئەتراپىغا سېپىل تام سوقۇلغان بىر قەدىمىي قۇدۇق بايقالغان بولۇپ، قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا بىر قەدىمىي ياغاچ شوتا قويۇپ قويۇلغان، بۇ تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسىدىكى راھىبلار سۇ ئىچكەن قۇدۇق بولۇشى مۇمكىن.
1988-يىلى تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى تەكشۈرگەندە بۇددا مىڭئۆيلىرى ساقلىنىپ قالغان، تاغنىڭ ئالدىدىكى بۇ خارابىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ، بۇ يەردىن قىزىل رەڭلىك ساپال پارچىسى تېپىلغان، بۇتخانا خارابىسىنىڭ ئالدىدىكى توشقان بۇلاقتىن سۇ ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدۇ.
تاڭ دەۋرىنىڭ شائىرى سېن سەن بۈگۈردىن ئەنشى قۇرۇقچىبەگ مەھكىسىمىنىڭ تۇڭگۇزباش قەدىمىي شەھىرىگە مېڭىش سەپىرىدە تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسى ئۆتىڭىدە قونالغۇدا بولغان دېگەن رىۋايەت بار. تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنىڭ كەينىدىكى چۆلتاغدا بايقالغان سەككىز مىڭئۆينىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ مىڭئۆيلەر تەبىئەتنىڭ بۇزغۇنچىلىقى تۈپەيلىدىن بۇزۇلغان.
2005-يىلى جاڭ پىڭ قاتارلىقلار تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ شەرقىدىكى يېرىم ئۆڭكۈر ئۆي شەكلىدىكى راھىبلار ھۇجرىسىنى تەكشۈرۈپ، مۇكەممەل بولغان ساپال بۇيۇم قاتارلىقلارنى بايقىغان. جاڭ پىڭ: «تاجىكقورو بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ ياسالغان ۋاقتى تەخمىنەن ۋېي، جىن سۇلالىسى دەۋرى ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرى تازا گۈللەنگەن مەزگىلىگە توغرا كېلىدۇ» دەپ بېكىتكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بويا ساياھەت تورى
جۇڭگو ئارخېئولوگىيە تورى
http://www.kaogu.cn/cn/kaoguyuandi/kaogusuibi/2016/0509/53820.html
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.