زەھەر دېلولىرىنى سوت قىلىشتا جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش توغرىسىدا ئىزاھات

جازا ئۆلچەش ئۆلچىمىگە مۇناسىۋەتلىك مەسلىلەر توغرىسىدىكى ئىزا

ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ زەھەر دېلولىرىنى سوت قىلىشتا جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش ئۆلچىمىگە مۇناسىۋەتلىك مەسلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى 2000-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1110-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2000-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلىنغان، 2000-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.


ئۇيغۇرچە نامى ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ زەھەر دېلولىرىنى سوت قىلىشتا جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش ئۆلچىمىگە مۇناسىۋەتلىك مەسلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2000-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2000-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى
خەنزۇچە نامى 最高人民法院关于审理毒品案件定罪量刑标准有关问题的解释
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2000-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زەھەر جىنايەتچىلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش ئۈچۈن، جىنايى ئىشلار قانۇنى خاس پرىنسىپىنىڭ 6-باب 7-پاراگرافىدىكى بەلگىلمىگە بىنائەن، زەھەر دېلولىرىنى سوت قىلىشتا جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش ئۆلچىمىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىلدى:

1-ماددا تۆۋەندىكى زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنى ئېلىپ ساتقان، توشۇغان، ياسىغان، ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرغانلارنى جىنايى ئىشلار قانۇنى 347-ماددىسىنىڭ ئىككىنچى تارماق (1) تارماقچىسىدا، 348-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «باشقا زەھىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولغانلار» دەپ بېكىتىش لازىم:

(1) ئامفېتامىن تۈرىدىكى زەھىرى (مېتىلامفېتامىننى ھېسابقا ئالمىغاندا) 100 گرامدىن كۆپ بولغانلار؛

(2) كەندىر يېغى 5000 گرامدىن، كەندىر يېغى قېتىشمىسى 10 مىڭ گرامدىن، كەندىر يوپۇرمىقى ۋە نەشىسى 150 مىڭ گرامدىن كۆپ بولغانلار؛

(3) كوكائىن 50 گرامدىن كۆپ بولغانلار؛

(4) مورفىن 100 گرامدىن كۆپ بولغانلار؛

(5) دولانتىن 250 گرامدىن كۆپ بولغانلار (100مىللىگىراملىق ئوكۇل دورىسى 2500 تالدىن كۆپ، 50 مىللىگىراملىق ئوكۇل دورىسى 5000 تالدىن كۆپ بولغانلار؛ 25 مىللىگىراملىق تابلېت دورىسى 10 مىڭ تالدىن كۆپ، 50 مىللىگىراملىق تابلېت دورىسى 5000 تالدىن كۆپ بولغانلار)؛

(6) دىھىدرو ئېتورفىن ھىدروخلورىدى 10 مىللىگرامدىن كۆپ بولغانلار

(20 مىللىگىراملىق ئوكۇل دورىسى ياكى تابلېت دورىسى 500 تالدىن كۆپ بولغانلار)؛

(7) كاففېنى 200 مىڭ گرامدىن كۆپ بولغانلار؛

(8) كۆكنار غوزىكى 200 مىڭ گرامدىن كۆپ بولغانلار؛

(9) يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن زەھەردىن باشقا زەھىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولغانلار.

 2-ماددا تۆۋەندىكى زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنى ئېلىپ ساتقان، توشۇغان، ياسىغان، ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرغانلارنى جىنايى ئىشلار قانۇنى 347-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدا، 348-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «باشقا زەھىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولغانلار» دەپ بېكىتىش لازىم:

(1) ئامېتامىن تۈرىدىكى زەھىرى (مېتىلامفېتامىننى ھېسابقا ئالمىغاندا) 20 گرامدىن كۆپ، 100 گرامدىن ئاز بولغانلار؛

(2) كەندىر يېغى 1000 گرامدىن كۆپ، 5000 گرامدىن ئاز بولغانلار، كەندىر يېغى قېتىشمىسى 2000 گرامدىن كۆپ، 10 مىڭ گرامدىن ئاز بولغانلار، كەندىر يوپۇرمىقى ۋە نەشىسى 30 مىڭ گرامدىن كۆپ، 150 مىڭ گرامدىن ئاز بولغانلار؛

(3) كوكائىن 10 گرامدىن كۆپ، 100 گرامدىن ئاز بولغانلار؛

(4) مورفىن 20 گرامدىن كۆپ، 100 گرامدىن ئاز بولغانلار؛

(5) دولانتىن 50 گرامدىن كۆپ، 250 گرامدىن ئاز بولغانلار (100مىللىگىراملىق ئوكۇل دورىسى 500 تالدىن كۆپ، 2500 تالدىن ئاز بولغانلار، 50 مىللىگىراملىق ئوكۇل دورىسى 1000 تالدىن كۆپ، 5000 تالدىن ئاز بولغانلار، 250 مىللىگىراملىق تابلېت دورىسى 2000 تالدىن كۆپ، 10 مىڭ تالدىن ئاز بولغانلار؛ 50 مىللىگىراملىق تابلېت دورىسى 1000 تالدىن كۆپ، 5000 تالدىن ئاز بولغانلار)؛

(6) دىھىدرو ئېتورفىن ھىدروخلورىد 2 مىللىگرامدىن كۆپ، 10 مىللىگرامدىن ئاز بولغانلار (20 مىللىگىراملىق ئوكۇل دورىسى ياكى تابلېت دورىسى 100 تالدىن كۆپ، 500 تالدىن ئاز بولغانلار)؛

(7) كاففېنى 50 مىڭ گرامدىن كۆپ، 200 مىڭ گرامدىن ئاز بولغانلار؛

(8) كۆكنار غوزىكى 50 مىڭ گرامدىن كۆپ، 200 مىڭ گرامدىن ئاز بولغانلار؛

(9) يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن زەھەردىن باشقا زەھىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولغانلار.

3–ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، جىنايى ئىشلار قانۇنى 347-ماددىسىنىڭ 4-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن «قىلمىشى ئېغىر» دەپ بېكىتىلسە بولىدۇ:

(1) ئەپيۇن ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنى ئېلىپ ساتقان، توشۇغان، ياسىغان ئەپيۇنى 140 گرامدىن كۆپ، 200 گرامدىن ئاز، خروئىنى ياكى مېتىلامفېتامىنى يەتتە گرامدىن كۆپ، ئون گرامدىن ئاز بولسا ياكى باشقا مىقدارى زەھەرنىڭكىگە باراۋەر بولسا؛

(2) دۆلەت خادىملىرى زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنى ياسىغان، توشۇغان، ئېلىپ ساتقان بولسا؛

(3) زەھەر تاشلىتىلىدىغانلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدا زەھەر ئېلىپ ساتقان بولسا؛

(4) زەھەرنى كۆپ ئادەمگە ياكى كۆپ قېتىم ئېلىپ ساتقان بولسا؛

(5) باشقا ئېغىر قىلمىشى بولسا.

4-ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنسىز توشۇپ، ئېلىپ مېڭىپ چېگرىدىن كىرگۈزگەن-چىقارغان ياكى چېگرا ئىچىدە قانۇنسىز ئېلىپ ساتقان ئاتسېتىك ئانگىدرىد ، ئېفىر، خلوروفورم ياكى زەھەر ياسايدىغان باشقا خام ئەشيا ياكى ياسالمىسى تۆۋەندىكى مىقدار ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا، جىنايى ئىشلار قانۇنى 350-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ:

(1) ئېفىدرىن، ساختا ئېفىدرىن ياكى ئۇنىڭ تۈرى ۋە ئاددىي رېتسىپ ياسالمىسى 5000 گرامدىن كۆپ، 50 مىڭ گرامدىن ئاز بولسا؛ چاكاندا مەلھىمى، چاكاندا پاراشوكى 100 مىڭ گرامدىن كۆپ، 1 مىليون گرامدىن ئاز بولسا؛

(2) ئاتسېتىك ئانگىدرىد، خلوروفورمى 200 مىڭ گرامدىن كۆپ، 2 مىليون گرامدىن ئاز بولسا؛

(3) ئېفىر 400 مىڭ گرامدىن كۆپ، 3 مىليون گرامدىن ئاز بولسا؛

(4) يۇقىرىقى خام ئەشيا ياكى ياسالمىدىن سىرت، زەھەر ياسايدىغان باراۋەر مىقداردىكى باشقا خام ئەشيا ياكى ياسالما بولسا.

دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنسىز توشۇپ، ئېلىپ مېڭىپ چېگرىدىن كىرگۈزگەن-چىقارغان ياكى چېگرا ئىچىدە ئېلىپ ساتقان زەھەر ياسايدىغان خام ئەشيا ياكى ياسالمىسى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن مىقدار ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەنلەرنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى 350-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن «مىقدارى كۆپ بولغانلار» دەپ بېكىتىش لازىم.

5-ماددا قانۇنسىز تېرىغان كەندىرى 5000 تۈپتىن كۆپ، 30 مىڭ تۈپتىن ئاز بولغانلارنى جىنايى ئىشلار قانۇنى 351-ماددىسىنىڭ 1-تارماق (1) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن قانۇنسىز تېرىغان كەندىرىنىڭ «مىقدارى كۆپ بولغانلار» دەپ بېكىتىش كېرەك؛ قانۇنسىز تېرىغان كەندىرى 30 مىڭ تۈپتىن كۆپ بولغانلارنى جىنايى ئىشلار قانۇنى 351-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن قانۇنسىز تېرىغان كەندىرىنىڭ «مىقدارى كۆپ بولغانلار» دەپ بېكىتىش لازىم.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/23/c_131545942_3.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#