قۇياش سىستېمىسى

قۇياش سىستېمىسى

قۇياش سىستېمىسى قۇياشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئوت ھالىتىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ھەركەت قىلىدىغان ئاسمان جىسىملىرىنىڭ سىستېمىسى بولۇپ، ئاساسەن قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ، يەر شارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 

ئۇيغۇرچە نامى قۇياش سىستېمىسى
چەتئەلچە نامى Solar System
خەنزۇچە نامى 太阳系

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇياش سىستېمىسىقۇياش سىستېمىسى قۇياشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئوت ھالىتىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ھەركەت قىلىدىغان ئاسمان جىسىملىرىنىڭ سىستېمىسى بولۇپ، ئاساسەن قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ، يەر شارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. توققۇز چوڭ سەييارىنى ۋە بۇ سەييارىلەرنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئاي قاتارلىق 50 تىن ئارتۇق ھەمراھنى، 10 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك سەييارىنى، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارنى، ئاقار يۇلتۇزلارنى، شۇنىڭدەك يۇلتۇزلار ئارا گاز جىسىملار ۋە چاڭ - توزانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

ئالەملىك تارتىشىش كۈچى

قۇياش سىستېمىسىئاسمان جىسىملىرىنىڭ بۇ چوڭ ئائىلىسىدە قۇياش ئەڭ چوڭ بولۇپ، بارلىق ئاسمان جىسىملىرى مەلۇم ئوربىتا بويىچە ئۇنى چۆرىدەپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بەزىدە بىرقانچە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ۋە ئاقار يۇلتۇزنىڭ تاسادىپىي سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە ھەرىكەت ئوربىتىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ، شۇنداقتىمۇ يەنىلا قۇياشنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتەلمەي قۇياشنى سوقىچاق شەكلىدە ئايلىنىدۇ. قۇياش خۇددى بىر شەكىلسىز ئارغامچا بىلەن پۈتۈن ئاسمان جىسىملىرىنى ئۆزىگە تارتىپ بىللە ئايلاندۇرۇۋاتقان چەكسىز بوشلۇقتىكى شارلار توپىغا ئوخشايدۇ. بۇ «ئارغامچا» دەل «ئالەملىك تارتىشىش كۈچى» دېيىلىدۇ. 

 تۇرغۇن يۇلتۇز

قۇياش سىستېمىسىقۇياش سىستېمىسى ئىچىدە قۇياش ئالاھىدە «نوپۇز» غا ئىگە. ئۇنىڭ ماسسىسى پۈتۈن قۇياش سىستېمىسى ئومۇمىي ماسسىسىنىڭ %9.99 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇ ھەم قۇياش سىستېمىسىدىكى ئۆزىدىن يورۇقلۇق تارقىتالايدىغان بىردىنبىر تۇرغۇن يۇلتۇزدۇر، ئەتراپتىكى باشقا ئەزالارنىڭ ھەممىسى پەقەت قۇياش نۇرىنى قايتۇرۇش ئارقىلىقلا نۇر تارقىتالايدۇ. قۇياش سىستېمىسىنىڭ بوشلۇقتا ئىگىلىگەن دائىرىسى ناھايىتى چوڭ، ئەگەر قۇياشقا ئەڭ يىراق سەييارە — پلۇتوننىڭ ئوربىتىسىنى قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چېتى دەپ ھېسابلىساق، ئۇ چاغدا بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ ئالەمدە ئىگىلىگەن دائىرىسىنىڭ دىئامېتىرى 12 مىليارد كىلومېتىر كېلىدۇ. 

قۇياش سىستېمىسىتوققۇز چوڭ سەييارە قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي ئەزالىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مېركۇرىينىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن، قالغانلىرى رەت تەرتىپى بويىچە ۋېنېرا، يەر شارى، مارس، يۇپىتېر، ساتۇرن، ئۇران، نېپتۇن، پلۇتونلاردىن ئىبارەت. يەنە نەچچە يۈز مىڭلىغان كىچىك سەييارىلەر بار بولۇپ، ئاساسلىقى مارس بىلەن يۇپىتېر ئارىسىغا توپلاشقان، ئەگەر توققۇز چوڭ سەييارىنى چوڭ - كىچىكلىك تەرتىپى بويىچە قاتار تىزساق، ئەڭ چوڭى يۇپىتېر بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ساتۇرن، ئۇران، نېپتۇن، يەر شارى، ۋېنېرا، مارس، مېركۇرىي كېلىدۇ. پلۇتوننىڭ دىئامېتىرى 3000 كىلومېتىردىن 3600 كىلومېتىرغىچە بولۇشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلىمەكتە، ئەگەر مۇشۇ سان ئېتىراپ قىلىنسا، توققۇز چوڭ سەييارە ئىچىدە پلۇتون ئەڭ كىچىك سەييارە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ئوخشاش ئەمەس، شۇڭا، ئۇلارنىڭ ھەربىرىدە تۇرۇپ قۇياشقا نەزەر سالغاندا، قۇياشنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىمۇ ئوخشاش كۆرۈنمەيدۇ.

قۇياش سىستېمىسى ئۆز نۆۋىتىدە سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ناھايىتى كىچىك بىر قىسمى بولۇپ، قۇياشنىڭ ئۆزىمۇ سامان يولىسېستىمىسى تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئائىلىسىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئالەمنىڭ مەركىزى ئەمەس ھەم سامانيولىسىستېمىسىنىڭمۇ مەركىزى ئەمەس، ئۇ قۇياش سىستېمىسىدىكى بارلىق ئەزالىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ. 

      يىراق قەدىمكى زامانلاردا مېركۇرىي، ۋېنېرا، مارس، يۇپىتېر ۋە ساتورندىن ئىبارەت بەش سەييارە بايقالغان. ئەينى زاماندا كىشىلەر يەر شارىنى ئالەمنىڭ مەركىزى دەپ قارىغان. 16 – ئەسىرگە كەلگەندە، پولشا ئاسترونومى كوپېرنىك يەر شارى قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان سەييارە دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدىن ئىبارەت، كىشىلەر قۇياش سىستېمىسىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى بىلىشكە باشلىغان.

   قۇياش ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتقان ئاسمان جىسىملىرى بىرلىكتە قۇياش سىستېمىسى چوڭ ئائىلىسىنى تەشكىل قىلغان. بۇ چوڭ ئائىلىدە قۇياشتىن باشقا يەنە سەييارىلەر، سەييارىلەرنىڭ ھەمراھلىرى، كىچىك سەييارىلەر، كومېتىلار ۋە بەزى يۇلتۇزلار ئارا ماددىلار بار.

      نۇرغۇنلىغان ئالىملارنىڭ قارىچە، ئەڭ دەسلەپتە ئالەمدە گازلار ۋە چاڭ – توزانلاردىن تەشكىل تاپقان چوڭ تۇمانلىق بولغان. كېيىنچە، ماددىلار تەدرىجىي مەركەزگە قاراپ يىغىلىپ بارغان، مەركىزى بارغانسېرى ئىسسىپ، ئەڭ ئاخىرى قۇياش ھاسىل بولغان، قېپقالغان پارچە ماددىلاردىن سەييارىلەر شەكىللىنىپ، قۇياش ئەتراپىنى چۆرىدەپ ئايلانغان؛ تېخىمۇ كىچىك پارچە ماددىلاردىن كىچىك سەييارىلەر ۋە كومېتىلار ھاسىل بولغان. تەخمىنەن بۇنىڭدىن 5 مىليارد يىلنىڭ ئالدىدا، قۇياش سىستېمىسى شەكىللىنىشكە باشلىغان.[2]

قۇياش سىستېمىسىئالەمدە «قۇياش سىستېمىسى» پەقەت بىرلا ئەمەس.1983 - يىلى8 - ئايدا ئامېرىكا ئالىملىرى قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا يەنە بىر «قۇياش سىستېمىسى» نىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تېلېسكوپ ئارقىلىق بىر قىسىم ئاسمان جىسىملىرىنىڭ توقۇمىچى قىز يۇلتۇزىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا مەۋجۇت بولۇپ ئۇنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغانلىقىنى ھەم ئۇلارنىڭ قۇرۇلمىسى قۇياش سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ بايقاش ئارقىلىق ئىنسانلار قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى «قۇياش سىستېمىسى» نى كۆزىتىش ۋە سېلىشتۇرما تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى، ئىنسانلار قۇياش سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىش جەريانىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئالەمنىڭ سىرىنى ئېچىپ، ئاسمان جىسىملىرىغا بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغۇسى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

2.

بەشتاش تورى:قۇياش سىستىمىسى 

http://www.baxtax.biz/paydilinishmatiriyalliri/2353.html

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/5290.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (7 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    85.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    14.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#