بۇلاقتاغ مەنزىرە رايونى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇلاقتاغ مەنزىرە رايونى مەنزىرىسى گۈزەل بولغان سۈزۈك بولاق، سۇ مۇنارى، ھەسەن-ھۈسەن كۆۋرۈكى، ئارشاڭ تېغىدىن ئىبارەت تۆت تاغ جىلغىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مەجنۇنتاللار سايە تاشلىغان، رەڭگا-رەڭ گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن، بۈك - باراقسان مەنزىرىسى سىزنى تەبىئەتنىك گۈزەللىكلىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندۇرىدۇ. جىلغا ئىچىدە چوڭ-كىچىك نەچچە ئون بۇلاقتىن توختىماي ئېتىلىپ چىقىدىغان سۈزۈك سۇلار يىغىلىپ ئېرىق ھاسىل قىلغان بولۇپ، پىژغىرىم ياز كۈنلىرىدە، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇلار ئايىغى ئۈزۈلمەي كىلىپ- كېتىۋاتقان ساياھەتچىلەرگە سالقىن، ئارامبەخش ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ. قىش كىلىشى بىلەن، جىلغا سىرتىدىكى دەريا سۈيى مۇز بولۇپ قاتىدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى بولاقلاردىن ھارارەتلىك سۇلار توختىماي ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدۇ.
دەرۋازىسى
بۇ يەرگە كەلگەندە ئالدى بىلەن كۆزگە چېلىقىدىغىنى يېڭى ۋە ئۆزگىچە ھەم ئىنتايىن ھەيۋەتلىك مەنزىرە رايونى بۇ بىر چىڭ سۇلالىسىدىكى قەۋەتلىك بىنا قەدىمكى ئايۋانلىق ئىمارەتكە تەقلىدىي قىلىنغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 285 كۋادرات مېتىر، ئاساسىي بىناسى 14 مېتىردىن چوڭ، يېرىم يۇمىلاق شەكىل كىرىش ئارىلىقى 14.26 مېتىر، ئۇنىڭ غايەت زور ياي شەكىللىك سىزىق بىلەن تۈگمەن دەريا سۈيى شىددەت بىلەن ئېقىپ ئۆز - ئارا نۇر چاچىدۇ. ئۆگزە ۋە لىمغا رەسىم سىزىلغان، رەڭگى ئىنتايىن چىرايلىق.
ئارشاڭ
بۇلاقتاغدىكى ئارشاڭ سۈيىنىڭ مۇقىم تېمپىراتۇرىسى 28 سېلىتسىيە گرادۇستىن 30 گرادۇسقىچە بولۇپ، تەركىبىدە كالىي، ناترىي، گۈڭگۈرت، فوسفور قاتارلىق ئون نەچچە خىل ئىلمېنىت بار. رېماتىزىم، ساختا رېماتىزىم، سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، بۇ ئارشاڭغا داۋالىنىش ئۈچۈن كىلىدىغانلار ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.
شەھەر مەركىزىدىن بۇلاقتاغ مەنزىرە رايونىغا 4، 34، 104، يول ئاپتوبۇس بىلەن بارغىلى بولىدۇ؛
بۇلاقتاغ باغچىسى شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونىغا جايلاشقان، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 3 كىلومېتىر؛
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.