توقسۇن يېزىسى

توقسۇن يېزىسى

توقسۇن يېزىسى باي ناھىيەسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق ئارىلىقى 18 كىلومېتىر كېلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى توقسۇن يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 765.4 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 托克逊乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون باي ناھىيەسى
نوپۇسى 14952 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توقسۇن يېزىسىتوقسۇن يېزىسى باي ناھىيەسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق ئارىلىقى 18 كىلومېتىر كېلىدۇ. شىمالىي چېتى تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى، جەنۇبىي قىسمى ئونباش يېزىسى ئارقىلىق مۇزات دەرياسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، غەربىي قىسمى كانچى يېزىسى، ياتۇر يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقىي قىسىم سايرام يېزىسى بىلەن قوشنا. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 16 كىلومېتىر ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 54 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 765.4 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يېزىنىڭ يېرىنىڭ شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1174-1680 مېتىر.توقسۇن يېزىسىغا قاراشلىق 13 كەنت ئاھالە كومىتېتى، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى بار، نوپۇسى 14952 ئادەم ، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئانا قىزلەڭگەر كەنتىدە. 

توقسۇن يېزىسىتوقسۇن يېزىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى ℃6، قىروسىز مەزگىلى 160 ~ 150 كۈن، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 100-90 مىللىمېتىر. بۇ يېزا قەدىمىي شېغىل تىنما تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان. قاراسۇ دەرياسى تەڭرىتاغدىن باشلىنىپ، تاغ ئارىسىدا ئېقىپ، توقسۇن يېزىسىنىڭ شىمالىغا 14 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا تورسىمان تارماق بۆلۈنۈپ ھەمدە تەدرىجىي ھالدا ئىككى تەرەپكە سوزۇلۇپ، بۇ يەردە كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندىسى شەكىللەندۈرگەن. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، يەلپۈگۈچ شەكىللىك چۆكمىنىڭ جەنۇبىدا بىر كەڭلىكى 20 كىلومېتىر، ئۇزۇنلۇقى 30 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان شېغىل تىنما تۈزلەڭلىكى شەكىللەنگەن. تۈزلەڭلىك تۇپرىقى قۇملۇق يۇمشاق توپا بۇلۇپ، يەر شەكلى شىمالدىن جەنۇبقا سەل قىيسايغان. قاراسۇ دەرياسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېقىم مىقدارى 233 كۇب مېتىر / سېكۇنت، ئەڭ كىچىك ئېقىم مىقدارى  558 مىڭ كۇب مېتىر / سېكۇنت ، پۈتۈن توقسۇن يېزىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. 

توقسۇن يېزىسىتوقسۇن يېزىسى تەۋەسىدە، كۇچا-باي تاشيولىنىڭ جەنۇبى، مۇزات دەرياسىنىڭ شىمالىدا مول يەر ئاستى سۇ بايلىقى ساقلانغان. بېلىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇۋاپىق. شىمالىدىكى ئېگىز-پەس تاغ چوققىلىرى ئارىسىدا ئورمانلار قويۇق بولۇپ، ئۇزۇن شەمشاد، قېيىن دەرىخى، تاغ تېرىكى، ياۋا ئالما قاتارلىق دەرەخلەر ئۆسىدۇ. تاغ ئىچىدە ئېيىق، بۆرە، يىلپىز، سۇغۇر، موڭغۇل جەرىنى، ئارقار، ياۋا توڭگۇز، قىرغاۋۇل قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ياشايدۇ. ھازىر تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان قىزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، تۈمۈر، ئوتقا چىداملىق توپا قاتارلىقلار بار. 

توقسۇن يېزىسى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، كېۋەز، قىچا، زىغىر قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ. باي ناھىيەسىدىكى ئاساسلىق ئاشلىق، ياغ ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارنىڭ بىرى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#