ئارسلان قىسسىسى

ئارسلان قىسسىسى
ئارسلان قىسسىسى ناملىق بۇ كارتون فىلىمدا ئاندروگرۇز ئۈچىنچى ھۆكۈمرانلىقىدىكى گۈللەنگەن باي دۆلەت، چوڭ قۇرۇغلۇق سودا يولىدىكى كۈچلۈك دۆلەت پارسقا قوشنا دۆلەت رۇستانىيە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىكى بىر جەڭدە يېڭىلمەس شاھ دەپ ئاتالغان ئاندروگرۇز باشچىلىقىدىكى پارس قوشۇنىنىڭ قاتتىق مەغلۇپ بولغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئۇيغۇرچە نامى ئارسلان قىسسىسى
تۈرى ھەرىكەتلىك، تارىخى، ئۇرۇش
ئىشلەنگەن ۋاقتى 2015-يىلى
رېژىسسور ئابى ساننو كوكورو
ئاپتور تاناكا يوشىكى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 亚尔斯兰战记
باشقا نامى Arslan Senki ياكىThe Heroic Legend of Arslan
ئىشلەنگەن ئورۇن ياپونىيە
ياپونچە ئىسمى アルスラーン戦記
كارتون لايىھەلىگۈچى ئاراكاۋا خىرومۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئارسلان قىسسىسىچوڭ قۇرۇغلۇق سودا يولىدىكى كۈچلۈك دۆلەت پارس بولسا ئاندروگرۇز  ئۈچىنچى ھۆكۈمرانلىقىدىكى گۈللەنگەن باي دۆلەت ئىدى.  بىراق قوشنا دۆلەت رۇستانىيە تاجاۋۇز قىلىپ  كىرگەندىكى بىر جەڭدە يېڭىلمەس شاھ دەپ ئاتالغان ئاندروگرۇز باشچىلىقىدىكى پارس قوشۇنى  قاتتىق مەغلۇپ بولىدۇ. ئاندروگرۇز ئۈچىنچى دۈشمەنگە  ئەسىرگە چۈشىدۇ، شاھزادە ئارسلان  بولسا شىرمەت سەركەردە دەرياننىڭ ياردىمىدە  ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ قەلەمدە كامالەتكە يەتكەن  نارساسنىڭ يېنىغا بارىدۇ. بىر  ئەلەمدار بىر قەلەمدار ئىككى كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا شاھزادە ئارسلان پارسنى  قۇتقۇزۇشتەك مۈشكۈل سەپەرگە  ئاتلىنىدۇ.

بۇ كارتون ئاپتورنىڭ شۇ ناملىق رومانىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ تارىخى قىسسە، جەڭنامىلەر ھېچقايسىسى ئاساسسىز ئەمەس، تۈمەن قوشۇن گىرەلىشىپ كەتكەن جەڭ مەيدانى، ئاجايىپ  كاللا ئوينىتىشلار، سۈيىقەستلەر... قېنىڭىزنى قىزىتىپ سىزنى قەدىمكى جەڭ مەيدانىغا سۆرەپ كىرىدۇ.

بىر قىسىم ئاتالغۇلار ھەم ئۇلارنىڭ تارىخىي باغلىنىشى

كارتون فىلىم ئارسلان قىسسىسى بولسا ياپونىيىلىك يازغۇچى تاناكا يوشىكىنىڭ ئەسىرى. گەرچە قەدىمكى ئىران ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بۇ رومان ۋەقەلىكى ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان بولسىمۇ ئەمما پۈتكۈل ئەسەر باشتىن ئاخىرى قويۇق رېئال تارىخ پۇرىقى بىلەن تولغان، ئۆز نۆۋىتىدە كۆپلىگەن ھەقىقى شەخس، رېئال يەر-جاي ناملىرىمۇ ئەسەرگە يۇغۇرۇپ كىرگۈزۈلگەن.

شاھ جەمشىد: شاھ جەمشىد توغرىلىق بىزنىڭ ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىمىزدىمۇ خېلى مەزمۇنلار چىقىدۇ، تۇرمۇشتىمۇ بۇنىڭ ئىسمى بەلكىم قىمارۋازلارغا ناتونۇش ئەمەس، بىزنىڭ رىۋايەتلىرىمىزدە پۈتۈن جاھاننى ئىلكىگە ئالغان شاھ جەمشىد، ھىندىستاننى كۆزدىن كەچۈرۈشكە بارغاندا ئۆزى بىلەن ئىسىمداش جەمشىد ئىسىملىك بىر قىمارۋازنىڭ بارلىقىنى ھەم ئۇنىڭ قىمارغا شۇنچە ئۇستىلىقىنى ئاڭلايدۇ ھەم بەزىلەرنىڭ قۇترىتىشى بىلەن قىمار پىرى جەمشىد بىلەن قىمار ئويناپ بىر كىچىدىلا پۈتۈن ھىندىستاننى ھەم ئامراق خانىشى گۈلرۇزنى ئۇتتۇرۋېتىدۇ. شۇندىن كېيىن قىمارۋازلار ئارىسىدا بۇ رىۋايەت ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرمەكتە، قىمارۋازلار قىمار سورۇنىغا كىرىشتىكى پارولى بولسا «پىرىم جەمشىدنىڭ روھىغا نەزىر بىرەي دېگەن» دېسە مەخپىي سورۇنغا كىرەلەيدۇ. (مەن قىمار ئوينىمايمەن جۇمۇ) بۇغۇ رىۋايەت، نەق گەپكە كەلسەك، جەمشىد پارسلىقلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى شاھىدۇر، شاھنامىدە رىۋايەت قىلىنىشىچە، جەمشىد 500 يىل جاھان سورىغان ئىكەن، يەتتە ئىقلىمنى بويسۇندۇرۇپتىكەن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا سەل مەغرۇرلىنىپ بەزى دېمەيدىغان سۆزلەرنى دەپ سالغانلىقى ئۈچۈن ئالىم، ئۆلىما، ۋەزىرلەر ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىپ خانلىق ئاجىزلايدۇ، يالماۋۇز زەھھاك جەمشىد خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ئۆزى شاھ بولىدۇ، پارسنىڭ زۇلمەتلىك تارىخى شۇنىڭ بىلەن باشلىنىدۇ، كارتوندىكى پارسنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى جەمشىدشاھ، شاھنامىدىكى جەمشىد بىلەن ئوخشاش تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە.

يىلانشاھ زەھھاك: جەمشىد شاھنى يوقىتىپ ئورنىغا پادىشاھ بولغان يالماۋۇز. ھېچكىم ئۇنىڭ ھەقىقى ئىسمىنى بىلمەيدۇ، شاھنامىدە دېيىلىشىچە، زەھھاك تارىختىن بۇرۇنقى دەۋىرلەردە ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىنتايىن زالىم، قانخور، ئاچكۆز يالماۋۇزنىڭ ئىسمى. ئۇ دانا شاھ جەمشىدنى ئۆلتۈرۈپ جەمشىدنىڭ پۈتكۈل بايلىقى ھەم شاھلىق تەختىنى قولغا كىرگۈزىۋالىدۇ ھەم 2000 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، شاھنامىدە دېيىلىشىچە، يىلانشاھ زەھھاكنىڭ ئىككى مۈرىسىدە ئىككى يىلان بار بولۇپ، ئادەم مېڭىسىنى ئوزۇق قىلىدىكەن، زەھھاك ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ھەر كۈنى ئىككى ئادەمنىڭ مېڭىسىنى بېرىپ باقىدىكەن، بۇ ئەھۋال 2000 يىل داۋاملىشىپتۇ. كېيىن قەھرىمان شاھ كەيخىسراۋ زەھھاك بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇنى مەغلۇب قىلىپ ئىنسانلارنى يالماۋۇزنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرغان ئىكەن. گەرچە كەيخسراۋ زەھھاكنى مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ ئۆزىمۇ ئىنتايىن چوڭ چىقىم تارتىپتۇ ھەم زەھھاكنى دىباد تاغ تىزمىسىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر يېرىگە بەند قىلىۋېتىپتۇ. كەيخىسراۋ زەھھاك ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق، زەھھاكنى ئۆلتۈرۈشكە ئامالسىز ئىكەن. شۇڭا، تاغ ئىچىدىكى چوڭقۇر جىلغىدىكى ئۆڭكۈرگە بەند قىلىپ پۈتۈن بەدىنىگە توم زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ پۇت قوللىرىنى كىشەنلەپ ئۆڭكۈرنىڭ ئىشىكىنى ئون ئىككى تالقېلىن گىرانت تاشلار بىلەن باستۇرۇپ يەر يۈزىگە چىقىپ قايتا زۇلۇم سېلىشىنى توسۇپتۇ، ئەڭ ئاخىرىدا كەيخىسراۋ ئۆزىنىڭ رۇكنابات قىلىچىنى كۆمۈپ قويۇپ زەھھاكنى پۈتۈنلەي بەند قىلىۋېتىپتۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، قىلىچ كولاپ چىقىرىلغاندا تۆۋەن تەرپىدىن بىر ئاۋاز كېلىدىكەن (بىر تاش ئون بەش يىل، يىگىرمىسى ئۈچ يۈزيىل!) راست يالغىنى نامەلۇم. كۆپچىلىك كارتوندىكى ھېلىقى جادۇگەرلەرنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار دەل زەھھاكنىڭ مۇرتلىرى، زەھھاكنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ، ئويۇننىڭ قىززىقى ئالدىڭلاردا تېخى، بۇ ئارسلان تۇغۇلۇشتىن بەشئالتە يۈز يىل بۇرۇنقى ئىشلار.(كارتوننىڭ ئارقا كۆرۈنىشى شاھنامىدىكى ۋەقەلىكلەرگەئوخشايدۇ).

ئازادچى شاھ ئارسلان: بۇ توغرىلىق  كارتوننى كۆرگەنلەر بىلىدۇ، مەن تارىختا ھەقىقىي ئۆتكەن ئارسلان ئىسىملىك شاھلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي، كارتوندىكى ئارسلان بەلكىم پارسلىق بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، ئارسلان پارسچە سۆز ئەمەس بەلكى تۈرۈكچە سۆز. شىر دېگەن مەنىدە (بۇ شەخسى قارىشىم). تارىخىي خاتىرىلەردە ئەڭ ئاۋۋال قارخانىيلار خانلىقىنىڭ يازما مەنبەلىرىدە خاتىرلەنگەن. قاراخانىيلار خانلىقى (بۇ خانلىقنى ھەممىڭلار بىلىسىلەرغۇ دەيمەن) قوش پادىشاھلىق تۈزۈم قوللانغان بولۇپ چوڭ پادىشاھ ئارسلانخان (شىر پادىشاھ) كىچىك پادىشاھ بۇغراخان (بۇغرا دېگەن تۆگىنڭ ئەركىكى) دەپ ئاتالغان. كېيىنكى ئارسلان ئىسىملىك خانلاردىن سەلجۇق تۈرۈك ئىمپېرىيىسىنىڭ خانلىرىدىن بولغان ئالىپ ئارسلان (بۇ بەك داڭلىق پادىشاھ، قىزىقىدىغانلار بەيدۇدىن ئىزدىسەڭلار بولىدۇ، خالىساڭلار ئايرىم تېما يوللاپ قويىمەن) يەنە بىرسى ئىلىك ئارسلانخان. (ئىلىك ئارسلانخان سالاھىدىندىن بۇرۇنقى ئەھلى سەلىبنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى، كۆپ قېتىم دۈشمەننى چېكىندۈرۈپ ئىسلام دۇنياسىنى قۇتقۇزۇپ قالغان، قىزىقىدىغانلار بەيدۇ ھە) كارتوندىكى ئارسلان تارىختىكى مۇشۇ باھادىر شاھلار بىلەن ئىسىمداش.

فارانگىس: شاھنامىدىكى ئافراسىياپ (قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ شاھلىرى ئۆز ئەجدادىنى ئافراسىياپقا باغلايدۇ--تۈركى تىللار دىۋانى. يەنە بىر ئىسمى ئالىپ ئەرتۇڭا، پارس تاجاۋۇزىغا قارشى قاتتىق جەڭ قىلغان ئوتتۇرا ئاسيالىق پادىشاھ) نىڭ قىزى بىلەن ئىسىمداش.

نارساس: پارس سامانىيلار سۇلالىسىنىڭ (ئاتەش دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان خانلىق) ئەڭ ئاخىرىقى پادىشاھىنىڭ كەنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى. ھەم شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر تالانتلىق سەركەردىسىنىڭ ئىسمى. تارىختىكى نارساس بولسا رىمغا ئەۋەتىلىپ بۇيەردە گوتلار بىلەن بولغان ئۇرۇشقا قاتناشقان، كېيىن قايتۇرۇپ كېلىنىپ يەنە تولۇق ھوقۇق بىلەن رىمغا قايتا ئەۋەتىلگەن ھەمدە گوتلارنى تارمار كەلتۈرگەن شۇنداقلا فرانكلارنىڭ رىمغار تاجاۋۇز قىلىشىنى توسۇپ قالغان، يەنە بىر كىچىككىنە تەپسىلات: بۇ كىشى ئاختا قىلىنغان.

ھەررام: پارسىنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى بىر رايۇننىڭ ئىسمى بولۇپ تارىختىكى سۇمىر مەدىنىيىتى يارىتىلغان جاينىڭ ئىسمى (ھازىرقى ئىراننىڭ ھۇزىسلا ۋىلايىتى) كارتوندا ئادەم ئىسمى قىلىپ ئېلىنغان.

دەريان: پارس بىرىنچى ئىمپېرىيىسىنىڭ تۇنجى خانى دارىيۇس بىرىنچى بىلەن ئىسمى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. تارىختىمۇ بۇ پادىشاھ ئىنتايىن باتۇر بولۇپ پارس ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ ئىمپېرىيە چىگىرسىنى ئۈچ قىتئەگە يەتكۈزگەن (ئافراسىياپ بىلەن ئۇرۇشقان پادىشاھ مۇشۇ شۇ، كېيىن ئافراسىياپقا ئەسىرگە چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلگەن).

گېۋ: شاھنامىدىكى رۇستەم قىسىسدىكى كەيخسراۋنىڭ قايتىپ كېلىشى دېگەن بابدىكى گۈرداسنىڭ ئوغلى، تەپسىلاتىنى بىلىشنى خالايدىغانلار شاھنامىنى ئوقۇڭلار.

كىشەۋاد: بۇ ئىسىممۇ شاھنامىدىكى گىرسىۋاز دېگەن قوش شەمشەرۋاز بىلەن ئىسىمداش.

باش دىندار بوتان: كارتوننى كۆرگەنلەرگە باش دىندار بوتان بەك تەسر قىلدىغۇ دەيمەن. رىئاللىقتىمۇ بۇنداق كىشىلەر بولغان. بۇ دەل تارىختىكى 16-ئەسىردە فىرانسىيەدە ياشاپ ئۆتكەن. تارىختىكى بودىن(Jean Bodin) دەل كارتوندىكى ئوبرازغا ئوخشاش ئادەم ئۆلتۈرسە كۆزىنى مىت قىلىپ قويمايدىغان، ئاچكۆز، ئەسەبىي ئادەم ئىدى، ياۋروپادا ھازىرمۇ كىشىلەر ئۇنى نەپرەت بىلەن يادىغا ئالىدۇ. ئۇ دىنى سوتچى بولۇپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ بېشىغا چىققان، جىنايەتچىلەرنىمۇ بەك قىيناپ سوراق قىلغان.

لاجىندرا: تارىختا ھىندىستاننى قۇل قىلغان ئارىيانلار توغرىلىق ئاڭلىغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، كارتوندىكى لاجىندرا ھىندىستاننىڭ كەنجى شاھزادىسى، تارىختىكىسى بولسا ئارىيانلارنىڭ داڭلىق سەركەردىسىنىڭ ئىسمىدۇر.

گادىۋېي: كارتوندا ھىندىستاننىڭ چوڭ شاھزادىسىنىڭ ئىسمى، تارىختا بولسا بۇددا دىنىنىڭ بىر داڭلىق راھىبى بولۇپ مىلادىيە 383-يىلىدىن تارتىپ بۇددا دىنىنى تارقىتىشقا باشلىغان ھەم بۇددا دىنىنىڭ جۇڭگودا تارقىلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان شەخىس. ئىچكىردە مۇشۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بۇتخانىلار بار.

بەدەخشان: ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ بىر شەھرى، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ بىر قىسىمى، قەدىمدە بەدەخشان كارىدورى دەپ بىر جاي بولۇپ بۇ جاي توغرىلىق «سەرسان روھ» رومانىدا تەپسىلاتلار بار. بۇ ئىسىم ھەم خوتەن ساكلىرىنىڭ تۆت چوڭ قەبىلىسىدىكى (نەرۋان، بەدەخشان، يازھەر، يەنە بىرسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، مەن يازھەرنى يۈزەرگە ئۆزگەرتىپ ئۆزۈمگە تەخەللۇس قىلىۋالدىم) بىر قەبىلىنڭ ئىسمى.

شىر ئوۋچىسى: كارتوندا ئاندروگرۇز دەرياننىڭ ئەمىلىنى ئېلىۋەتكەندە بۇ ئىسىم تىلغا ئېلىنىدۇ، مەنىسى بولسا جەڭچىلەر ئۆزى يالغۇز بىر شىرنى ئوۋلىيالىسا بېرىلىدىغان شەرەپ نامى بولۇپ ھازىرقى مېدالغا ئوخششپ كېتىدۇ.

ئاندروگرۇز:ئاتەش دىنىدىكى بىر ئىلاھنىڭ ئىسمى. تارىختا پاتانىيە ئۆلكىسىنىڭ باش نايب بېگى بولغان كىشى، ئوردا مىسىر بىلەن تىركىشىۋاتقان ۋاقىتتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ بىرقانچە يىل شاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان، ئوردا ئۇنى جازالىماي تۇرۇپ شىمالدىكى چارۋىچى مىللەتلەر (موڭغۇل ياكى باشقا مىللەت بولۇشى ئېنىق ئەمەس) بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان، كېيىن يەنە ئۆز ئالدىغا دۆلەت قۇرغان.

تۈمەنبېشى: بۇ تىلىمىزدىكى تۈمەن ئائىلىنى باشقۇرىدىغان تۈمەن بېشى ئەمەس، پارىس ئەلەمدار ئەمىرلىرىنىڭ بىر تۈمەن چەۋەندازنىڭ بېشىغا بېرىلىدىغان ئۇنۋان. سانغۇندىن بىر دەرىجە تۆۋەنلا تۇرىدۇ.

باش سانغۇن: پۈتكۈل ھەربىي قوشۇننىڭ قوماندانى، بارلىق تۈمەنبېشى، سەرۋازلارنى باشقۇرىدۇ. پادىشاھتىن تۆۋەن تۇرىدۇ.

رۇكنابات قىلىچى: گېۋنىڭ غەزىلىدە تىلغا ئېلىنىدۇ، قەھرىمان شاھ كەيخسراۋ زەھھاكنى مەغلۇپ قىلغاندا ئىشلەتكەن قىلىچ، ئىلاھى شەمشەر، پارس خاندانلىقىنىڭ ھەم خاننىڭ سىمۋولى، كارتوننىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا ئارسلاننىڭ قولىغا چۈشىدۇ.

يىپەك يولى:بۇ توغرىلىق سۆزلىمىسەممۇ بولار، شۇ تارىختىكى يىپەك يولى شۇ، چاڭئەندىن رىمغىچە تۇتاشقان سودا يولى.

ماچىن: ھازىرقى جۇڭگونى كۆرسىتىدۇ. چىن، ماچىن

يىيارتابوت دىنى: بۇتوغرىلىق تورنى ئىزدىسەم مۇنداق چىقتى، راست يالغانلىقىنى بىلمەيمەن، شۇڭا تەرجىمىسىنىلا قىلىپ قويدۇم، تارىختا ھەقىقەتەن مۇشۇنىڭ بىلەن ئىسىمداش يىيارتابوت تەڭرىسى دىنى بولغان ئىكەن تارىخىمۇ خېلى ئۇزۇنكەن، بۇ خىرىستىئان دىنىنىڭ روستى مەزھىپى بولۇپ بۇلار ئالەمنى يەتتە پەرىشتە ياراتقان دەپ قارايدىكەن، كېيىن بىر لاي قونچاقتىن ئادەمنى ياساپتىكەن، يىيارتابوت تەڭرىسى ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ پەرىشتىسى ئىكەن. يەنە نۇرغۇن مۇشۇ دىن توغۇرلۇق گەپلەر باكەن تەرجىمە قىلىش خوشياقمىدى، مېنىڭ شەخسىي قارىشىمچە، بۇلارنى خىرىستىئان دىنىنىڭ بىر مەزھىپى دېگەندىن كۆرە، ئايرىم بىر دىن دېسەك توغرا بولارمىكىن، مەن بىلىدىغان خىرىستىئان دىنىغا ئەقىدىلىرى ئوخشىمايدىكەن.

مۇقەددەس چەۋەندازلار: كارتوندا بودۋان ئۆز ئالدىغا بىر لەشكەر قۇرىدۇ، بۇلارنى مۇقەددەس چەۋەندازلار دەپ ئاتايدۇ، تارىختا ئەھلى سەلىبمۇ ئۆزىنى شۇنداق ئاتاپتىكەن، كارتوندابۇ لەشكەرلەرنىڭ سەركەردىسى شىردىگ قەسلەپ ئۆلتۈرۈلگەندە بودۋان رۇستانىيە شاھى ئىنوكېنتىسنى تىللاپ ئاغرىنىپ كېتىدۇ. كارتوندا يىيارتابوت دىنىنىڭ بايرىقى قارا رەڭلىك بولۇپ بۇ رۇستانىيە دۆلەت بايرىقى بىلەن تەڭ ئېسلىدۇ.

سۇيۇرغال بەگ: مەلۇم زىمىننى باشقۇرىدىغان، لەشكەر توپلاش ھوقۇقى بولىدىغان ھەم مەمۇرىي ھوقۇقى بولىدىغان بەگلەر بولۇپ پادىشاھقا بويسۇنىدۇ، ئۇرۇش ۋاقتىدا ئەسكەر ۋە تەمىنات بىلەن تەمىنلەيدۇ، پارىسنىڭ تۈزۈلمىسىدە چەۋەندازلار ئاقسۆڭەكلەردىن، سەرۋازلار پۇقرالاردىن تەركىب تاپىدۇ. ئاق سۆڭەكلەر بىلەن پۇقرالار ئىككى خىل قانۇندا باشقۇرۇلىدۇ. ھەر بىر شەھەردە بىردىن قورغان بۇوۇپ سۇيۇرغال بەگلەر شۇ يەردەتۇرىدۇ، قورغاننىڭ ۋەزىپىسى شەھەرنى قوغداش بولۇپ، مەسىلەن: پىشاۋۇر شەھرى بىلەن پىشاۋۇر قەلئەسى ئىككىسى ئىككى يەر. قەلئەنىڭ ۋەزىپىسى شەھەرنى قوغداش ھەم مۇھاپىزەت قىلىش، باج يىغىش. خۇددى ھازىرقى ھەربىي رايون بىلەن ئوخشىششپ كېتىدۇ. قەلئەنى ئالماي تۇرۇپ شەھەرنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس، قورغان ئىشغال قىلىنسا شەھەرمۇ قولدىن كېتىدۇ.

ئىقلىم ئاباد: پارس بىرىنچى ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختىنىڭ نامى. 

پىشاۋۇر: ھازىرقى پاكىستاننىڭ غەربىدىكى شەھەر.

ئىلاھى دوئىل: ھىندىستاننىڭ تەخىت بەلگىلەشتىكى بىر خىل ئەنئەنىۋى ئادىتى بولۇپ، ئىككى ئادەم بىرسى ئۆلگۈچە ئۇرۇشىدۇ، يەڭگەن تەرەپ ھەققانىي تەرەپ ھېسابلىنىپ تەخىتتە ئولتۇرىدۇ، ۋاكالىتەن قاتناشقىلى ئادەم تاپسىمۇ بولىدۇ.

سەرۋاز: پىيادە ئەسكەر

چەۋەنداز: ئاتلىق ئەسكەر

سەكەردە: ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ئۇنۋانى، ھازىرقى پولكوۋنىك بىلەن تەڭ دەرىجە

مەنبە:http://xendan.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=34&extra=page%3D1


ئارسلان: كوباياشى  يۇسۇكې («شارلوت» تىكى «泷» غا ئاۋاز بەرگەن)

دەريان: خوسويا  يوشىماسا («گىگانتلار زەربىدە» دىكى « راينېر براون» غا ئاۋاز بەرگەن)

نارساس: نامىكاۋا  دائىسۇكى («توكيو تاپخورلىرى» دىكى «ئارىما» غائاۋاز بەرگەن)

ھەررام: خانائې  ناتسۇكى («توكيو تاپخورلىرى» ئىككىنچى بۈلۈم «كانېكى كېن» غا، «قەھرىمانلار ئىتتىپاقى» ياپونىيە مۇلازىمىتىرىدىكى قەھرىمان «Ziggs »قا ئاۋاز بەرگەن)

گېۋ: KENN (ئەسلى ئىسمى ئوھاشى كېنىچىرو)

فارانگىس: ساكاموتو مايا («نارۇتو» دىكى «ماتسۇرى» غا ئاۋازبەرگەن)

كۈمۈش نىقاب: كاجىيۇكى («تېزلەتمە دۇنيا» دىكى «ئارىتا خارۇيۇكى (كۈمۈش قاغا)»، «گىگانتلار زەربىدە» دىكى «ئېرىن يېگار»، «توكيو تاپخورلىرى»دىكى «كىرىشىما ئاياتو»غا ئاۋاز بەرگەن)

ئاندروگرۇز:  سۇگائو تاكايۇكى («توكيو تاپخورلىرى» دىكى «يوشىمورا كۇزېن» غا ئاۋاز بەرگەن)

تاھامىنى: تاناكا  ئاتسۇكو

بافرىز: تسۇدا ئېئىزو («نارۇتو» دىكى«خيۇگا خىئاشى» غا ئاۋاز بەرگەن)

قىران: ئوكاۋا تورۇ («پولات كىمياگەر»دىكى « روي ماستانگ »، «توكيو تاپخورلىرى» دىكى «مادو كۇرېئو» غا ئاۋاز بەرگەن)

بۇ فىلىمنىڭ خەتلىك تەرجىمىسىنى خەندان(hendan.cn)ئۇيغۇرچە خەتلىك كارتون مۇنبىرى ئىشلىگەن.

تەرجىمىسىگە قاتناشقۇچىلار

تەرجىمان: يۈزەر 025

تەھرىر: پەخرىياد

نازارەتچى: شەمسى

مۇقاۋىدا: تۇغتېكىن

خەتتات: جۈمە قارى ياسىن شىرمەتى[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#